bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
2 Kings 24
2 Kings 24
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 23
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 25 →
1
يىھوياقىمنىڭ ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر يەھۇدىيەگە ھۇجۇم قىلىپ كەلدى. يىھوياقىم ئۈچ يىل ئۇنىڭغا بويسۇنۇپ، ئاندىن ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈدى.
2
پەرۋەردىگار خۇددى ئۆزىنىڭ خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق ئېيتقىنىدەك، يەھۇدىيەنى يەر بىلەن يەكسان قىلىش ئۈچۈن يىھوياقىمغا قارشى بابىل، ئاررام، موئاب ۋە ئاممون قاراقچىلىرىنى ئەۋەتتى.
3
بۇ ئىشنىڭ يەھۇدىيەنىڭ بېشىغا كېلىشى پۈتۈنلەي پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولغانىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار پادىشاھ ماناسسەنىڭ گۇناھلىرى ۋە قىلمىش-ئەتمىشلىرى تۈپەيلىدىن يەھۇدىيەلىكلەرنى ئۆزىنىڭ نەزىرىدىن يىراق قىلماقچىدى.
4
بولۇپمۇ ماناسسە يېرۇسالېمدا قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىپ، بىگۇناھ خەلقنىڭ قېنىنى تۆككەچكە، پەرۋەردىگار ئۇنى ھەرگىز كەچۈرمەيتتى.
5
پادىشاھ يىھوياقىمنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە قىلغان پائالىيەتلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر.
6
يىھوياقىم ۋاپات بولۇپ، ئوغلى يىھوياكىن تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.
7
بۇ چاغدا پىرئەۋن ئۆز زېمىنىدىن سىرتقا يۈرۈش قىلىشقا چىقالمايدىغان بولۇپ قالغانىدى، چۈنكى بابىل پادىشاھى مىسىرنىڭ ئىلگىرىكى بارلىق زېمىنلىرىنى، يەنى فىرات دەرياسىدىن تاكى مىسىرنىڭ شىمالىي چېگراسىغىچە بولغان زېمىنىنى ئىشغال قىلىۋالغانىدى.
8
يىھوياكىن تەختكە چىققان چاغدا 18 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا ئۈچ ئاي ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى يېرۇسالېملىق ئەلناتاننىڭ قىزى نىخۇشتا ئىدى.
9
يىھوياكىن خۇددى ئاتىسىغا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى.
10
بۇ چاغدا بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ قوشۇنى يېرۇسالېمغا كېلىپ، شەھەرنى قورشىۋالدى.
11
ئۇنىڭ قوشۇنى شەھەرنى قورشاپ تۇرغاندا، پادىشاھ نىبۇكادنەزەرنىڭ ئۆزىمۇ يېرۇسالېمغا كەلدى.
12
يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىن ئانىسى، مەسلىھەتچىلىرى، سەركەردىلىرى ۋە ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرگە بابىل پادىشاھىغا تەسلىم بولدى. بابىل پادىشاھى ئۇنى تۇتقۇن قىلدى. بۇ بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ سەككىزىنچى يىلى ئىدى.
13
خۇددى پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك، بابىل پادىشاھى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ۋە ئوردىدىكى بارلىق بايلىقلارنى ئېلىپ كەتتى. ئىسرائىلىيە پادىشاھى سۇلايمان ئىبادەتخانا ئۈچۈن ياساتقان ئالتۇن بۇيۇملارنىڭ ھەممىسىنى بۇزۇۋەتتى.
14
ئۇ يېرۇسالېم ئاھالىسىنى، يەنى سەركەردىلەر، پالۋانلار، ھۈنەرۋەنلەر ۋە تۆمۈرچىلەر بولۇپ جەمئىي ئون مىڭ ئادەمنى سۈرگۈن قىلدى. يۇرتتا پەقەت نامرات كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم قالمىدى.
15
ئۇ پادىشاھ يىھوياكىننى، خان ئانىسىنى، پادىشاھنىڭ ئاياللىرىنى، ئەمەلدارلىرىنى ۋە ئەلدىكى كاتتا زاتلارنى تۇتقۇن قىلىپ، بابىلغا ئېلىپ كەتتى.
16
ئۇ بابىلغا ئېلىپ كەتكەن يەتتە مىڭ لەشكەر، مىڭ ھۈنەرۋەن ۋە تۆمۈرچىلەرنىڭ ھەممىسى جەڭ قىلىشقا ماھىر ئادەملەر ئىدى.
17
بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىننىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ تاغىسى ماتتانيانى پادىشاھ قىلىپ تىكلەپ، ئىسمىنى زىدقىياغا ئۆزگەرتتى.
18
زىدقىيا تەختكە چىققان چاغدا 21 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 11 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى خامۇتال بولۇپ، لىبناھ شەھىرىدىكى يەرەمىيانىڭ قىزى ئىدى.
19
زىدقىيا خۇددى يىھوياقىمغا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى.
20
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ يېرۇسالېم خەلقىگە، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقىگە بولغان غەزىپى چېكىگە يېتىپ، ئۇلارنى نەزىرىدىن يىراق قىلماقچى بولدى. كېيىن زىدقىيا بابىل پادىشاھىدىن يۈز ئۆرۈدى.
← Chapter 23
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 25 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25