bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Joshua 5
Joshua 5
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 4
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 6 →
1
ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئامورلارنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى ۋە ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى كەنئاننىڭ بارلىق پادىشاھلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارنىڭ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈچە دەريا سۈيىنى قانداق قۇرۇتۇپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلاپ، قورقۇنچ ئىچىدە يۈرەكلىرى سۇ بولۇپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردا ئىسرائىللارغا تاقابىل تۇرغۇدەك جاسارەت قالمىدى.
2
بۇ چاغدا پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى: _ سەن چاقماق تېشىنى پىچاق قىلىپ، ئىسرائىل خەلقىنىڭ بۇ يېڭى ئەۋلادىنىڭ خەتنىسىنى قىلغىن.
3
شۇنىڭ بىلەن يوشۇۋا چاقماق تېشىدىن پىچاق ياساپ، «خەتنە مۇراسىم تېغى» دېگەن جايدا ئىسرائىللارنىڭ خەتنىسىنى قىلدۇردى.
4
چۈنكى ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئۇرۇش قىلالايدىغان ئەرلەرنىڭ ھەممىسى چۆل-باياۋانلاردىكى سەپەردە ئۆلۈپ كەتكەنىدى.
5
ئەسلىدە ئۇلارنىڭ ھەممىسى خەتنە قىلىنغانىدى، ئەمما چۆل-باياۋاندىكى سەپەر ئۈستىدە تۇغۇلغانلار خەتنە قىلىنمىغانىدى.
6
ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىن، ئىچىدىكى ئۇرۇش قىلالايدىغان ئەرلەرنىڭ ھەممىسى تاكى ئۆلۈپ تۈگىگۈچە، قىرىق يىل چۆل-باياۋانلارنى كېزىپ، سەرگەردان بولۇپ يۈردى. چۈنكى ئۇلار خۇداغا ئىتائەت قىلمىغانىدى. پەرۋەردىگار: «ئەجدادلىرىڭلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىننى سىلەرگە كۆرسەتمەيمەن» دەپ قەسەم ئىچكەنىدى.
7
پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئورنىغا، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى شۇ زېمىنغا يەتكۈزدى. يوشۇۋا مانا شۇلارنىڭ خەتنىسىنى قىلدى. ئىلگىرى ئۇلار سەپەر ئۈستىدە بولغانلىقتىن خەتنە قىلىنمىغانىدى.
8
بارلىق ئەرلەرنىڭ خەتنىسى قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇلار ساقايغۇچە شۇ قارارگاھتا تۇردى.
9
پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى: _ بۈگۈن مەن سىلەردىن مىسىردا قۇل بولۇپ تارتقان خورلۇقۇڭلارنى ئېلىپ تاشلىدىم. شۇڭا بۇ يەر شۇنىڭدىن بېرى «گىلگال» [ئىبرانىي تىلىدىكى «ئېلىپ تاشلاش» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.
10
شۇ ئاينىڭ 14-كۈنى كەچتە ئىسرائىللار ئېرىخا تۈزلەڭلىكىدىكى گىلگالدا قۇرغان قارارگاھتا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزدى.
11
ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتۈپ ئىككىنچى كۈنى، ئۇلار شۇ يەرنىڭ ئاشلىقلىرىدىن پېتىر نان ۋە قوماچنى يېيىشتى.
12
ئىسرائىل خەلقى شۇ زېمىننىڭ ئاشلىقلىرىنى يېگەن كۈندىن باشلاپ، ماننا چۈشۈرۈلۈشتىن توختىدى. شۇ يىلدىن باشلاپ ئۇلار ماننانى ئەمەس، كەنئاندىن چىقىدىغان ئاشلىقنى يەيدىغان بولدى.
13
يوشۇۋا ئېرىخا شەھىرىگە يېقىنلاپ قالغان چاغدا، قولىدا قىلىچ تۇتقان بىر كىشىنى كۆردى. يوشۇۋا ئۇنىڭدىن: _ سەن بىز تەرەپنىڭكىمۇ ياكى دۈشمەن تەرەپنىڭكىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.
14
ئۇ ئادەم جاۋابەن: _ ھېچقايسى تەرەپنىڭ ئەمەس، مەن پەرۋەردىگارنىڭ قوشۇنىغا سەركەردە بولۇشقا كەلدىم، _ دېدى. ئاندىن يوشۇۋا يەرگە باش قويۇپ، تەزىم قىلىپ: _ تەقسىر، خىزمەتكارلىرىغا نېمە بۇيرۇقلىرى باركىن؟ _ دەپ سورىدى.
15
پەرۋەردىگار قوشۇنىنىڭ سەركەردىسى ئۇنىڭغا: _ سەن دەسسەپ تۇرغان يەر مۇقەددەس يەردۇر، شۇڭا چورۇقۇڭنى سال! _ دېدى. يوشۇۋا ئۇنىڭ دېگىنىنى بەجا كەلتۈردى.
← Chapter 4
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 6 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24