bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
1 Chronicles 2
1 Chronicles 2
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 1
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 3 →
1
ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى: رۇبېن، شىمون، لاۋىي، يەھۇدا، ئىسساكار، زەبۇلۇن،
2
دان، يۈسۈپ، بىنيامىن، نافتالى، گاد ۋە ئاشېر.
3
يەھۇدانىڭ ئېر، ئونان ۋە شېلاھ ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بولۇپ، بۇ ئۈچ ئوغۇلنى ئۇنىڭغا كەنئانلىق ئايالى باتشۇۋا تۇغۇپ بەرگەنىدى. يەھۇدانىڭ تۇنجى ئوغلى ئېر پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ جېنىنى ئالدى.
4
يەھۇدانىڭ كېلىنى تامارمۇ ئۇنىڭغا پەرەس ۋە زەراخ ئىسىملىك ئىككى ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. يەھۇدانىڭ جەمئىي بەش ئوغلى بار ئىدى.
5
پەرەسنىڭ خەزرون ۋە خامۇل ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.
6
زەراخنىڭ بەش ئوغلى بولۇپ، ئۇلار زىمرى، ئېتان، ھېمان، كالكول ۋە دارا ئىدى.
7
كارمى دېگەن ئادەمنىڭ ئاكان [مەنىسى «كۈلپەت»] ئىسىملىك بىر ئوغلى بار ئىدى. ئاكان پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نەرسىلەرنىڭ بىر قىسمىنى ئېلىۋېلىپ، ئىسرائىل خەلقىگە كۈلپەت كەلتۈرگەنىدى.
8
ئېتاننىڭ ئوغلى ئازاريا ئىدى.
9
خەزروننىڭ يىراخمىئېل، رام ۋە كالىب ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.
10
رامدىن ئاممىناداب تۆرەلدى، ئاممىناداب يەھۇدا خەلقىنىڭ يولباشچىسى ناخشوننىڭ ئاتىسى ئىدى.
11
ناخشوندىن سالما تۆرەلدى، سالمادىن بوئاز تۆرەلدى،
12
بوئازدىن ئوبېد تۆرەلدى، ئوبېدتىن يىشاي تۆرەلدى.
13
يىشاينىڭ يەتتە ئوغلى بولۇپ، تۇنجى ئوغلى ئەلىئاب، ئىككىنچىسى ئابىناداب، ئۈچىنچىسى شامماھ،
14
تۆتىنچىسى نىتانئېل، بەشىنچىسى رادداي،
15
ئالتىنچىسى ئوزېم، يەتتىنچىسى داۋۇت ئىدى.
16
ئۇلارنىڭ يەنە زىرۇيا ۋە ئابىگال ئىسىملىك سىڭىللىرى بار ئىدى. زىرۇيانىڭ ئۈچ ئوغلى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ئابىشاي، يوئاب ۋە ئاسائېل ئىدى.
17
ئابىگال ئىسمائىل خەلقىدىن بولغان يەتەرگە ياتلىق بولۇپ، ئاماسانى تۇغدى.
18
خەزروننىڭ ئوغلى كالىبنىڭ ئازۇبا ۋە يىرىئوت ئىسىملىك ئاياللىرى بار ئىدى. ئازۇبادىن يېشەر، شوباب ۋە ئاردون ئىسىملىك ئوغۇللار تۆرەلدى.
19
ئازۇبا ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، كالىب ئەفراتاغا ئۆيلەندى. ئەفراتا ئۇنىڭغا خۇرنى تۇغۇپ بەردى.
20
خۇردىن ئۇرى تۆرەلدى، ئۇرىدىن بىزالئېل تۆرەلدى.
21
خەزرون 60 ياشقا كىرگەندە، ماكىرنىڭ قىزى، يەنى گىلئادنىڭ سىڭلىسىغا ئۆيلىنىپ، ئۇنىڭدىن سىگۇب ئىسىملىك بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆردى.
22
سىگۇبتىن يائىر تۆرەلدى. ئۇ گىلئادتىكى 23 شەھەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلدى.
23
كېيىن گىشۇر ۋە ئاررام خەلقى يائىر شەھىرىنى، شۇنداقلا قېنات شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاتمىش يېزىنى ئىشغال قىلدى. بۇ يەرلەردە ياشاۋاتقان خەلق گىلئادنىڭ ئاتىسى ماكىرنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى.
24
خەزرون كالىب-ئەفراتا شەھىرىدە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئېغىر ئاياغ ئايالى ئابىيا ئاشخۇر ئىسىملىك بىر ئوغۇل تۇغدى. ئاشخۇر تىقوۋا شەھىرىنى بىنا قىلدى.
25
خەزروننىڭ تۇنجى ئوغلى يىراخمىئېلدىن تۆرەلگەن ئوغۇللار: تۇنجى ئوغلى رام، بۇناھ، ئورەن، ئوزېم ۋە ئاخىيا.
26
يىراخمىئېلنىڭ ئاتارا ئىسىملىك يەنە بىر ئايالى بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئونام تۇغۇلدى.
27
يىراخمىئېلنىڭ تۇنجى ئوغلى رامدىن مائاز، يامىن ۋە ئېقەر تۆرەلدى.
28
ئونامنىڭ شامماي ۋە يادا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. شامماي ناداب ۋە ئابىشۇر ئىسىملىك ئوغۇل پەرزەنتلەرنى كۆردى.
29
ئابىشۇرنىڭ ئابىھايىل ئىسىملىك ئايالى بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئاخبان ۋە مولىد ئىسىملىك ئوغۇللار تۇغۇلدى.
30
نادابنىڭ سەلەد ۋە ئاپپايىم ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. سەلەد پەرزەنت كۆرمەي ئالەمدىن ئۆتتى.
31
ئاپپايىم يىشئىنىڭ ئاتىسى، يىشئى شېشاننىڭ ئاتىسى، شېشان ئاخلاينىڭ ئاتىسى ئىدى.
32
شامماينىڭ ئىنىسى يادانىڭ يەتەر ۋە يوناتان ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. يەتەر پەرزەنت كۆرمەي ئالەمدىن ئۆتتى.
33
يوناتاننىڭ پەلەت ۋە زازا ئىسىملىك ئىككى ئوغلى بار ئىدى. مانا شۇلارنىڭ ھەممىسى يىراخمىئېلنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.
34
شېشاننىڭ ئوغلى يوق، پەقەت قىزلىرى بار ئىدى. شېشاننىڭ يەنە يارخا ئىسىملىك بىر مىسىرلىق قۇلى بار ئىدى.
35
شېشان قىزىنى قۇلى يارخاغا ياتلىق قىلدى. ئۇلار ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ، ئىسمىنى ئاتتاي قويۇشتى.
36
ئاتتايدىن ناتان تۆرەلدى، ناتاندىن زاباد تۆرەلدى،
37
زابادتىن ئەفلال تۆرەلدى، ئەفلالدىن ئوبېد تۆرەلدى،
38
ئوبېدتىن يېھۇ تۆرەلدى، يېھۇدىن ئازاريا تۆرەلدى،
39
ئازاريادىن خەلەز تۆرەلدى، خەلەزدىن ئەلئاسا تۆرەلدى،
40
ئەلئاسادىن سىسماي تۆرەلدى، سىسمايدىن شاللۇم تۆرەلدى،
41
شاللۇمدىن يىقاميا تۆرەلدى، يىقاميادىن ئەلىشاما تۆرەلدى.
42
يىراخمىئېلنىڭ ئاكىسى كالىبنىڭ ئىككى ئوغلى بولۇپ، تۇنجىسىنىڭ ئىسمى مېشا، كەنجىسىنىڭ ئىسمى مارېشا ئىدى. مېشادىن زىف تۆرەلدى، مارېشادىن ھىبرون تۆرەلدى.
43
ھىبرون كوراھ، تاپپۇۋاخ، رەقەم ۋە شەما ئىسىملىك ئوغۇللارنى كۆردى.
44
شەمادىن راخام تۆرەلدى، راخامدىن يورقوئام تۆرەلدى. رەقەمدىن شامماي تۆرەلدى.
45
شاممايدىن مائون تۆرەلدى، مائوندىن بەيتزۇر تۆرەلدى.
46
كالىبنىڭ ئېفاھ ئىسىملىك توقىلى ئۇنىڭغا خاران، موزا ۋە گازېزنى تۇغۇپ بەردى. خاراندىن گازېز تۆرەلدى.
47
ئېفاھنىڭ ئاتىسى يوداينىڭ يەنە رەگېم، يوتەم، گېشان، پەلەت ۋە شائاف ئىسىملىك ئوغۇللىرىمۇ بار ئىدى.
48
كالىبنىڭ مائاكا ئىسىملىك يەنە بىر توقىلى ئۇنىڭغا شەبەر ۋە تىرخانا ئىسىملىك ئوغۇللارنى تۇغۇپ بەردى.
49
كېيىن ئۇ يەنە شائاف ۋە شىۋا ئىسىملىك ئىككى ئوغۇل تۇغدى. شائاف مادماننا شەھىرىگە، شىۋا ماكبېنا ۋە گىبئا شەھىرىگە ئاساس سالدى. كالىبنىڭ ئاكساھ ئىسىملىك يەنە بىر قىزىمۇ بار ئىدى.
50
مانا بۇلار كالىبنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. كالىبنىڭ ئايالى ئەفراتادىن تۇغۇلغان تۇنجى ئوغلى خۇر ئۈچ ئوغۇل كۆردى. بىرىنچىسىنىڭ ئىسمى شوبال بولۇپ، ئۇ قىريات-يىئارىم شەھىرىگە ئاساس سالدى.
51
ئىككىنچىسىنىڭ ئىسمى سالما بولۇپ، ئۇ بەيتلەھەم شەھىرىگە ئاساس سالدى. ئۈچىنچىسىنىڭ ئىسمى خارېف بولۇپ، ئۇ بەيت-گادېر شەھىرىگە ئاساس سالدى.
52
قىريات-يىئارىم شەھىرىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى شوبال بولۇپ، قىريات-يىئارىم شەھىرىدىكىلەر، ھاروئەلەر ۋە ماناخات شەھىرىنىڭ يېرىم ئاھالىسى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. قىريات-يىئارىم شەھىرىنىڭ ئاھالىسى يىترى جەمەتى، پۇتى جەمەتى، شۇما جەمەتى ۋە مىشرا جەمەتىدىن تەشكىل تاپقانىدى. زورئاھ ۋە ئەشتائول خەلقىمۇ شۇ جەمەتلەردىن كېلىپ چىققانىدى.
54
سالمانىڭ ئەۋلادلىرى: بەيتلەھەملىكلەر، نىتوفالار، ئاتروت-بەيتيوئابلار، ماناخاتلىقلارنىڭ يېرىمى ۋە زورئاھلار.
55
يابېز شەھىرىدە ياشىغان تىرا، شىما ۋە سۇكاھ ئىسىملىك پۈتۈكچىلەرنىڭ جەمەتلىرىمۇ سالما ئەۋلادلىرىدىن كېلىپ چىققانىدى. ئۇلار خامماتتىن بولغان قېنلار بولۇپ، خاممات رېكابنىڭ ئەجدادى ئىدى.
← Chapter 1
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 3 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29