bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
1 Chronicles 23
1 Chronicles 23
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 22
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 24 →
1
داۋۇت قېرىپ، ساناقلىقلا كۈنلىرى قالغاندا، ئوغلى سۇلايماننى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.
2
داۋۇت ئىسرائىللارنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرى ۋە روھانىيلىرىنى، شۇنداقلا لاۋىيلارنى چاقىرتىپ كەلدى.
3
ئۇ لاۋىيلارنىڭ 30 ياشتىن يۇقىرى ئەرلىرىنى تىزىملىدى، ئۇلار جەمئىي 38 مىڭ ئىدى.
4
داۋۇت ئۇلارنىڭ 24 مىڭ نەپىرىنى ئىبادەتخانىنى سېلىش خىزمىتىنى باشقۇرۇشقا قويدى. يەنە ئالتە مىڭ كىشىنى ئىبادەتخانىنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە سوتچىلىرى قىلىپ تەيىنلىدى.
5
يەنە تۆت مىڭ كىشىنى دەرۋازىۋەنلىككە قويدى، قالغان تۆت مىڭ كىشىنى داۋۇت ئۆزى پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەش ئۈچۈن ياساتقان چالغۇلارنى چېلىشقا مەسئۇل قىلدى.
6
داۋۇت لاۋىيلارنى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە گېرشوم، قوھات ۋە مىرارى دەپ ئۈچ توپقا بۆلدى.
7
گېرشومنىڭ لادان ۋە شىمئى ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.
8
لاداننىڭ ئوغۇللىرى: تۇنجى ئوغلى يىخىئېل، زېتام ۋە يوئېل. جەمئىي ئۈچ ئوغۇل.
9
ئۇلارنىڭ ھەممىسى لادان جەمەتىنىڭ باشلىقلىرى ئىدى. شىمئىنىڭ ئوغۇللىرى: شىلوموت، خازىئېل ۋە ھاران. جەمئىي ئۈچ ئوغۇل.
10
شىمئى كېيىن يەنە ياخات، زىزا، يىئۇش ۋە بىرىئا ئىسىملىك تۆت ئوغۇل پەرزەنت كۆردى.
11
ياخات ئوغۇللارنىڭ چوڭى، زىزا ئوغۇللارنىڭ ئىككىنچىسى ئىدى. يىئۇش بىلەن بىرىئانىڭ ئەۋلادى كۆپ بولمىغاچقا، ئۇلار قوشۇلۇپ بىر جەمەت قىلىپ ھېسابلاندى.
12
قوھاتنىڭ ئامرام، يىزھار، ھىبرون ۋە ئۇززىئېل ئىسىملىك تۆت ئوغلى بار ئىدى.
13
ئامرامنىڭ ھارۇن ۋە مۇسا ئىسىملىك ئىككى ئوغلى بار ئىدى. ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە ئاتالغان بولۇپ، ئۇلار ئەڭ مۇقەددەس بۇيۇملارنى باشقۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. ئۇلار يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇنىڭغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىشقا، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا ۋە خەلققە مەڭگۈ بەخت تىلەشكە تەيىنلەنگەنىدى.
14
خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى بولغان مۇسانىڭ ئەۋلادلىرى لاۋىي قەبىلىسىنىڭ بىر تارمىقى ھېسابلىناتتى.
15
مۇسانىڭ گېرشوم ۋە ئەلىئەزەر ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.
16
گېرشومنىڭ چوڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى شىبۇئېل ئىدى.
17
ئەلىئەزەرنىڭ بىرلا ئوغلى بولۇپ، ئىسمى رىخابيا ئىدى. لېكىن رىخابيانىڭ پەرزەنتلىرى كۆپ ئىدى.
18
قوھاتنىڭ ئىككىنچى ئوغلى يىزھارمۇ ئوغۇل پەرزەنت كۆرگەنىدى. ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى شىلومىت ئىدى.
19
قوھاتنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى ھىبرون تۆت ئوغۇل پەرزەنت كۆرگەن بولۇپ، تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى يىرىيا، ئىككىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى ئاماريا، ئۈچىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى ياخازىئېل، تۆتىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى يىقامئام ئىدى.
20
قوھاتنىڭ كەنجى ئوغلى ئۇززىئېلنىڭ ئىككى ئوغلى بولۇپ، چوڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى مىكاھ، كىچىك ئوغلىنىڭ ئىسمى يىششىيا ئىدى.
21
مىرارىنىڭ ماخلى ۋە مۇشى ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. ماخلىنىڭ ئەلئازار، كىش ئىسىملىك ئوغۇللىرى بولدى.
22
ئەلئازار ئالەمدىن ئۆتكەنگە قەدەر ئوغۇل پەرزەنت كۆرمىدى، پەقەت قىز پەرزەنتلا كۆردى. ئۇنىڭ قىزلىرى ئۆز جەمەتىدىن بولغان كىشنىڭ ئوغۇللىرىغا ياتلىق بولدى.
23
مۇشىنىڭ ئۈچ ئوغلى بولدى، ئۇلار ماخلى، ئەدەر ۋە يىرېموت ئىدى.
24
مانا بۇلار لاۋىيلارنىڭ ئۇرۇق-جەمەتلىرىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا جەمەت باشلىقلىرىنىڭ نامى بويىچە تىزىمغا ئېلىنغان ئەۋلادلىرى بولۇپ، يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكىلەرنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا خىزمەتكە قويۇلغانىدى.
25
داۋۇت مۇنداق دېگەنىدى: «پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ئۆز خەلقىگە تىنچلىق ئاتا قىلدى. ئەمدى ئۇ مەڭگۈ يېرۇسالېمدا ياشايدۇ.
26
شۇڭا لاۋىيلار بۇنىڭدىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىنى ۋە ئىچىدىكى بۇيۇملارنى كۆتۈرۈپ يۈرمىسىمۇ بولىدۇ».
27
داۋۇتنىڭ جان ئۈزۈش ئالدىدا قىلغان ئەمرلىرىگە ئاساسەن، 20 ياشتىن يۇقىرى لاۋىيلارنىڭ ھەممىسى تىزىمغا ئېلىنغانىدى.
28
لاۋىيلارنىڭ ۋەزىپىلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا ياردەملىشىپ، ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرى ۋە يان خانىلىرىغا مەسئۇل بولۇش، بارلىق مۇقەددەس بۇيۇملارنى پاكىزلاش ۋە شۇنىڭغا دائىر باشقا ئىشلارنى قىلىش ئىدى.
29
ئۇلار يەنە پەرۋەردىگارغا ئاتىلىدىغان نانلارنى، نېپىز پېتىر نانلارنى، چەلپەكلەرنى پىشۇرۇشقا ۋە ھەدىيە قىلىنىدىغان سۈپەتلىك ئۇنلارنى تەييارلاشقا ھەمدە بۇ نەرسىلەرنىڭ مىقدارى ۋە سانىنى بەلگىلەشكە مەسئۇل ئىدى.
30
ئۇلار ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىبادەتخانىدا پەرۋەردىگارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ھەمدۇسانا ئوقۇيتتى.
31
دېمەك، ئۇلار ھەر دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، يېڭى ئاي بايراملىرىدا ۋە باشقا بەلگىلەنگەن ھېيت كۈنلىرىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار قىلىنغاندا پەرۋەردىگارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ھەمدۇسانا ئوقۇيتتى. لاۋىيلار دائىم پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بەلگىلەنگەن سان ۋە بېكىتىلگەن بەلگىلىمە بويىچە خىزمەت قىلاتتى.
32
لاۋىيلار ئۇچرىشىش چېدىرى ۋە ئىبادەتخانىغا قاراشقا مەسئۇل بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئۆزلىرىنىڭ قېرىنداشلىرىغا، يەنى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا ياردەم بېرەتتى.
← Chapter 22
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 24 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29