bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
2 Kings 20
2 Kings 20
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 19
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 21 →
1
پادىشاھ خىزكىيا شۇ مەزگىللەردە ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالغانىدى. ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەر ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا: _ پەرۋەردىگار ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «تەييارلىقلىرىڭنى قىلىپ قوي. ئەمدى سەن بۇ ئالەمدىن كېتىسەن، ساقىيالمايسەن»، _ دېدى.
2
پادىشاھ خىزكىيا بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، تام تەرەپكە قاراپ، پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى:
3
«ئى پەرۋەردىگار، ساڭا چىن دىلىم بىلەن سادىق خىزمەت قىلغانلىقىمنى بىلىسەن. مەن دائىم سېنىڭ نەزىرىڭدە ياخشى بولغان ئىشلارنى قىلىپ كەلدىم.» ئۇ شۇنداق دەپلا قاتتىق يىغلاپ كەتتى.
4
يەشايا پەيغەمبەر پادىشاھ خىزكىيانىڭ يېنىدىن چىقتى. ئۇ ئوردىنىڭ ئوتتۇرا ھويلىسىدا كېتىۋاتاتتى، پەرۋەردىگاردىن ئۇنىڭغا يەنە ۋەھىي كەلدى:
5
_ سەن خەلقىمگە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى خىزكىيانىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگار، يەنى ئەجدادىڭ داۋۇت ئېتىقاد قىلغان خۇدا ساڭا: ‹مەن سېنىڭ دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم ۋە كۆز يېشىڭنى كۆردۈم. مەن سېنى ساقايتىمەن، ئۈچىنچى كۈنى ئىبادەتخانامغا بارالايسەن.
6
سېنىڭ ئۆمۈرۈڭنى يەنە 15 يىل ئوزارتىمەن. سېنى ۋە بۇ شەھەرنى ئاسسۇر پادىشاھىدىن قۇتقۇزىمەن. مەن ئۆز شان-شەرىپىم ۋە خىزمەتكارىم داۋۇتنىڭ ھەق-ھۆرمىتى ئۈچۈن بۇ شەھەرنى قوغدايمەن، دېدى›» دەپ ئېيتقىن.
7
يەشايا پەيغەمبەر خىزكىيانىڭ خىزمەتكارلىرىغا: _ ئەنجۈرنى ئېزىپ ئەكېلىپ، ئۇنى خىزكىيانىڭ ئىششىقىغا چېپىڭلار، شۇندىلا ئۇ ساقىيىدۇ، _ دېدى. شۇنداق قىلىپ، خىزكىيا ساقىيىپ كەتتى.
8
بۇنىڭدىن ئىلگىرى پادىشاھ خىزكىيا يەشايا پەيغەمبەردىن: «پەرۋەردىگارنىڭ مېنى ساقايتالايدىغانلىقىنى ۋە ئۈچىنچى كۈنى ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسىغا قايتا بارالايدىغانلىقىمنى قانداق ئالامەت بىلەن ئىسپاتلايسەن؟» دەپ سورىغانىدى.
9
يەشايا پەيغەمبەر ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگارنىڭ ساڭا بەرگەن ۋەدىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنىڭ ئالامىتىنى كۆرسىتەي. قارا، پېتىۋاتقان قۇياشنىڭ سايىسى ئاخازنىڭ پەلەمپىيىگە چۈشۈپتۇ. سايە ئون پەشتاق ئالدىغا ماڭسۇنمۇ ياكى ئون بالداق كەينىگە ماڭسۇنمۇ؟» دېدى.
10
پادىشاھ خىزكىيا: «سايىنىڭ ئون پەشتاق ئالدىغا مېڭىشى تەبىي. سايە ئون پەشتاق كەينىگە ماڭسۇن» دېدى.
11
شۇنىڭ بىلەن يەشايا پەيغەمبەر پەرۋەردىگاردىن تىلىدى. پەرۋەردىگار پەلەمپەيدىكى سايىنى ئون پەشتاق كەينىگە سۈرۈلۈشكە ئەمر قىلدى.
12
ئۇ چاغدا بالئاداننىڭ ئوغلى، يەنى بابىل پادىشاھى مىروداك-بالئادان پادىشاھ خىزكىيانىڭ كېسەل بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا مەكتۇپ ۋە سوۋغا-سالاملار بىلەن ئەلچىلىرىنى ئەۋەتتى.
13
پادىشاھ خىزكىيا ئەلچىلەرنى قىزغىن كۈتۈۋالدى ھەمدە ئۇلارغا خەزىنىسىدىكى ئالتۇن، كۈمۈش، خۇش پۇراقلىق بۇيۇملار، قىممەتلىك مايلار ۋە قورال ئامبىرىدىكى قورالىرىنى، يەنى بارلىق بايلىقلىرىنى كۆرسەتتى. پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئوردىسىدا، شۇنداقلا پادىشاھلىقىدا ئۇلارغا كۆرسەتمىگەن بىرمۇ نەرسە قالمىدى.
14
يەشايا پەيغەمبەر پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئالدىغا كېلىپ: _ ئۇلار نېمە دېدى، قەيەردىن كەپتۇ؟ _ دەپ سورىدى. پادىشاھ خىزكىيا جاۋاب بېرىپ: _ ئۇلار يىراقتىكى بابىلدىن كەپتۇ، _ دېدى.
15
يەشايا پەيغەمبەر يەنە: _ ئۇلار ئورداڭدا نېمىلەرنى كۆردى؟ _ دەپ سورىدى. پادىشاھ خىزكىيا: _ ئۇلار ئوردامدىكى ھەممە نەرسىلەرنى كۆردى، خەزىنەمدە ئۇلارغا كۆرسەتمىگەن ھېچقانداق نەرسە قالمىدى، _ دەپ جاۋاب بەردى.
16
يەشايا پەيغەمبەر پادىشاھ خىزكىياغا مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگاردىن كەلگەن ۋەھىينى ئاڭلا.
17
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «قۇلاق سال! شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا سېنىڭ ئەجدادلىرىڭ ھازىرغىچە توپلىغان بارلىق بايلىقلار بابىلغا توشۇپ كېتىلىدۇ، ھېچ نەرسەڭ قالمايدۇ.
18
ئۆز ئەۋلادلىرىڭدىنمۇ بەزىلىرى سۈرگۈن قىلىنىدۇ. ئۇلار بابىلغا ئېلىپ بېرىلىپ، ئاختا قىلىنىپ، بابىل پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدا خىزمەتكە سېلىنىدۇ.»
19
پادىشاھ خىزكىيا يەشايا پەيغەمبەرگە: _ سەن يەتكۈزگەن پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھىيسى ياخشى ئىكەن، _ دېدى. چۈنكى ئۇ كۆڭلىدە: «ھېچبولمىغاندا مەن ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە تىنچ ۋە خاتىرجەم ياشايدىكەنمەن» دەپ ئويلىدى.
20
پادىشاھ خىزكىيانىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە ئۇنىڭ كۆل ۋە يەر ئاستى قانىلى ياساپ، شەھەرگە سۇ ئېلىپ كىرگەنلىكى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر.
21
خىزكىيا ۋاپات بولۇپ، ئوغلى ماناسسە تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.
← Chapter 19
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 21 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25