bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
1 Chronicles 5
1 Chronicles 5
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 4
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 6 →
1
رۇبېن ئىسرائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى ئىدى. لېكىن ئۇ ئاتىسىنىڭ توقىلىغا بىرىگە چېقىلىپ قويغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقى بىكار قىلىنىپ، بۇ ھوقۇق ئۇنىڭ ئىنىسى يۈسۈپنىڭ ئوغۇللىرىغا بېرىلگەنىدى. شۇ سەۋەبتىن رۇبېن نەسەبنامىدا تۇنجى ئوغۇل دەپ خاتىرىلەنمىگەنىدى.
2
يەھۇدا ئاكا-ئىنىلىرى ئارىسىدا ئەڭ كۈچلۈك بولۇپ، ئۇنىڭ قەبىلىسىدىن ھۆكۈمران چىقتى. لېكىن تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقى يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرىدا ئىدى.
3
ئىسرائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبېننىڭ خانوك، پاللۇ، خەزرون ۋە كارمى ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.
4
يوئېلنىڭ ئەۋلادلىرى: يوئېلنىڭ ئوغلى شىمايا، شىمايانىڭ ئوغلى گوگ، گوگنىڭ ئوغلى شىمئى،
5
شىمئىنىڭ ئوغلى مىكاھ، مىكاھنىڭ ئوغلى رىئايا، رىئايانىڭ ئوغلى بائال ۋە
6
بائالنىڭ ئوغلى بەئەراھ. ئاسسۇرىيە پادىشاھى تىگلات-پىلئەسەر بەئەراھنى ئەسىرگە ئېلىپ، يۇرتىغا ئېلىپ كەتكەنىدى. بەئەراھ رۇبېن قەبىلىسىنىڭ يولباشچىسى ئىدى.
7
رۇبېن قەبىلىسىنىڭ نەسەبنامىسىدا خاتىرىلەنگەن جەمەت باشلىقلىرى: يولباشچى يىئىئېل، زىكىرىيا
8
ۋە ئازازنىڭ ئوغلى بەلا. ئازاز شەمانىڭ ئوغلى، شەما يوئېلنىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇلار ئاروئېر شەھىرىدە ھەمدە شىمالدىكى نىبو ۋە بائال-مىئون شەھەرلىرىگىچە بولغان يەرلەردە ياشىدى.
9
ئۇلارنىڭ گىلئاد زېمىنىدىكى مال-چارۋىلىرى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار يەنە شەرققە كېڭىيىپ فىرات دەرياسىنىڭ غەربىگىچە سوزۇلغان كەڭ دالانى ئىگىلىۋالدى.
10
پادىشاھ سائۇلنىڭ دەۋرىدە رۇبېننىڭ ئەۋلادلىرى ھاگرىلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىپ، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدى ھەمدە گىلئادنىڭ شەرقىدىكى ھەممە زېمىنلىرىنى ئىگىلىۋالدى.
11
گاد قەبىلىسى رۇبېن قەبىلىسىنىڭ شىمالىغا يانداش بولغان باشان زېمىنىدا ياشايتتى. ئۇلارنىڭ زېمىنى شەرقتە سالكاھ شەھىرىگىچە سوزۇلغانىدى.
12
يوئېل باشاندا يولباشچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئوڭ قول ياردەمچىسى شافام ئىدى. ياناي ۋە شافاتلار شافامنىڭ ياردەمچىلىرى ئىدى.
13
گاد قەبىلىسىدىكى قېرىنداشلار تۆۋەندىكى يەتتە جەمەتتىن تەركىب تاپقانىدى: مىكائىل، مىشۇللام، شىبا، يوراي، ياكان، زىيا ۋە ئېبەر.
14
بۇلارنىڭ ھەممىسى ئابىخايىلنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. ئابىخايىل خۇرىنىڭ ئوغلى، خۇرى ياروۋاخنىڭ ئوغلى، ياروۋاخ گىلئادنىڭ ئوغلى، گىلئاد مىكائىلنىڭ ئوغلى، مىكائىل يىشىشاينىڭ ئوغلى، يىشىشاي ياخدونىڭ ئوغلى، ياخدو بۇزنىڭ ئوغلى ئىدى.
15
گۇنىنىڭ ئوغلى ئابدىيېل، ئابدىيېلنىڭ ئوغلى ئاخى بولۇپ، ئۇ جەمەت باشلىقى ئىدى.
16
گاد قەبىلىسى گىلئاد، باشان ۋە ئۇ يەردىكى يېزىلاردا ھەمدە شاروندىكى ئوتلاقلاردا ياشايتتى.
17
بۇ خاتىرىلەر يەھۇدىيە پادىشاھى يوتەم ۋە ئىسرائىلىيە پادىشاھى ياروبئام II ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە نەسەبنامىغا كىرگۈزۈلگەنىدى.
18
رۇبېن قەبىلىسى، گاد قەبىلىسى ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىنىڭ قالقان، قىلىچ ۋە ئوقيا بىلەن قوراللانغان، جەڭگە ياراملىق 44,760 نەپەر لەشكىرى بار ئىدى.
19
ئۇلار ھاگرى، يىتۇر، نافىش ۋە نودابلارغا ھۇجۇم قىلدى.
20
ئۇلار جەڭدە خۇدادىن مەدەت تىلىدى. خۇدا ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى. ئۇلار ھاگرىلار بىلەن ئىتتىپاقداشلىرىنى مەغلۇپ قىلدى، چۈنكى ئۇلار خۇداغا ئىشەنگەنىدى.
21
ئۇلار دۈشمەننىڭ چارۋىسىنى، يەنى 50 مىڭ تۆگە، 250 مىڭ قوي، ئىككى مىڭ ئېشىكىنى ئولجا ئالدى ۋە يۈز مىڭ ئادىمىنى ئەسىرگە ئالدى.
22
ئۇلار نۇرغۇن دۈشمەننى ئۆلتۈردى، چۈنكى بۇ جەڭ خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن بولغانىدى. رۇبېن، گاد قەبىلىلىرى ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمى تاكى سۈرگۈن قىلىنغانغا قەدەر شۇ يەرلەردە ياشىدى.
23
ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمى بائال-خەرمون، سىنىر ۋە خەرمون تاغلىرىغىچە بولغان باشان زېمىنلىرىدا ياشايتتى. ئۇلارنىڭ نوپۇسى ناھايىتى كۆپ ئىدى.
24
ئۇلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرىنىڭ ئىسىملىرى: ئېفەر، يىشئى، ئەلىئېل، ئازرىئېل، يەرەمىيا، ھوداۋيا ۋە ياخدىئېل. ئۇلار باھادىر جەڭچىلەر بولۇپ، ئۆز جەمەتىنىڭ مەشھۇر يولباشچىلىرى ئىدى.
25
رۇبېن، گاد قەبىلىلىرى ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمى ئاتا-بوۋىلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ۋاپاسىزلىق قىلىپ، خۇدا ۋەيران قىلغان ئاشۇ يۇرتتىكى خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇندى.
26
شۇڭا ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئاسسۇرىيە پادىشاھى پۈلنى، يەنى تىگلات-پىلئەسەرنى رۇبېن ۋە گاد قەبىلىلىرىگە ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. پادىشاھ پۈل ئۇلارنى خالاخ، خابور ۋە ھارا دېگەن يەرلەرگە ھەمدە گوزان دەرياسىنىڭ بويلىرىغا سۈرگۈن قىلدى. شۇنىڭدىن بېرى ئۇلار شۇ يەرلەردە ياشاپ كەلمەكتە.
← Chapter 4
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 6 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29