bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Joshua 14
Joshua 14
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 13
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 15 →
1
ئىسرائىل خەلقىنىڭ قالغان قەبىلىلىرى روھانىي ئەلئازار، نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ۋە قەبىلە ئاقساقاللىرىنىڭ تەقسىم قىلىپ بېرىشى بىلەن كەنئان زېمىنىغا ئىگە بولدى.
2
يەنى بۇ زېمىنلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە بۇيرۇغىنى بويىچە چەك تاشلاپ، توققۇز يېرىم قەبىلىگە تەقسىم قىلىنىپ بېرىلدى.
3
مۇسا پەيغەمبەر ئىككى قەبىلە ۋە يەنە بىر قەبىلىنىڭ يېرىمىغا ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى زېمىنلارنى تەقسىم قىلغان، ئەمما لاۋىي قەبىلىسىگە زېمىن تەقسىم قىلىپ بەرمىگەنىدى.
4
يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى ماناسسە ۋە ئەفرايىم دەپ، ئىككى قەبىلىگە ئايرىلاتتى. لاۋىي قەبىلىسىگە ھېچقانداق زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلمىگەنىدى. ئۇلارغا پەقەت ياشىشى ئۈچۈن ئەتراپىدا مال-چارۋا باقىدىغان ئوتلاقلىرى بولغان شەھەرلەر بېرىلگەنىدى.
5
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار بۇ زېمىنلارنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە بۇيرۇغىنى بويىچە بۆلۈشۈۋالدى.
6
ئىسرائىللار گىلگالدا قارارگاھ قۇرۇپ تۇرۇۋاتقان چاغدا، يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ بىر قىسىم ئادەملىرى يوشۇۋانىڭ ئالدىغا كىرىپ كېلىشتى. قېناز جەمەتىدىن بولغان يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى: _ كادېش-بارنېيادا پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ يېقىن ئادىمى مۇسا پەيغەمبەرگە سەن ۋە مەن توغرۇلۇق نېمىلەرنى دېگەنلىكىنى بىلىسەن.
7
پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا مېنى بىز بارىدىغان زېمىنلارنى چارلاپ كېلىشكە ئەۋەتكەنىدى. شۇ چاغدا مەن قىرىق ياشتا ئىدىم. مەن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مۇسا پەيغەمبەرگە شۇ زېمىنلاردا كۆرگەنلىرىمنى ئەينەن ئېيتتىم.
8
مەن بىلەن بىللە بارغان ھەمراھلىرىم «ئۇ زېمىندىكىلەر ۋەھشىي ئىكەن!» دەپ، ئىسرائىللارنى ۋەھىمىگە سېلىپ قويغانىدى، لېكىن مەن ئىككىلەنمەي، پەرۋەردىگارىم خۇدانىڭ بىزنى قوغدايدىغانلىقىغا چىن قەلبىمدىن ئىشەندىم.
9
شۇ چاغدا مۇسا پەيغەمبەر: «سېنىڭ قەدىمىڭ يەتكەن يەرلەرنىڭ ھەممىسى ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا مەڭگۈ تەۋە بولسۇن، چۈنكى سەن پەرۋەردىگارىمىزغا چىن قەلبىڭ بىلەن ئەگەشتىڭ» دەپ قەسەم بەرگەنىدى.
10
ماڭا قارا، پەرۋەردىگار ۋەدە قىلغىنىدەك، ئۇ مېنىڭ ھاياتىمنى ساقلاپ قالدى، شۇڭا مەن ھازىرغا قەدەر ياشاپ كەلدىم. پەرۋەردىگار مۇسا پەيغەمبەرگە ۋەدە قىلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە 45 يىل ئۆتۈپ كەتتى. ئۇ ۋاقىتتا ئىسرائىل خەلقى چۆل-باياۋانلاردا سەرگەردان بولۇپ يۈرۈۋاتقانىدى. ماڭا قارا، مەن ھازىر 85 ياشقا كىردىم.
11
مەن ھازىرمۇ مۇسا پەيغەمبەر مېنى چارلاشقا ئەۋەتكەن چاغدىكىدەك تىمەن تۇرۇپتىمەن، ھازىرمۇ شۇ چاغدىكىدەك ئۇرۇش ۋە باشقا ھەممە ئىشلارنى قىلالايمەن.
12
پەرۋەردىگارنىڭ شۇ چاغدا ۋەدە قىلغىنى بويىچە بۇ تاغلىق رايونلارنى ماڭا بەرگىن. ئاناقلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ھېلىمۇ شۇ زېمىنلاردا ياشاۋاتقانلىقىنى بىلىسەن، ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى چوڭ ھەم مۇستەھكەم. پەرۋەردىگار ماڭا يار بولغاي. شۇنداق بولسا، پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىدەك ئۇلارنى زېمىنىدىن قوغلىۋېتىمەن.
13
يوشۇۋا يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىبنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، پەرۋەردىگاردىن كالىبغا بەخت تىلىدى ۋە ھىبرون شەھىرىنى ئۇنىڭغا مۈلۈك قىلىپ بەردى.
14
شۇنىڭدىن بېرى ھىبرون شەھىرى قېناز قەبىلىسىدىن بولغان يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىبنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا تۇرماقتا. چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارغا، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا چىن قەلبى بىلەن ئەگەشكەنىدى.
15
(بۇرۇن ھىبرون شەھىرى قىريات-ئاربا دەپ ئاتىلاتتى. ئاربا ئاناقلارنىڭ ئەۋلادىدىن چىققان ئۇلۇغ قەھرىماندۇر.) شۇنىڭدىن كىيىن بۇ زېمىندا ئۇرۇش ئاخىرلاشتى.
← Chapter 13
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 15 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24