bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Zechariah 1
Zechariah 1
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 2 →
1
پېرسىيە پادىشاھى دارىئوسنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 2-يىلىنىڭ 8-ئېيىدا ، پەرۋەردىگاردىن بەرەكيانىڭ ئوغلى، ئىددونىڭ نەۋرىسى بولغان زىكىرىيا پەيغەمبەرگە ۋەھىي كەلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:
2
_ مەن پەرۋەردىگار ئىلگىرى ئەجدادلىرىڭلارغا قاتتىق غەزەپلەنگەنىدىم.
3
شۇڭا سەن خەلققە مۇنداق دېگىن: «مەنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەنكى، سىلەر مېنىڭ يولۇمغا قايتىپ كېلىڭلار، مەنمۇ سىلەرگە قايتاي.
4
سىلەر ئەجدادلىرىڭلارنىڭ جاھىللىقىنى دورىماڭلار. بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر ئۇلارغا مېنىڭ: ‹يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، رەزىل ئىشلاردىن قول ئۈزۈڭلار!› دېگەن سۆزلىرىمنى جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار سۆزۈمگە قۇلاق سالمىدى ھەم ماڭا ئىتائەت قىلمىدى.
5
قېنى ئاشۇ ئەجدادلىرىڭلار، قېنى ئاشۇ پەيغەمبەرلەر، ئۇلار مەڭگۈ ياشىدىمۇ؟
6
لېكىن مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئېيتقان سۆزلىرىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم ئەمەلگە ئېشىپ، ئەجدادلىرىڭلارنىڭ بېشىغا كەلمىدىمۇ؟! نەتىجىدە، ئۇلار توۋا قىلىشىپ: ‹قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ماڭغان يوللىرىمىزغا ۋە قىلغان قىلمىشلىرىمىزغا تېگىشلىك جازايىمىزنى بېرىپ، ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى› دەپ ئېتىراپ قىلىشتى.»
7
دارىئوس پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 2-يىلىنىڭ 11-ئېيىدا، يەنى شىبات ئېيىدا 24-كۈنى بەرەكيانىڭ ئوغلى، ئىددونىڭ نەۋرىسى بولغان مەنكى پەيغەمبەر زىكىرىياغا پەرۋەردىگاردىن يەنە بىر بېشارەت كەلدى.
8
مەن بۇ بېشارەتنى كېچىدە غايىبانە ئالامەتتە كۆردۈم. بىرسى تورۇق ئاتقا مىنىپ، جىلغىدىكى مىرتا دەرەخلىرىنىڭ ئارىسىدا تۇراتتى. ئۇنىڭ كەينىدە تورۇق ئات، قوڭۇر ئات ۋە ئاق ئاتقا مىنگەنلەر تۇراتتى.
9
مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان بىر پەرىشتە بار ئىدى. مەن ئۇنىڭدىن: _ تەقسىر، بۇلار كىم بولىدۇ؟ _ دەپ سورىدىم. ئۇ: _ ئۇلارنىڭ كىملىكىنى ساڭا كۆرسىتىپ قويىمەن، _ دېدى.
10
ئۇ ۋاقىتتا مىرتا دەرەخلىرىنىڭ ئارىسىدا تۇرغۇچى جاۋاب بېرىپ: _ ئارقامدىكىلەر پەرۋەردىگار دۇنيانى چارلاشقا ئەۋەتكەنلەردۇر، _ دېدى.
11
چارلاشقا بارغانلار مىرتا دەرەخلىرىنىڭ ئارىسىدا تۇرغان پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىگە: _ بىز دۇنيانى چارلاپ چىقتۇق. پۈتۈن دۇنيا تىنچ ۋە جىمجىت ئىكەن، _ دەپ مەلۇمات بېرىشتى.
12
ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى: _ ئى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، سەن يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىگە غەزەپلەنگىلى يەتمىش يىل بولدى. قاچانغىچە ئۇلارغا رەھىم-شەپقەت قىلمايسەن؟ _ دېدى.
13
شۇندا پەرۋەردىگار مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىگە مېھىرلىك سۆزلەر بىلەن تەسەللى بەردى.
14
مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە ماڭا مۇنداق دېدى: _ سەن خەلققە شۇنداق دەپ جاكارلىغىن: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار دەيدۇكى، يېرۇسالېمغا، جۈملىدىن سىئون تېغىغا ئىچىم قاتتىق ئاغرىيدۇ.
15
مېنىڭ راھەت-پاراغەتتە ياشاۋاتقان ھاكاۋۇر ئەللەرگە قاتتىق غەزىپىم بار. چۈنكى مەن خەلقىمگە ئازراققىنە غەزەپلىنىپ قويسام، ئۇ ئەللەر خەلقىمگە ھەددىدىن زىيادە كۆپ كۈلپەتلەرنى كەلتۈردى.
16
شۇڭا مەن يېرۇسالېمغا رەھىم-شەپقەت كۆرىسىتىش ئۈچۈن قايتىپ كەلدىم. يېرۇسالېمدا ئىبادەتخانام قايتا قۇرۇلىدۇ. يېرۇسالېم قايتىدىن قۇرۇلۇش ئۈچۈن ئۆلچەپ چىقىلىدۇ.»
17
سەن يەنە مۇنداق جاكارلىغىن: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹مېنىڭ شەھەرلىرىم قايتا گۈللىنىدۇ. مەن سىئونغا تەسەللى بېرىپ، يېرۇسالېمنى قايتىدىن تاللايمەن.›»
18
مەن يەنە يۇقىرىغا قاراپ، تۆت مۈڭگۈزنى كۆردۈم.
19
مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىدىن: _ بۇلار نېمىنىڭ بېشارىتى؟ _ دەپ سورىدىم. ئۇ ماڭا: _ بۇ مۈڭگۈزلەر يەھۇدىيە، ئىسرائىلىيە، جۈملىدىن يېرۇسالېمنىڭ خەلقىنى تەرەپ-تەرەپكە چېچىۋەتكەن كۈچلۈك ئەللەردۇر، _ دەپ جاۋاب بەردى.
20
پەرۋەردىگار يەنە ماڭا تۆت تۆمۈرچىنى كۆرسەتتى.
21
مەن پەرىشتىدىن: _ بۇ تۆمۈرچىلەر نېمە ئىش قىلىشقا كەلدى؟ _ دەپ سورىدىم. ئۇ: _ مۈڭگۈزلەر يەھۇدىيە خەلقىنى تەرەپ-تەرەپكە چېچىۋەتكەن ۋە ئۇلارنى ئەزگەن ئەللەر بولسا، تۆمۈرچىلەر خەلقىنى ھۇجۇم قىلىپ، تەرەپ-تەرەپكە چېچىۋەتكەن ئاشۇ مۈڭگۈزلەرنى ئالاقزادە قىلىپ، يەر بىلەن يەكسان قىلىدىغانلاردۇر، _ دەپ جاۋاب بەردى.
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 2 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14