bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Zechariah 11
Zechariah 11
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 10
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 12 →
1
ئەي لىۋانلىقلار، قوۋۇقلىرىڭلارنى ئېچىڭلار! يالقۇنلۇق ئوت كېدىر دەرەخلىرىڭلارنى يالماپ يۇتسۇن.
2
ئەي قارىغايلار، يىغلاڭلار، چۈنكى كېدىر دەرەخلىرى ئۆرۈلدى. ھەيۋەتلىك دەرەخلەر ۋەيران بولدى. ئەي باشاننىڭ دۇپ دەرەخلىرى، ھازا تۇتۇپ يىغلاڭلار، چۈنكى قويۇق ئورمانلىقلار كېسىلدى.
3
پادىچىلارنىڭ يىغا-زارلىرىغا قۇلاق سېلىڭلار، چۈنكى ئۇلارنىڭ مۇنبەت يايلاقلىرى نابۇت قىلىندى. شىرلارنىڭ ھۆركىرەشلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار، چۈنكى ئىئوردان دەرياسى بويىدىكى چاتقاللار نابۇت قىلىندى.
4
پەرۋەردىگارىم خۇدا ماڭا مۇنداق دېدى: _ سەن بېرىپ بوغۇزلىنىشقا ئېلىپ كېتىلىۋاتقان قويلارغا پادىچى بولغىن!
5
قوي سېتىۋالغۇچىلار قويلارنى بوغۇزلايدۇ، لېكىن جازالانمايدۇ. قوي ساتقۇچىلار: «خۇداغا شۈكۈر، مەن باي بولدۇم!» دەيدۇ. ھەتتا پادىچىلارنىڭمۇ قويلارغا رەھىمى كەلمەيدۇ.
6
مەن پەرۋەردىگار دەيمەنكى، بۇ زېمىندىكى كىشىلەرگە ئەمدى رەھىم قىلمايمەن. مەن ئۇلارنى بىر-بىرىنىڭ ھەم پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇلار بۇ زېمىننى ۋەيران قىلىدۇ، مەن ھېچكىمنى قۇتقۇزمايمەن.
7
شۇنىڭ بىلەن مەن زىكىرىيا بوغۇزلانماقچى بولغان قويلارغا پادىچى بولدۇم. مەن قولۇمغا ئىككى تاياق ئالدىم. ئۇلارنىڭ بىرىنى «شاپائەت» تايىقى، يەنە بىرىنى «ئىناقلىق» تايىقى دەپ ئاتىدىم ۋە پادىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدىم.
8
بىر ئاي ئىچىدە مەن ئۈچ پادىچىنى ھەيدىۋەتتىم. قويلارغا سەۋر-تاقىتىم قالمىدى. قويلارمۇ مەندىن بىزار بولدى.
9
مەن ئۇلارغا مۇنداق دېدىم: _ سىلەرنىڭ پادىچىڭلار بولۇشنى خالىمايمەن. ئۆلىدىغانلىرى ئۆلىۋەرسۇن، ھالاك بولىدىغانلىرى ھالاك بولىۋەرسۇن، ساق قالغانلىرى بىر-بىرىنىڭ گۆشلىرىنى يىيىشسۇن.
10
مەن «شاپائەت» دەپ ئاتالغان تاياقنى قولۇمغا ئېلىپ سۇندۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھەممە ئەللەر بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىدىم.
11
شۇ كۈنى ئەھدە بىكار بولدى. مېنى كۆزىتىپ تۇرغان زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلار بۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىنى چۈشەندى.
12
ئاندىن مەن ئۇلارغا: _ ئەگەر سىلەر ماڭا ئىش ھەققى بېرىشنى لايىق كۆرسەڭلار، بېرىڭلار، بەرمىسەڭلارمۇ ئىختىيارىڭلار، _ دېدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ماڭا ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگە بەردى.
13
ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا: _ ئۇنى كۇلالچىغا تاشلاپ بەر! بۇ ئۇلارنىڭ ماڭا لايىق كۆرگەن ئەڭ ياخشى باھاسىكەن! _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ ئوتتۇز تەڭگىنى ئېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى كۇلالچىغا تاشلاپ بەردىم.
14
ئاندىن مەن «ئىناقلىق» دەپ ئاتالغان ئىككىنچى تاياقنى قولۇمغا ئېلىپ، سۇندۇرۇۋەتتىم. شۇنداق قىلىپ، يەھۇدىيە بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدىكى ئىناقلىقنى بۇزۇپ تاشلىدىم.
15
ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ سەن يەنە پادىچىنىڭ نەرسىلىرىنى قولۇڭغا ئېلىپ، پادىچى بولغىن. ئەمما بۇ قېتىم نادان پادىچى بولغىن.
16
چۈنكى مەن بۇ زېمىندا ھالاك بولغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمايدىغان، ئازغانلارنى ئىزدىمەيدىغان، يارىلانغانلارنى ساقايتمايدىغان، ساقلارنى ئوتلاتمايدىغان پادىچىدىن بىرنى تەيىنلەيمەن. ئۇ سېمىز قويلارنى سويۇپ يەيدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ تۇياقلىرىنىمۇ يۇلۇپ تاشلايدۇ.
17
پادىلىرىنى تاشلىۋەتكەن ناچار پادىچىمنىڭ ھالىغا ۋاي! قىلىچ ئۇنىڭ بىلىكىنى چاپسۇن، ئوڭ كۆزىنى ئويسۇن! قولى قۇرۇسۇن، ئوڭ كۆزى كور بولسۇن!
← Chapter 10
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 12 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14