bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
1 Chronicles 7
1 Chronicles 7
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 6
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 8 →
1
ئىسساكارنىڭ تولاھ، پۇئاھ، ياشۇب ۋە شىمرون ئىسىملىك تۆت ئوغلى بار ئىدى.
2
تولاھنىڭ ئۇززى، رىفايا، يىرىئېل، ياخماي، يىبسام ۋە سامۇئىل ئىسىملىك ئوغۇللىرى بولدى. ئۇلار ئۆز جەمەتىنىڭ باشلىقلىرى ئىدى. پادىشاھ داۋۇتنىڭ دەۋرىدە تولاھنىڭ نەسەبنامىسىدا 22,600 لەشكىرى بار، دەپ خاتىرىلەنگەنىدى.
3
ئۇززىنىڭ يىزراخيا ئىسىملى ك بىر ئوغلى بولۇپ، يىزراخيانىڭ مىكائىل، ئوبادىيا، يوئېل ۋە يىششىيا دەپ ئوغۇللىرى بار ئىدى. يىزراخيا ۋە ئۇنىڭ تۆت ئوغلى جەمەت باشلىقلىرى ئىدى.
4
ئۇلارنىڭ خوتۇن-بالىلىرى ناھايىتى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، نەسەبنامىسىدا جەڭ قىلىشقا تەييار 36,000 لەشكىرى بار، دەپ خاتىرىلەنگەنىدى.
5
ئىسساكار قەبىلىسىنىڭ جەمەتلەر نەسەبنامىسىدا جەمئىي 87,000 لەشكىرى بار، دەپ خاتىرىلەنگەنىدى.
6
بىنيامىننىڭ بەلا، بەكەر ۋە يىدىئائېل ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بار ئىدى.
7
بەلانىڭ ئەزبون، ئۇززى، ئۇززىئېل، يىرىموت ۋە ئىرى ئىسىملىك بەش ئوغلى بولدى. بۇ بەش ئوغۇل ئۆز جەمەتىنىڭ باشلىقلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ نەسەبنامىسىدا 22,034 لەشكىرى بار، دەپ خاتىرىلەنگەنىدى.
8
بەكەرنىڭ زىمىرا، يوئاش، ئەلىئەزەر، ئەليوئېناي، ئومرى، يىرېموت، ئابىيا، ئاناتوت ۋە ئالەمەت ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.
9
ئۇلارنىڭ نەسەبنامىسىدا جەمەت باشلىقلىرىدىن سىرت 20,200 لەشكىرى بار، دەپ خاتىرىلەنگەنىدى.
10
يىدىئائېلنىڭ بىلھان ئىسىملىك بىر ئوغلى بار ئىدى. بىلھاننىڭ يىئۇش، بىنيامىن، ئېھۇد، كىنائان، زېتان، تارشىش ۋە ئاخىشاخار ئىسىملىك ئوغۇللىرى بولدى.
11
يىدىئائېلنىڭ ئوغلى ۋە نەۋرىلىرىنىڭ ھەممىسى جەمەت باشلىقلىرى بولۇپ، نەسەبنامىسىدا جەڭ قىلىشقا ماھىر 17,200 لەشكىرى بار، دەپ خاتىرىلەنگەنىدى.
12
شۇپپىم ۋە خۇپپىم خەلقلىرى ئىرنىڭ ئەۋلادى، خۇشىم خەلقى ئاخېرنىڭ ئەۋلادى ئىدى.
13
نافتالىنىڭ ياخزىئېل، گۇنى، يېزەر ۋە شاللۇم ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. ئۇلار ياقۇپنىڭ توقىلى بىلھاھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىدى.
14
ماناسسە ئارراملىق توقىلىدىن ئاسرىئېل ۋە ماكىر ئىسىملىك ئوغۇللارنى كۆردى. ماكىر گىلئادنىڭ ئاتىسى ئىدى.
15
ماكىر خۇپپىم ۋە شۇپپىمغا خوتۇن ئېلىپ بەردى. ماكىرنىڭ مائاكا ئىسىملىك بىر سىڭلىسى بار ئىدى. زىلوفخاد ماكىرنىڭ يەنە بىر ئوغلى بولۇپ، ئۇ پەقەت قىز پەرزەنتلا كۆرگەنىدى.
16
ماكىرنىڭ ئايالى مائاكا ئىككى ئوغۇل تۇغدى. ئۇلارنىڭ ئىسمىنى پەرەش ۋە شەرەش قويدى. پەرەش ئۇلام ۋە رەقەم ئىسىملىك ئوغۇللارنى كۆردى.
17
ئۇلامنىڭ بىدان ئىسىملىك ئوغلى بار ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى گىلئادنىڭ ئەۋلادىدۇر. گىلئاد ماكىرنىڭ ئوغلى، ماكىر ماناسسەنىڭ ئوغلى ئىدى.
18
گىلئادنىڭ سىڭلىسى ھاممولەكەتتىن ئىشھود، ئابىئەزەر ۋە ماخلاھ تۇغۇلدى.
19
شىمىدانىڭ ئاخيان، شەكەم، لىقخى ۋە ئانىئام ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.
20
ئەفرايىمنىڭ شۇتەلاخ ئىسىملىك ئوغلى بار ئىدى. (شۇتەلاخنىڭ ئوغلى بەرەد، بەرەدنىڭ ئوغلى تاخات، تاخاتنىڭ ئوغلى ئەلئادا، ئەلئادانىڭ ئوغلى تاخات،
21
تاخاتنىڭ ئوغلى زاباد، زابادنىڭ ئوغلى شۇتەلاخ ئىدى.) ئەفرايىمنىڭ شۇتەلاختىن سىرت يەنە ئەزەر ۋە ئەلئاد ئىسىملىك ئوغۇللىرىمۇ بار ئىدى. ئۇلار گات شەھىرىنىڭ يەرلىك ئاھالىسىنىڭ چارۋىلىرىنى ئوغرىلىماقچى بولغاندا، گاتلىقلار ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنىدى.
22
ئۇلارنىڭ ئاتىسى ئەفرايىم خېلى كۈنلەرگىچە ھازا تۇتتى. تۇغقانلىرى ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگىلى كەلدى.
23
ئەفرايىم ئايالى بىلەن يەنە بىللە بولدى. ئايالى ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئەفرايىم ئائىلىسىدە يۈز بەرگەن بەختسىزلىكنى ئويلاپ، ئوغلىنىڭ ئىسمىنى بىرىئا [مەنىسى «بەختسىزلىك»] قويدى.
24
ئەفرايىمنىڭ شەئەرا ئىسىملىك بىر قىزى بار ئىدى. شەئەرا ئۈستۈن بەيت-خورون ۋە ئاستىن بەيت-خورون شەھەرلىرىنى ھەمدە ئۇزېن-شەئەرا شەھىرىنى قۇرغانىدى.
25
ئەفرايىمنىڭ يەنە رەفاخ ئىسىملىك بىر ئوغلىمۇ بار ئىدى. رەفاخنىڭ ئوغلى رەشەف، رەشەفنىڭ ئوغلى تەلاخ، تەلاخنىڭ ئوغلى تاخان،
26
تاخاننىڭ ئوغلى لادان، لاداننىڭ ئوغلى ئاممىھۇد، ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشاما،
27
ئەلىشامانىڭ ئوغلى نۇن، نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ئىدى.
28
ئەفرايىمنىڭ ئەۋلادلىرى جەنۇبتا بەيتەل شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار، شەرقتە نائاران شەھىرى، غەربتە گەزەر شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار، شەكەم ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار ۋە ئەڭ يىراق بولغاندا ئايياھ شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپتىكى يېزىلارغىچە ئورۇنلاشقانىدى.
29
ماناسسە زېمىنىنىڭ چېگرىسىدا بەيتشان، تاناك، مىگىددو، دور شەھەرلىرى ۋە ئۇ شەھەرلەرنىڭ ئەتراپىدا يېزىلار بار ئىدى. بۇ جايلاردا ئىسرائىلنىڭ ئوغلى يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى ياشايتتى.
30
ئاشېرنىڭ ئوغۇللىرى: يىمناھ، يىشۋاھ، يىشۋى ۋە بىرىئا. بۇ ئوغۇللارنىڭ سەراخ ئىسىملىك بىر سىڭلىسىمۇ بار ئىدى.
31
بىرىئانىڭ خەبەر ۋە مالكىئېل ئىسىملىك ئوغۇللىرى بولۇپ، مالكىئېل بىرزايىت شەھىرىنى قۇرغانىدى.
32
خەبەرنىڭ يافلېت، شومېر ۋە خوتام ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. بۇ ئوغۇللارنىڭ شۇئا ئىسىملىك بىر قىز قېرىندىشى بار ئىدى.
33
يافلېتنىڭ پاساك، بىمھال ۋە ئاشۋات ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.
34
شومېرنىڭ ئاخى، روھاگا، يىخۇببا ۋە ئاررام ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.
35
شومېرنىڭ ئىنىسى ھېلەمنىڭ زوفاخ، يىمنا، شېلەش ۋە ئامال ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.
36
زوفاخنىڭ سۇۋاخ، خارنەفەر، شۇئال، بەرى، يىمراھ،
37
بەزەر، ھود، شامما، شىلشاھ، يىتران ۋە بىئېرا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بولدى.
38
يەتەرنىڭ يىفۇننە، پىسپاھ ۋە ئارا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.
39
ئۇللانىڭ ئاراخ، خاننىئېل ۋە رىزيا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.
40
ئاشېر ئەۋلادلىرى مانا مۇشۇلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار جەمەت باشلىقلىرى، باتۇر، پىشقان جەڭچىلەر، كۆزگە كۆرۈنگەن يولباشچىلار ئىدى. ئاشېر قەبىلىسىنىڭ نەسەبنامىسىدا جەڭ قىلىشقا تەييار 26,000 جەڭچىسى بار ئىدى، دەپ خاتىرىلەنگەنىدى.
← Chapter 6
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 8 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29