bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Zechariah 10
Zechariah 10
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 9
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 11 →
1
باھار پەسلىدە پەرۋەردىگاردىن يامغۇر تىلەڭلار، قارا بۇلۇت، چاقماقنى ياراتقان پەرۋەردىگاردۇر. ئۇ ئىنسانلار ئۈچۈن يامغۇر ياغدۇرۇپ، ئېتىزلارنى كۆكەرتىدۇ.
2
بۇتلاردىن مەسلىھەت سوراش بىھۇدىدۇر. پالچىلارنىڭ سالغان پاللىرى يالغاندۇر. ئۇلارنىڭ چۈشلەرگە تەبىر بېرىشلىرى تۇتۇرۇقسىزدۇر. ئۇلار قۇرۇق تەسەللى بېرىشىدۇ. شۇڭا خەلق ئازغان قويلاردەك يۈرۈشىدۇ، پادىچىسىز قېلىپ ئازاب ئىچىدە قىينىلىدۇ.
3
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «خەلقىمنىڭ سەركىلىرىگە غەزەپلىنىمەن. مەن بۇ يېتەكچىلەرنى جازالايمەن. مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار پادىلىرىمغا، يەنى يەھۇدىيە خەلقىگە كۆڭۈل بۆلىمەن. مەن ئۇلارنى كۈچلۈك جەڭ ئاتلىرىغا ئايلاندۇرىمەن.
4
يەھۇدىيە خەلقىدىن خۇددى ئۇل تېشىدەك، چېدىر قوزۇقىدەك، جەڭ ئوقياسىدەك يېتەكچىلەر چىقىدۇ.
5
ئۇلار جەڭ مەيدانىدىكى باتۇرلاردۇر. ئۇلار كوچىدىكى لاينى چەيلىگەندەك دۈشمەنلىرىنى چەيلەيدۇ. ئۇلار جەڭ قىلىدۇ، چۈنكى مەن پەرۋەردىگار ئۇلارغا ياردۇرمەن. ئۇلار دۈشمەن چەۋەندازلىرىنى نومۇسقا قويىدۇ.
6
مەن يەھۇدىيە خەلقىنى كۈچلۈك قىلىمەن، ئىسرائىلىيە خەلقىنى قۇتقۇزىمەن، ئۇلارنى ئۆز يۇرتلىرىغا قايتۇرۇپ ئەكېلىمەن. مەن ئۇلارغا رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىمەن. ئۇلار ئۆزلىرىنى ھېچقاچان رەت قىلىنمىغاندەك ھېس قىلىشىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى خۇدادۇرمەن، ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سالىمەن.
7
ئىسرائىلىيە خەلقى خۇددى جەڭ مەيدانىدىكى باتۇرلاردەك بولىدۇ. ئۇلار شارابتىن ھۇزۇرلانغاندەك خۇشاللىققا چۆمىدۇ. بۇلارنى كۆرۈپ، پەرزەنتلىرىمۇ خۇشال بولۇشىدۇ ۋە مەن پەرۋەردىگاردىن شادلىنىدۇ.
8
مەن ئىسقىرتىپ، ئۇلارنى يىغىمەن. ئۇلارنى چوقۇم قۇتقۇزىمەن. ئۇلارنىڭ سانى بۇرۇنقىدەك كۆپ بولىدۇ.
9
گەرچە مەن ئۇلارنى يات ئەللەرگە چېچىۋەتكەن بولساممۇ، ئۇلار ئاشۇ يىراق جايلاردا مېنى ئەسكە ئالىدۇ. ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ھايات قېلىپ، ئىسرائىلىيەگە قايتىپ كېلىدۇ.
10
مەن ئۇلارنى مىسىردىن قايتۇرۇپ كېلىمەن، ئاسسۇردىن يىغىپ ئەكېلىمەن. مەن ئۇلارنى گىلئاد ھەم لىۋان زېمىنلىرىغىچە ئورۇنلاشتۇرىمەن، ھەتتا بۇ جايلارمۇ ئۇلارغا تارلىق قىلىدۇ.
11
خەلقىم كۈلپەت دېڭىزىدىن ئۆتكەندە، دولقۇنلار پەسلەيدۇ. نىل دەرياسىنىڭ چوڭقۇر سۇلىرى قۇرۇيدۇ. ئاسسۇرلارنىڭ ھەيۋىسى سۇنىدۇ. مىسىرلىقلارنىڭ سەلتەنەت ھاسىسى يوقىلىدۇ.
12
مەن پەرۋەردىگار خەلقىمنى كۈچلۈك قىلىمەن، ئۇلار مېنىڭ يولۇمدا ماڭىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»
← Chapter 9
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 11 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14