bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
2 Kings 12
2 Kings 12
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 11
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 13 →
1
ئىسرائىلىيە پادىشاھى يېھۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ يەتتىنچى يىلى يوئاش يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولۇپ، يېرۇسالېمدا قىرىق يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى بەئەرشەبا شەھىرىدىن بولۇپ، ئىسمى زىبياھ ئىدى.
2
يوئاش باش روھانىي يىھويادانىڭ ۋاقتىدا ئۇنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى.
3
بىراق غەيرىي سەجدىگاھلار يوقىتىۋېتىلمىدى. خەلق يەنىلا ئۇ يەرلەردە قۇربانلىق قىلىپ، ئىسرىق سېلىشنى داۋاملاشتۇردى.
4
بۇرۇن يوئاش روھانىيلارغا: _ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ھەدىيە قىلىنىدىغان پۇللارنى، يەنى مەيلى ئادەملەرنى رويخەتكە ئېلىش ھەققى بولسۇن، مەيلى ئادەم ئورنىغا بېرىلىدىغان تۆلەم پۇلى ياكى خالىس قىلىنىدىغان ھەدىيە بولسۇن، ھەممىسىنى يىغىپ كېلىڭلار.
5
سىلەر ھەدىيە قىلىنغان بۇ پۇللارنى ئېلىپ، ئىبادەتخانىنىڭ قايسى يېرى بۇزۇلغان بولسا، شۇ يەرنى ئوڭشىتىڭلار، _ دېگەنىدى.
6
لېكىن پادىشاھ يوئاشنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 23-يىلىغا كەلگەندىمۇ، روھانىيلار ئىبادەتخانىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى تېخىچە ئوڭشاتمىغانىدى.
7
شۇڭا پادىشاھ يوئاش باش روھانىي يىھويادا ۋە باشقا روھانىيلارنى چاقىرتىپ: _ سىلەر نېمە ئۈچۈن ئىبادەتخانىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭشاتمايسىلەر؟ ئەمدى سىلەر ھەدىيە قىلغۇچىلارنىڭ پۇللىرىنى ئالماڭلار، ئىبادەتخانىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭشىتىش ئۈچۈن توپلانغان پۇللارنى تاپشۇرۇڭلار، _ دېدى.
8
روھانىيلار ئەمدى خەلقنىڭ ھەدىيە قىلغان پۇللىرىنى ئالمايدىغان ۋە ئىبادەتخانىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭشىتىشقا مەسئۇل بولمايدىغان بولدى.
9
شۇڭا باش روھانىي يىھويادا بىر ساندۇق ياسىتىپ، ئۇنىڭ قاپقىقى ئۈستىدىن بىر تۆشۈك ئېچىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىغا ۋە ئىبادەتخانا ھويلىسىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە قويۇپ قويدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ھەدىيە قىلىنغان پۇللارنى دەرۋازىغا قارايدىغان روھانىيلار شۇ ساندۇققا سالىدىغان بولدى.
10
ساندۇق پۇلغا تولغان ھامان پادىشاھنىڭ خەزىنىچىسى بىلەن باش روھانىي كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ھەدىيە قىلىنغان بۇ پۇللارنى ساناپ، خالتىغا سالاتتى.
11
ئۇلار ساناپ چىقىلغان پۇللارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ئوڭشاشقا مەسئۇل قۇرۇلۇش نازارەتچىلىرىگە تاپشۇراتتى. ئاندىن نازارەتچىلەر بۇ پۇل بىلەن ئىبادەتخانىدا ئىشلەۋاتقان ياغاچچىلار، قۇرۇلۇشچىلار،
12
تامچىلار ۋە تاشچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى بېرەتتى. ئۇلار يەنە ياغاچلار ۋە يونۇپ تەييارلانغان تاشلارنى سېتىۋالاتتى ۋە ئىبادەتخانىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭشىتىشقا كەتكەن چىقىملارنىڭ ھەممىسىنى تۆلەيتتى.
13
لېكىن ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كېلىنگەن پۇللارغا ئىبادەتخانىدا ئىشلىتىلىدىغان كۈمۈش پىيالە، پىلىك قايچىسى، داس، كاناي ياكى ھەرقانداق ئالتۇن-كۈمۈش بۇيۇملار ياسىتىلماي،
14
بۇ پۇل قۇرۇلۇش نازارەتچىلىرىگە بېرىلىپ، ئىبادەتخانىنى ئوڭشىتىشقا ئىشلىتىلەتتى.
15
ئىشچىلارنىڭ ئىش ھەققى ئۈچۈن نازارەتچىلەرگە بېرىلگەن پۇلنىڭ ھېساب-كىتابى قىلىنمايتتى. چۈنكى ئۇلار ئىشنى سەمىمىيلىك بىلەن قىلاتتى.
16
لېكىن ئەيىب قۇربانلىقلىرى ۋە گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقلىرىنىڭ پۇلى ئىبادەتخانىغا بېرىلمەيتتى، ئۇلار روھانىيلارغا تەۋە ئىدى.
17
شۇ ۋاقىتتا ئاررام پادىشاھى خازائېل گاتقا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ يەرنى ئىگىلىۋالدى. ئۇ يەنە يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن يېقىنلاپ كەلدى.
18
يەھۇدىيە پادىشاھى يوئاش يەھۇدىيەنىڭ ئىلگىرىكى پادىشاھلىرى بولغان ئاتا-بوۋىلىرىدىن يىھوشافات، يىھورام، ئاخازيا ۋە ئۆزى پەرۋەردىگارغا تەقدىم قىلغان بارلىق مۇقەددەس بۇيۇملارنى، شۇنىڭدەك پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ۋە ئوردا خەزىنىلىرىدىكى بارلىق ئالتۇنلارنى ئېلىپ، ئاررام پادىشاھى خازائېلغا ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن خازائېل يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلماي چېكىندى.
19
پادىشاھ يوئاشنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە قىلغان پائالىيەتلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر.
20
يوئاشنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭغا سۇيىقەست قىلىپ، ئۇنى سىللاغا بارىدىغان يولدا، يەنى تىندۇرۇلغان يەرنىڭ يېنىدىكى ئۆيدە قەتل قىلدى.
21
ئۇنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن ئەمەلدارلارنىڭ بىرى شىمئاتنىڭ ئوغلى يوزاباد، يەنە بىرى شومېرنىڭ ئوغلى يىھوزاباد ئىدى. يوئاش «داۋۇت شەھىرى»دە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئامازيا تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.
← Chapter 11
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 13 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25