bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
2 Kings 11
2 Kings 11
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 10
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 12 →
1
پادىشاھ ئاخازيانىڭ ئانىسى ئاتاليا ئوغلىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، پادىشاھ جەمەتىدىكى بارلىق ئوغۇللارنى ئۆلتۈرۈش نىيىتىگە كەلدى.
2
لېكىن يىھوشەبا ئاخازيانىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغان ئوغۇللىرى ئارىسىدىن يوئاش ئىسىملىك ئوغلىنى ئېلىپ چىقىپ، ئۇنى ئىنىكئانىسى بىلەن بىرگە كىچىك بىر ھۇجرىغا يوشۇرۇپ قويدى. يىھوشەبا پادىشاھ يىھورامنىڭ قىزى، ئاخازيانىڭ سىڭلىسى ۋە باش روھانىي يىھويادانىڭ ئايالى ئىدى. يىھوشەبا بالىنى يوشۇرۇپ قالغاچقا، ئۇ قەتل قىلىنمىدى.
3
ئاتاليا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، يوئاش بىلەن ئۇنىڭ ئىنىكئانىسى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئالتە يىل يوشۇرۇنۇپ تۇردى.
4
يەتتىنچى يىلى باش روھانىي يىھويادا كارلىقلاردىن تەركىب تاپقان ياللانما لەشكەرلەر ۋە مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ يۈزبېشىلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا يىغدى. باش روھانىي ئۇلار بىلەن ئۆزىنىڭ پىلانى ھەققىدە كېلىشتى ۋە ئۇلارغا قەسەم ئىچكۈزدى. ئۇ ئۇلارغا پادىشاھنىڭ ئوغلى يوئاشنى كۆرسىتىپ،
5
مۇنداق بۇيرۇق بەردى: _ سىلەر مۇنداق قىلىڭلار، كېلەركى دەم ئېلىش كۈنى نۆۋەتچىلىك قىلىدىغانلاردىن ئۈچتىن بىرىڭلار پادىشاھ ئوردىسىنى مۇھاپىزەت قىلىڭلار.
6
يەنە بىر ئۈچتىن بىرىڭلار «سۇر دەرۋازىسى»دا مۇھاپىزەتتە تۇرۇڭلار، قالغان ئۈچتىن بىرىڭلار مۇھاپىزەتخانىنىڭ ئارقىسىدىكى دەرۋازىدا مۇھاپىزەتتە تۇرۇڭلار. شۇنداق قىلىپ، سىلەر نۆۋەت بىلەن ئىبادەتخانىنى ساقلاڭلار.
7
كېلەركى دەم ئېلىش كۈنى نۆۋەتچىلىك قىلمايدىغان ئىككى بۆلەكتىكىلەرنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا، پادىشاھلىق تەختىگە چىقىدىغان يوئاشنى مۇھاپىزەت قىلسۇن.
8
ھەممىڭلار قوراللىنىپ، ئۇنىڭ تۆت ئەتراپىدا تۇرۇپ، ئۇنى قوغداڭلار. بىرەرسى سېپىڭلارغا يېقىنلاشسا، ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار. يوئاش مەيلى نەدە تۇرمىسۇن، سىلەر ئۇنىڭ يېنىدىن ئايرىلماڭلار.
9
يۈزبېشىلار باش روھانىي يىھويادانىڭ بۇيرۇقلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىجرا قىلىشتى. شۇ دەم ئېلىش كۈنى كەلگەندە، مەيلى نۆۋەتچىلىكتىن چۈشكەنلەر، مەيلى نۆۋەتچىلىككە چىققانلار بولسۇن، ھەممىسى ئۆز ئادەملىرىنى ئېلىپ، روھانىي يىھويادانىڭ قېشىغا كېلىشتى.
10
باش روھانىي يىھويادا بۇرۇن پادىشاھ داۋۇتقا تەۋە بولغان، ھازىر پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان نەيزە ۋە قالقانلارنى يۈزبېشىلارغا بەردى.
11
مۇھاپىزەتچىلەر قوللىرىدا قورال-ياراغلىرىنى تۇتقان ھالدا ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدا، قۇربانلىق سۇپىسى ۋە يوئاشنىڭ ئەتراپىدا جەنۇبتىن شىمالغىچە يا شەكلىدە تۇرۇشتى.
12
باش روھانىي يىھويادا پادىشاھنىڭ ئوغلى يوئاشنى ئېلىپ چىقىپ، بېشىغا تاج كىيدۈردى. ئۇنىڭغا تەۋرات قانۇنىنى تاپشۇرۇپ، ئۇنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. ئۇلار يوئاشنىڭ بېشىغا زەيتۇن يېغىنى قۇيدى. خەلق چاۋاك چېلىشىپ، «ياشىسۇن پادىشاھ!» دەپ توۋلاشتى.
13
ئاتاليا مۇھاپىزەتچىلەر ۋە خەلقنىڭ توۋلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئىبادەتخانىدىكى كىشىلەرنىڭ يېنىغا باردى.
14
ئۇ يوئاشنىڭ خۇددى پادىشاھلاردەك پادىشاھ تۇرىدىغان جايدا، يەنى تۈۋرۈكنىڭ يېنىدا يۈزبېشىلار ۋە كانايچىلارنىڭ ئارىسىدا تۇرغانلىقىنى، خەلقنىڭ خۇشاللىققا چۆمۈپ، كاناي چېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كىيىملىرىنى يىرتتى ۋە «ئاسىيلىق، ئاسىيلىق!» دەپ ۋارقىراپ كەتتى.
15
باش روھانىي يىھويادا ئاتاليانى ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىدا ئۆلتۈرۈشنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن، قوشۇننىڭ يۈزبېشىلىرىغا: _ بۇ خوتۇننى ئېلىپ چىقىپ كېتىڭلار! كىمكى ئۇنىڭغا ئەگىشىدىكەن، ئۇنى چېپىپ تاشلاڭلار، _ دەپ بۇيرۇدى.
16
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى ئېلىپ چىقىپ، ئوردىنىڭ ئالدىغا ئەكەلدى ۋە ئۇنى ئاتلىقلار كىرىدىغان دەرۋازىدا ئۆلتۈرۈۋەتتى.
17
باش روھانىي يىھويادا يەھۇدىيە خەلقىنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ سادىق خەلقى بولۇشى ئۈچۈن پادىشاھ ۋە خەلق بىلەن پەرۋەردىگار ئوتتۇرىسىدا ئەھدە تۈزدى. ئۇ يەنە پادىشاھ بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدىمۇ ئەھدە تۈزدۈردى.
18
ئاندىن پۈتۈن خەلق بائالنىڭ بۇتخانىسىغا بېرىپ، بۇتخانىنى چېقىۋېتىشتى. ئۇلار بائالنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرى ۋە بۇتلىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ، بائالنىڭ روھانىيسى ماتتاننى قۇربانلىق سۇپىلىرى ئالدىدا ئۆلتۈردى. يىھويادا يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا مۇھاپىزەتچىلەرنى تۇرغۇزدى.
19
ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يۈزبېشىلار، كارلىقلار، مۇھاپىزەتچىلەرنى ۋە شۇ يەردىكى پۈتۈن خەلقنى باشلاپ، پادىشاھنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىن ئېلىپ چىقىپ، مۇھاپىزەتچىلەر دەرۋازىسى ئارقىلىق ئوردىغا كىردى. ئاندىن يوئاش پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇردى.
20
پۈتۈن خەلق خۇشاللىققا چۆمۈپ، شەھەر خاتىرجەم بولدى. چۈنكى ئاتاليا ئوردىنىڭ ئالدىدا قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈلگەنىدى.
21
يوئاش تەختكە چىققان چاغدا 7 ياشتا ئىدى.
← Chapter 10
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 12 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25