bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
1 Chronicles 29
1 Chronicles 29
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 28
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
1
پادىشاھ داۋۇت پۈتۈن جامائەتكە مۇنداق دېدى: _ خۇدا تاللىغان ئوغلۇم سۇلايمان تېخى ياش ھەم تەجرىبىسىز، ئەمما قىلىدىغان ئىشى ئىنتايىن بۈيۈكتۇر. چۈنكى ئىبادەتخانا ئىنسانلارغا ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگار خۇداغا ئاتىلىدۇ.
2
مەن خۇدايىمنىڭ بۇ ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن نۇرغۇنلىغان ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ، تۆمۈر ۋە ياغاچ ماتېرىياللارنى تەييارلىدىم. ئۇلاردىن باشقا كۆپلىگەن يوللۇق ھېقىق، فىرۇزە تاشلار، رەڭلىك تاشلار، مەرمەر ۋە ھەر خىل قىممەتلىك تاشلارنىمۇ تەييارلىم.
3
مەن خۇدايىمنىڭ ئىبادەتخانىسىغا بولغان ساداقىتىمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن يۇقىرىقىدەك ماتېرىياللارنى تەييارلىغاندىن باشقا، يەنە ئۆزۈمنىڭ ئەتىۋارلاپ ساقلاپ قويغان ئالتۇن، كۈمۈشلىرىمنىمۇ ھەدىيە قىلىمەن.
4
مەن ئىبادەتخانىنىڭ تاملىرىنى زىننەتلەشكە 100 توننا ئوفىر ئالتۇنى ۋە 240 توننا كۈمۈش ھەدىيە قىلىمەن.
5
بۇ ئالتۇن ۋە كۈمۈشلەردىن ئۇستا ھۈنەرۋەنلەر ھەر خىل بۇيۇملارنىمۇ ياسايدۇ. قېنى، بۈگۈن يەنە كىم پەرۋەردىگارغا خالىس ھەدىيە بېرىشنى خالايدۇ؟
6
شۇنىڭ بىلەن ھەرقايسى جەمەت باشلىقلىرى، قەبىلە باشلىقلىرى، مىڭبېشىلار، يۈزبېشىلار ۋە ئوردا ئەمەلدارلىرى ئۆز سوۋغاتلىرىنى خالىس ھالدا ھەدىيە قىلدى.
7
ئۇلارنىڭ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن قىلغان ھەدىيەلىرى 180 توننا ئالتۇن، 10 مىڭ دانە ئالتۇن تەڭگە، 360 توننا كۈمۈش، 650 توننا تۇچ ۋە 3600 توننا تۆمۈر ئىدى.
8
كىمدە قىممەتلىك تاشلار بولسا، ئۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ خەزىنىسىگە تاپشۇردى. ئامبارغا گېرشوم ئەۋلادىدىن بولغان يىخىئېل قارايتتى.
9
خەلق چىن دىلىدىن خۇداغا ئاتاپ ھەدىيە بەرگەن بۇ ئادەملەردىن سۆيۈندى. پادىشاھ داۋۇتمۇ خۇرسەن بولدى.
10
داۋۇت پۈتۈن جامائەت ئالدىدا پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەپ ھەمدۇسانا ئوقۇدى: «ئى پەرۋەردىگار، يەنى ئەجدادىمىز ئىسرائىل ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، ساڭا ئەبەدىلئەبەد مەدھىيەلەر بولسۇن!
11
ئى پەرۋەردىگار، ئۇلۇغلۇق، قۇدرەت، شان-شۆھرەت ۋە بۈيۈكلۈك ساڭا مەنسۇپتۇر. ئاسمان ۋە زېمىندىكى بارچە نەرسە ساڭا تەۋەدۇر! ئى پەرۋەردىگار، بۇ سېنىڭ پادىشاھلىقىڭدۇر، سەن ھەممىدىن يۈكسەك ھۆكۈمراندۇرسەن!
12
بايلىق ۋە شۆھرەت سەندىن كېلىدۇ، سەن پۈتكۈل مەۋجۇداتقا ھۆكۈمرانلىق قىلىسەن، سەن پۈتكۈل ھوقۇق ۋە كۈچ-قۇدرەتنىڭ ئىگىسىدۇرسەن، ھەركىمنى يۈكسەك، كۈچلۈك قىلىش سېنىڭ ئىلكىڭدىدۇر.
13
ئى خۇدايىمىز، بىز ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمىز، سېنىڭ شەرەپلىك نامىڭنى ئۇلۇغلايمىز!
14
ساڭا ھەدىيە سۇنغۇدەك مەن كىم ئىدىم، خەلقىم كىم ئىدى. بىز ساڭا ھەدىيە سۇنۇشقا قانداقمۇ لايىق كېلىمىز؟ چۈنكى پۈتۈن نەرسە سەندىن كېلىدۇ. بىز پەقەت سەندىن ئالغان نەرسىنى ئۆزۈڭگە قايتۇردۇق، خالاس!
15
بىز سېنىڭ ئالدىڭدا خۇددى ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئوخشاش پەقەت ئۆتكۈنچى مېھمانلاردۇرمىز، بىزنىڭ بۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىز خۇددى كۆلەڭگىدەك ئىزسىز تېزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ.
16
ئى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا، بىز سېنىڭ مۇقەددەس نام-شەرىپىڭگە ئاتاپ سالماقچى بولغان ئىبادەتخانىغا تەييارلىغان بۇ بايلىقلارمۇ سەندىن كەلگەن، ھەممىسى ساڭا مەنسۇپتۇر.
17
ئى خۇدايىم، سېنىڭ كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى سىنايدىغانلىقىڭنى بىلىمەن. سەن دۇرۇس ئادەملەردىن خۇرسەن بولىسەن. مەن بەرگەن نەرسىلەرنى چىن دىلىمدىن ساڭا ئاتىدىم، شۇنداقلا مەن بۇ يەردە تۇرغان خەلقىڭنىڭ بايلىقلىرىنى خۇشاللىق ۋە ئۆز ئىختىيارى بىلەن ساڭا تەقدىم قىلغانلىقىنى كۆردۈم.
18
ئى پەرۋەردىگار، يەنى ئەجدادلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ئىسرائىل ئېتىقاد قىلغان خۇدا، خەلقىڭنى مەڭگۈ ئۆزۈڭگە مۇشۇنداق قىزغىن ۋە سادىق قىلغايسەن!
19
ئوغلۇم سۇلايماننىڭ سېنىڭ ئەمر، قانۇن ۋە قائىدىلىرىڭگە رىئايە قىلىشى، شۇنداقلا مەن تەييارلاپ قويغان ئاشۇ ماتېرىياللارنى ئىشلىتىپ، ئىبادەتخانىنى سېلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا كۈچلۈك ئىستەك ئاتا قىلغايسەن.»
20
كېيىن داۋۇت پۈتۈن جامائەتكە قاراپ: «پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار» دېدى. شۇنىڭ بىلەن جامائەت ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ھەمدۇسانا ئېيتتى. ئۇلار ئالدى بىلەن باشلىرىنى يەرگە تەگكۈزۈپ، پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدى، ئاندىن پادىشاھقا تەزىم قىلدى.
21
جامائەت ئەتىسى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلدى. ئۇلار پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە ۋاكالىتەن مىڭ تۇياق بۇقا، مىڭ تۇياق قوچقار، مىڭ تۇياق پاقلاننى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىچىملىك ھەدىيەسى ۋە نۇرغۇنلىغان باشقا قۇربانلىقلارنىمۇ تەقدىم قىلدى.
22
ئۇ كۈنى ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا شاد-خۇراملىق بىلەن غىزالاندى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا سۇلايمان ۋە زادوقنىڭ باشلىرىغا ياغ قۇيۇپ، يەنە بىر قېتىم سۇلايماننى پادىشاھ، زادوقنى روھانىي دەپ جاكارلاشتى.
23
شۇنىڭ بىلەن سۇلايمان ئاتىسى داۋۇتنىڭ ئورنىدا پەرۋەردىگارنىڭ پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇردى. سۇلايمان ھەممە ئىشلىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازاندى، پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلدى.
24
بارلىق ئەمەلدارلار، باتۇر جەڭچىلەر ۋە پادىشاھ داۋۇتنىڭ باشقا ئوغۇللىرى ئۇنىڭغا ساداقىتىنى بىلدۈرۈشتى.
25
پەرۋەردىگار سۇلايماننى پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ئالدىدا شۇ قەدەر شۆھرەتكە ئىگە قىلدىكى، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقانداق بىر پادىشاھى بۇنداق شۆھرەتكە مۇيەسسەر بولۇپ باقمىغانىدى.
26
يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇت پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ ئىدى.
27
ئۇ ئىسرائىلىيەگە قىرىق يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ھىبروندا يەتتە يىل، يېرۇسالېمدا 33 يىل پادىشاھ بولدى.
28
داۋۇت ئۇزۇن ئۆمۈر كۆردى. ئۇ باي-باياشاتلىق ۋە ئىززەت-ھۆرمەت بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ ئورنىغا ئوغلى سۇلايمان پادىشاھ بولدى.
29
پادىشاھ داۋۇتنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى باشتىن-ئاخىر غايىبنى بىلگۈچى سامۇئىل، ناتان پەيغەمبەر ۋە غايىبنى بىلگۈچى گادنىڭ تەزكىرىلىرىگە پۈتۈلگەندۇر.
30
بۇ تەزكىرىلەرگە پادىشاھ داۋۇتنىڭ قەھرىمانلىقلىرى، ئۇنىڭ ۋە ئىسرائىل خەلقىنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلىرى، شۇنداقلا ئىسرائىلىيەنىڭ ئەتراپىدىكى پادىشاھلىقلاردا يۈز بەرگەن ئىشلارمۇ پۈتۈلگەنىدى.
← Chapter 28
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29