bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Joshua 17
Joshua 17
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 16
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 18 →
1
يۈسۈپنىڭ چوڭ ئوغلىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان ماناسسە قەبىلىسىدىكىلەرگە زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلدى. (ماناسسەنىڭ چوڭ ئوغلى ماكىر گىلئادنىڭ ئاتىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى باتۇر جەڭچىلەردىن بولغاچقا، گىلئاد زېمىنى ۋە باشان زېمىنى ئۇلارغا بۇرۇنلا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەنىدى.)
2
ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىدىكى باشقا زېمىنلار ماناسسەنىڭ قالغان ئەۋلادلىرىغا جەمەتلەر بويىچە، يەنى ئابىئەزەر، خېلەق، ئاسرىئېل، شەكەم، خېفەر ۋە شىمىدا قاتارلىق جەمەتلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىلدى. بۇ جەمەتلەر يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسەنىڭ ئەر ئەۋلادلىرى ئىدى.
3
ئەمما خېفەرنىڭ ئوغلى، يەنى گىلئادنىڭ نەۋرىسى، ماكىرنىڭ ئەۋرىسى، ماناسسەنىڭ چەۋرىسى بولغان زىلوفخادنىڭ ئوغلى يوق ئىدى، پەقەت قىزلىرىلا بار ئىدى. بۇ قىزلارنىڭ ئىسىملىرى ماخلاھ، نوئاھ، خوگلاھ، مىلكاھ ۋە تىرزاھ ئىدى.
4
ئۇلار روھانىي ئەلئازار، نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ: _ پەرۋەردىگار مۇسا پەيغەمبەرگە، قەبىلىمىزدىكى ئەرلەرگە ئوخشاش بىزگىمۇ زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىشنى بۇيرۇغانىدى، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن يوشۇۋا پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە، تاغىلىرىغا ئوخشاش ئۇلارغىمۇ يەر تەقسىم قىلىپ بەردى.
5
شۇنداق قىلىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقىدىكى گىلئاد زېمىنى بىلەن باشان زېمىنىدىن باشقا، ماناسسە قەبىلىسىگە يەنە ئون پارچە زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلدى.
6
ماناسسە قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ ئايال ئەۋلادلىرىمۇ ئەر ئەۋلادلارغا ئوخشاش بىر پارچىدىن يەرگە ئىگە بولدى. گىلئاد زېمىنى ماناسسە قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ قالغان ئەر ئەۋلادلىرىغا تەقسىم قىلىپ بېرىلدى.
7
ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ماناسسە قەبىلىسىنىڭ پاسىلى، شىمالدا ئاشېر قەبىلىسىنىڭ پاسىلىغا تۇتۇشىپ، جەنۇبتا شەكەم شەھىرىگە يېقىن بولغان مىكمىتات شەھىرىگە سوزۇلۇپ، مىكمىتات شەھىرىدىن يەنىمۇ جەنۇبقا ئىلگىرىلەپ، ئېن-تاپپۇۋاخلار ياشاۋاتقان زېمىنغا تۇتىشاتتى.
8
تاپپۇۋاخ شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى زېمىنلار ماناسسە قەبىلىسىگە تەۋە بولدى، ئەمما ماناسسە قەبىلىسى زېمىنىدىكى تاپپۇۋاخ شەھىرى ئەفرايىم قەبىلىسىگە تەۋە ئىدى.
9
ماناسسە قەبىلىسنىڭ جەنۇبىي پاسىلى قاناھ جىلغىسىغا تۇتىشاتتى. ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەھەرلىرى ئىچىدە ئەفرايىم قەبىلىسىگە تەقسىم قىلىنغان شەھەرلەرمۇ بار ئىدى. ئەمما ماناسسە قەبىلىسىنىڭ پاسىلى قاناھ جىلغىسىنىڭ شىمال تەرىپىدىن ئۆتۈپ، ئوتتۇرا دېڭىزغا تۇتىشاتتى.
10
ئەفرايىم زېمىنى بولسا قاناھ جىلغىسىنىڭ جەنۇبىدا، ماناسسە قەبىلىسىنىڭ زېمىنى بولسا دەريانىڭ شىمالىدا ئىدى. ئوتتۇرا دېڭىز بولسا ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي پاسىلى بولۇپ، ئۇلارنىڭ زېمىنى شىمالدا ئاشېر قەبىلىسىنىڭ پاسىلىغا، غەربتە ئىسساكار قەبىلىسىنىڭ پاسىلىغا تۇتىشاتتى.
11
ماناسسە قەبىلىسىگە بېرىلگەن بەيتشان، يىبلىئام، دور، يەنى نافەتدور، ئېندور، تاناك ۋە مىگىددو قاتارلىق شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار ئىسساكار قەبىلىسى بىلەن ئاشېر قەبىلىسىنىڭ زېمىنى ئىچىدە ئىدى.
12
ئەمما ماناسسە قەبىلىسى بۇ شەھەرلەرنى ئىگىلىيەلمىدى. شۇ زېمىنلاردا ياشاۋاتقان كەنئانلار داۋاملىق شۇ يەردە ياشاۋەردى.
13
ئىسرائىللار كۈچەيگەندىن كېيىن، كەنئانلارنى قۇلدەك ئىشلەشكە مەجبۇر قىلدى ئەمما ئۇلارنى بۇ زېمىنلاردىن پۈتۈنلەي قوغلاپ چىقارمىدى.
14
يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى يوشۇۋانىڭ ئالدىغا كېلىپ: _ پەرۋەردىگار بىزگە بەرىكەت بەردى. بىزنىڭ ئادەملىرىمىز شۇنچە كۆپ تۇرسا، سەن نېمە ئۈچۈن بىزگە بىر پارچىلا زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىسەن؟ _ دەپ سورىدى.
15
يوشۇۋا ئۇلارغا: _ ئەگەر ئادەملىرىڭلار شۇنچە كۆپ بولسا، ئەفرايىم تاغلىق رايونى سىلەرگە يەتمىگەن بولسا، ئورمانلىقتا ياشاۋاتقان پەرىززىلەر ۋە رافاھلارنىڭ زېمىنىغا بېرىپ، ئورمانلارنى كېسىپ ئۆزۈڭلارغا جاي قىلىڭلار، _ دېدى.
16
يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى جاۋاب قايتۇرۇپ: _ ئەفرايىم تاغلىق رايونى بىزگە تارلىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈزلەڭلىكتىكى بەيتشان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار ۋە يىزرىئەل تۈزلەڭلىكىدە ياشاۋاتقان كەنئانلارنىڭ تۆمۈر بىلەن مۇستەھكەملەنگەن جەڭ ھارۋىلىرىمۇ بار، _ دېيىشتى.
17
يوشۇۋا يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئەفرايىم ۋە ماناسسە قەبىلىسىدىكىلەرگە مۇنداق دېدى: _ سىلەر شۇنچە كۆپ ۋە كۈچلۈك ئىكەنسىلەر، سىلەرگە بىر ئۈلۈشتىن كۆپ زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلىشى كېرەك.
18
تاغلىق رايونلارمۇ سىلەرگە تەۋە بولسۇن. ئۇ يەرلەر گەرچە ئورمانلىق بولسىمۇ، سىلەر ئورمانلارنى كېسىپ، شۇ جايلارنى ئۆزۈڭلارغا زېمىن قىلىڭلار. كەنئانلار كۈچلۈك ھەم ئۇلارنىڭ تۆمۈر بىلەن مۇستەھكەملەنگەن جەڭ ھارۋىلىرى بولسىمۇ، سىلەر ئۇلارنى قوغلاپ چىقىرىۋېتەلەيسىلەر.
← Chapter 16
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 18 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24