bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Joshua 3
Joshua 3
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 2
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 4 →
1
ئەتىسى سەھەردە يوشۇۋا بىلەن بارلىق ئىسرائىل خەلقى شىتتىمدىكى قارارگاھىدىن قوزغىلىپ، ئىئوردان دەرياسى بويىغا كەلدى ۋە ئۇ يەردە قارارگاھ قۇرۇپ، دەريادىن ئۆتۈشنى كۈتۈپ تۇردى.
2
ئۈچ كۈندىن كېيىن يېتەكچىلەر قارارگاھلارنى ئارىلاپ،
3
خەلققە: _ سىلەر، لاۋىيلاردىن بولغان روھانىيلار پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغانلىقىنى كۆرگەن ھامان، چوقۇم قارارگاھىڭلاردىن ئايرىلىپ، ئۇلارغا ئەگىشىپ مېڭىڭلار.
4
سىلەر بۇ يەرلەرگە كېلىپ باقمىغاچقا، ئۇلار ئالدىدا يول باشلاپ ماڭىدۇ. بىراق سىلەر ئەھدە ساندۇقىغا يېقىنلاشماي، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن بىر كىلومېتىر ئارىلىق تاشلاپ مېڭىڭلار، _ دەپ ئۇقتۇردى.
5
كېيىن يوشۇۋا خەلققە مۇنداق دېدى: _ سىلەر ئۆزۈڭلارنى پاكلاڭلار. ئەتە پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۇلۇغ مۆجىزە يارىتىدۇ.
6
ئەتىسى ئەتىگەندە يوشۇۋا روھانىيلارغا مۇنداق دېدى: _ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ، خەلقنىڭ ئالدىدا مېڭىڭلار. شۇنىڭ بىلەن روھانىيلار ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ خەلقنىڭ ئالدىدا ماڭدى.
7
پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى: _ بۈگۈندىن باشلاپ سېنى پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدا كۆككە كۆتۈرىمەن. شۇنداق بولغاندا، ئۇلار مېنىڭ مۇساغا يار بولغىنىمدەك، ساڭىمۇ يار بولغانلىقىمنى بىلەلەيدۇ.
8
سەن ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان روھانىيلارغا مېنىڭ ئەمرىمنى يەتكۈزگىن، ئۇلار ئىئوردان دەرياسى بويىغا كەلگەندە، دەريانىڭ ئىچىدە تۇرسۇن.
9
كېيىن يوشۇۋا ئىسرائىل خەلقىگە مۇنداق دېدى: _ كېلىڭلار، پەرۋەردىگار خۇدانىڭ سىلەرگە دېگەن سۆزلىرىنى ئاڭلاڭلار.
10
سىلەر مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ ئاراڭلاردا ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۇنىڭ سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا كەنئانلارنى، خىتلارنى، خىۋلارنى، پەرىززىلەرنى، گىرگاشلارنى، ئامورلارنى ۋە يىبۇسلارنى زېمىنلىرىدىن چوقۇم قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر.
11
قاراڭلار، پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىگىسىنىڭ ئەھدە ساندۇقى سىلەردىن بۇرۇن ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ.
12
سىلەر ھازىر ئىسرائىللارنىڭ ھەربىر قەبىلىسىدىن بىردىن، جەمئىي 12 ئەرنى تاللاڭلار.
13
پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىگىسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلارنىڭ ئايىغى سۇغا تەگكەن ھامان، ئېقىۋاتقان دەريا سۈيى شۇ ھامان توختاپ، دەريانىڭ يۇقىرىسىدا بىر يەرگە يىغىلىدۇ.
14
شۇنىڭ بىلەن خەلق قارارگاھلىرىدىن چىقىپ ئىئوردان دەرياسىغا قاراپ ماڭدى. ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار ئۇلاردىن بۇرۇن ماڭدى.
15
ھوسۇل مەزگىلىدە ئىئوردان دەرياسى قىنىغا پاتماي، قىرغاقلاردىن تېشىپ ئاقاتتى. ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار دەريا بويىغا كېلىپ، دەرياغا كېچىشى ھامان،
16
يۇقىرىدىن ئېقىپ كېلىۋاتقان دەريا سۈيى شۇ ھامان ئېقىشتىن توختاپ، زارىتان دېگەن جايدىكى ئادام شەھىرىدىن خېلى يىراقتىكى بىر جايغا يىغىلىپ قالدى. ئۆلۈك دېڭىز ، يەنى تۇز دېڭىزىغا قاراپ ئېقىۋاتقان تۆۋەنكى ئېقىن سۈيىمۇ پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن خەلق ئېرىخا شەھىرىگە يېقىن يەردە دەريادىن ئۆتتى.
17
ئىسرائىل خەلقى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈۋاتقاندا، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار، قۇرۇپ كەتكەن دەريا ئېقىنىنىڭ ئوتتۇرىسىدا توختاپ، پۈتكۈل خەلق دەريادىن ئۆتۈپ بولغۇچە ساقلاپ تۇردى.
← Chapter 2
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 4 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24