bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Zechariah 9
Zechariah 9
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 8
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 10 →
1
بۇ پەرۋەردىگارنىڭ خادراك زېمىنى ۋە دەمەشق شەھىرىگە قارشى چۈشۈرگەن ۋەھىيسىدۇر. پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ھەم بارلىق ئىسرائىللارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
2
ئۇ خادراكقا چېگراداش بولغان خاماتنىمۇ كۆرۈپ تۇرىدۇ. گەرچە تىر ۋە سىدونلۇقلار ئۆزلىرىنى ناھايىتى ئەقىل-پاراسەتلىك ھېسابلىسىمۇ، ئۇلارنىمۇ پەرۋەردىگار كۆرۈپ تۇرىدۇ.
3
تىر خەلقى ئۆزلىرى ئۈچۈن پۇختا سېپىل ياسىدى. ئۇلارنىڭ بايلىقىدىن كۈمۈشلىرى توپىدەك، ئالتۇنلىرى كوچىلاردىكى لايدەك دۆۋىلەندى.
4
لېكىن ئىگىمىز ئۇلارنىڭ ھەممە نەرسىلىرىنى تارتىۋالىدۇ. دېڭىزدىكى ھەيۋىسىنى سۇندۇرىدۇ. تىر شەھىرى ئوتقا يەم بولىدۇ.
5
ئاشقىلون خەلقى بۇنى كۆرۈپ، قورقۇپ كېتىدۇ. گازا خەلقىمۇ، ئازابتىن تولغىنىدۇ. ئەقرون خەلقىمۇ ئۈمىدسىزلىنىدۇ. گازانىڭ پادىشاھى ئۆلتۈرۈلىدۇ، ئاشقىلون ئادەمسىز قالىدۇ.
6
ئاشدود شەھىرىدە نەسلى بۇزۇلغان خەلقلەر ياشايدۇ. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن فىلىستىيەلىكلەرنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىمەن.
7
ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن قېنى بار ھارام گۆشلەرنى، چىشلىرىدىن يىرگىنچلىك نەرسىلەرنى تارتىپ چىقىرىمەن. فىلىستىيەلىكلەردىن ئامان قالغانلىرى مەن پەرۋەردىگارغا تەۋە بولۇپ، يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىدۇ. ئەقرون خەلقى يىبۇسلاردەك خەلقىم قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.
8
دۈشمەنلەرنىڭ بېسىپ كىرمەسلىكى ئۈچۈن، ئۆز ئىبادەتخانامنى قوغدايمەن. يات خەلقلەر ئەمدى خەلقىمگە زۇلۇم سالالمايدۇ، چۈنكى مەن زېمىنىمنى كۆزىتىپ تۇرىمەن.»
9
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «شادلان ئەي سىئون قىزى! چۇقان سال قىزىم يېرۇسالېم! مانا، پادىشاھىڭلار كېلىۋاتىدۇ! ئۇ ھەققانىيدۇر، ئۇ نىجاتلىق ئېلىپ كېلەر. ئۇ كىچىك پېئىلدۇر، ئۇ ئېشەككە، يەنى تەخەيگە مىنىپ كېلەر.
10
مەن ئىسرائىلىيەدىن جەڭ ھارۋىلىرىنى، يېرۇسالېمدىن جەڭ ئاتلىرىنى يوقىتىمەن. ئۇرۇش قوراللىرىنى سۇندۇرۇپ تاشلايمەن. ئاندىن ئۇ ئەللەرگە تىنچلىق جاكارلار. ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى دېڭىزدىن دېڭىزغىچە، فىرات دەرياسىدىن تېخىمۇ يىراق بولغان زېمىننىڭ چېتىگىچە بولىدۇ.
11
سىلەر بىلەن قۇربانلىقنىڭ قېنى ئارقىلىق تۈزگەن ئەھدەم بولغانلىقى ئۈچۈن، سۈرگۈندىكى خەلقىڭلارنى سۇسىز ئازگالدىن ئازاد قىلىمەن.
12
ئەي ئۈمىدۋار تۇتقۇنلار، ئۆز قورغىنىڭلارغا قايتىڭلار! بۈگۈن شۇنداق جاكارلايمەنكى، يوقاتقىنىڭلارنى ھەسسىلەپ قايتۇرۇپ بېرىمەن.
13
مەن يەھۇدىيەنى يادەك ئېگىمەن، ئىسرائىلىيەنى ئوق كەبى بەتلەيمەن. ئەي سىئون خەلقى، مەن ئوغۇللىرىڭلارنى ئويغىتىپ، يۇنان خەلقىگە قارشى ھۇجۇم قىلدۇرىمەن. مەن سىلەرنى جەڭچىلەرنىڭ قىلىچىدەك ئىشلىتىمەن.»
14
پەرۋەردىگار ئۇلارغا ئۆزىنى نامايان قىلىدۇ، پەرۋەردىگارنىڭ ئوقلىرى خۇددى چاقماقتەك ئۇچىدۇ. ئىگىمىز پەرۋەردىگار بۇرغا چېلىپ، جەنۇبتىن چىققان بورانلار ئارىسىدا كېلىدۇ.
15
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى قوغدايدۇ. ئۇلار سالغا بىلەن تاش ئېتىپ، دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ. ئۇلار جەڭدە مەستلەردەك چۇقان سالىدۇ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۇرجەكلىرى قانغا مىلەنگەندەك، ئۇلار دۈشمەنلىرىنىڭ قېنىغا مىلىنىدۇ.
16
ئۇ كۈنى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ئۆز خەلقىنى خۇددى پادىچى ئۆز پادىلىرىنى قۇتقۇزغاندەك قۇتقۇزىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ زېمىنىدا خۇددى پادىشاھنىڭ تاجىدىكى ياقۇتلاردەك چاقنايدۇ.
17
ئۇلار نەقەدەر قالتىس، نەقەدەر گۈزەل-ھە! ئاشلىق ۋە شارابلار يىگىت-قىزلارغا قۇۋۋەت بېغىشلايدۇ.
← Chapter 8
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 10 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14