bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Zechariah 5
Zechariah 5
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 4
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 6 →
1
مەن يەنە يۇقۇرىغا قارىدىم ۋە ئۇچۇۋاتقان بىر يازمىنى كۆردۈم.
2
پەرىشتە مەندىن: _ نېمىنى كۆردۈڭ؟ _ دەپ سورىدى. مەن: _ ئۇچۇۋاتقان بىر يازمىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئون مېتىر، كەڭلىكى بەش مېتىر كېلىدىكەن، _ دەپ جاۋاب بەردىم.
3
ئاندىن ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: _ بۇ يازمىغا پۈتۈن دۇنيانى قارغايدىغان قارغىش سۆزلەر پۈتۈلگەندۇر. بىر يۈزىگە ئوغرىلىق قىلغانلارنىڭ يوقىتىلىشى ھەققىدىكى قارغىشلار، يەنە بىر يۈزىگە ساختا قەسەم قىلغانلارنىڭ ۋەيران قىلىنىشى ھەققىدىكى قارغىشلار پۈتۈلگەندۇر.
4
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن بۇ قارغىشنى ئەۋەتتىم. ئۇ ئوغرىنىڭ ئۆيىگە ۋە مېنىڭ نامىم بىلەن ساختا قەسەم قىلغانلارنىڭ ئۆيىگە چۈشىدۇ. ئاندىن ئۇ شۇ ئۆيلەردە ماكانلىشىپ، ئۇلارنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىدۇ، ئۆيلىرىنىڭ بىر دانە تاش، بىر تال ياغىچىمۇ قالمايدۇ.»
5
مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە يېنىمغا كېلىپ: _ قارا، نېمە كېلىۋاتىدۇ، _ دەپ سورىدى مەندىن. مەن:
6
_ ئۇ نېمە؟ _ دەپ قايتۇرۇپ سورىدىم. ئۇ: _ ئۇ بىر ئۆلچەم ئىدىشىدۇر. ئۇنىڭغا زېمىندىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرى قاچىلانغاندۇر، _ دەپ جاۋاب بەردى.
7
ئاندىن ئىدىش ئۈستىدىكى قوغۇشۇن قاپقاق ئېلىۋېتىلدى. ئىچىدە بىر ئايال ئولتۇراتتى.
8
پەرىشتە: _ بۇ ئايالنىڭ ئىسمى «رەزىللىك»تۇر، _ دېدى. ئاندىن چىقىشقا ئۇرۇنغان ئايالنى ئىدىشنىڭ ئىچىگە قايتىدىن تىقىپ، قاپقاقنى يېپىۋەتتى.
9
مەن يەنە ئىككى ئايالنىڭ شامالدا لەيلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ قاناتلىرى لەيلەكنىڭ قاناتلىرىغا ئوخشايتتى. ئۇلار كېلىپ، ئىدىشنى ئېلىپ، ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى.
10
مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىدىن: _ ئۇلار ئىدىشنى نەگە ئاپىرىدۇ؟ _ دەپ سورىدىم.
11
ئۇ ماڭا: _ ئۇنى بابىلغا ئېلىپ بارىدۇ. بابىللىقلار بۇ ئىدىش ئۈچۈن بىر سەجدىگاھ سالىدۇ. سەجدىگاھ پۈتكەندىن كېيىن، ئۇنى ئۇنىڭ ئۈچۈن ياسالغان سۇپىغا قويۇشىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى.
← Chapter 4
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 6 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14