bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
2 Kings 22
2 Kings 22
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 21
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 23 →
1
يوشىيا تەختكە چىققان چاغدا 8 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 31 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى يىدىدا بولۇپ، بوزقات شەھىرىدىكى ئادايانىڭ قىزى ئىدى.
2
يوشىيا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. ئۇ ھەر ئىشتا ئەجدادى داۋۇتنىڭ يولىنى تۇتتى، چەتنەپ كەتمىدى.
3
يوشىيا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 18-يىلى ئازاليانىڭ ئوغلى، يەنى مىشۇللامنىڭ نەۋرىسى پۈتۈكچى شافاننى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئەۋەتىپ، مۇنداق دېدى:
4
_ سەن باش روھانىي خىلقىيانىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا ئېيتقىن. پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا يىغىلغان پۇللارنى، يەنى دەرۋازىغا قارايدىغان روھانىيلار خەلقتىن يىغىلغان پۇللارنى تەييارلاپ،
5
پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا مەسئۇل بولغۇچى قۇرۇلۇش نازارەتچىلىرىگە بەرسۇن. ئۇلار بۇ پۇللارنى ئىبادەتخانىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭشايدىغان
6
ياغاچچى، تامچى قاتارلىق قۇرۇلۇشچىلارنىڭ ئىش ھەققىگە بەرسۇن. شۇنداقلا بۇ پۇللار ئىبادەتخانىنى ئوڭشاشقا كېتىدىغان ياغاچ ماتېرىياللارنى ۋە يونۇپ تەييارلانغان تاشلارنى سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىلسۇن.
7
ئەمما نازارەتچىلەرگە بېرىلگەن پۇلنىڭ ھېسابى قىلىنمىسۇن، چۈنكى ئۇلار ئىشنى سەمىمىيلىك بىلەن قىلىدۇ.
8
باش روھانىي خىلقىيا پۈتۈكچى شافانغا: _ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىن تەۋرات قانۇنى يېزىلغان بىر يازمىنى تاپتىم، _ دېدى ۋە يازمىنى ئۇنىڭغا بەردى. شافان ئۇنى ئوقۇدى.
9
ئۇ پادىشاھنىڭ يېنىغا بېرىپ: _ خىزمەتكارلىرى ئىبادەتخانىدىكى پۇللارنى ئېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ئوڭشاشقا مەسئۇل بولغۇچى قۇرۇلۇش نازارەتچىلىرىگە تاپشۇرۇپ بەردى، _ دەپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلدى.
10
ئاندىن شافان يەنە پادىشاھقا: _ باش روھانىي خىلقىيا ماڭا بىر يازما بەردى، _ دېدى ۋە ئۇنى پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئوقۇدى.
11
پادىشاھ تەۋرات قانۇنىدىكى سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ھەسرەتلەندى ۋە كىيىملىرىنى يىرتتى.
12
ئۇ باش روھانىي خىلقىيا، شافاننىڭ ئوغلى ئاخىقام، مىكايانىڭ ئوغلى ئاكبور، پۈتۈكچى شافان ۋە خىزمەتكارى ئاساياغا مۇنداق دەپ بۇيرۇدى:
13
_ ئەجدادلىرىمىز مۇشۇ يازمىغا پۈتۈلگەن سۆزلەرگە قۇلاق سالمىغانلىقتىن ۋە يازمىدىكى ئەمرلەرگە بويسۇنمىغانلىقتىن پەرۋەردىگار بىزگە قاتتىق غەزەپلىنىپتۇ. سىلەر بېرىپ، تېپىلغان مۇشۇ يازمىدىكى سۆزلەر توغرىسىدا مەن ۋە يەھۇدىيە خەلقى ئۈچۈن پەرۋەردىگاردىن كۆرسەتمە سوراڭلار.
14
شۇنىڭ بىلەن باش روھانىي خىلقىيا، ئاخىقام، ئاكبور، شافان، ئاسايالار ئايال پەيغەمبەر خۇلداھ بىلەن كۆرۈشكىلى باردى. ئۇ شاللۇمنىڭ ئايالى ئىدى. شاللۇم تىقۋاھنىڭ ئوغلى، خارخاسنىڭ نەۋرىسى بولۇپ، كىيىم ساقلايدىغان ئامبارنى باشقۇرىدىغان ئادەم ئىدى. خۇلداھ يېرۇسالېمدىكى يېڭى مەھەللىدە ئولتۇراتتى. ئۇلار ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سورىدى.
15
خۇلداھ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنى مەندىن كۆرسەتمە سوراشقا ئەۋەتكەن ئادەمگە بېرىپ ئېيتىڭلار:
16
‹ئاڭلا، مەن دەل يەھۇدىيە پادىشاھى ئوقۇغان ئاشۇ يازمىدا تىلغا ئېلىنغان بالا-قازانى بۇ زېمىنغا ۋە بۇ زېمىندا ياشايدىغانلارغا چۈشۈرىمەن.
17
چۈنكى ئۇلار مەندىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا ئىلاھلارغا قۇربانلىق كۆيدۈرۈپ، غەزىپىمنى كەلتۈردى. غەزەپ ئوتۇم بۇ زېمىنغا تۇتىشىدۇ، ئۆچمەيدۇ›».
18
خۇلداھ ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېدى: _ سىلەرنى پەرۋەردىگاردىن كۆرسەتمە سوراشقا ئەۋەتكەن يەھۇدىيە پادىشاھىغا يەنە مۇنداق دەپ ئېيتىڭلار: «ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا ساڭا مۇنداق دەيدۇ: ‹لېكىن سەن مېنىڭ بۇ زېمىنغا ۋە بۇ زېمىندا ياشايدىغانلارغا ئېيتقان سۆزۈمنى، يەنى ئۇ زېمىن خارابىلىككە ئايلىنىپ، قارغىشقا قالغان زېمىننىڭ مىسالى بولىدۇ، دېگەن سۆزۈمنى ئاڭلاپ، توۋا قىلىپ، ئالدىمدا گۇناھىڭنى تونۇپ، كىيىملىرىڭنى يىرتىپ، يىغلىدىڭ. شۇڭا مەنمۇ سېنىڭ ئىلتىجالىرىڭنى قوبۇل قىلدىم. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.
20
شۇڭا قۇلاق سالغىنكى، مەن بۇ زېمىنغا چۈشۈرىدىغان بالا-قازانى سەن ۋاپات بولۇشتىن بۇرۇن چۈشۈرمەيمەن. سەن قەبرىگە تىنچ ھالدا دەپنە قىلىنىسەن. بۇ بالا-قازالارنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرمەيسەن›». ئۇلار قايتىپ بېرىپ، بۇ سۆزلەرنى پادىشاھقا يەتكۈزدى.
← Chapter 21
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 23 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25