bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
1 Chronicles 27
1 Chronicles 27
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 26
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 28 →
1
تۆۋەندىكىلەر ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى جەمەت باشلىقلىرى، مىڭبېشىلىرى ۋە يۈزبېشىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەركەردىلەرنىڭ تىزىملىكى بولۇپ، بۇلار پادىشاھنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى. ئۇلار ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان قوشۇنلارنى ھەر يىلى بىر ئايدىن نۆۋەتلىشىپ باشقۇراتتى. ھەربىر قوشۇن 24 مىڭ ئادەمدىن تەشكىل تاپقانىدى.
2
بىرىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قوشۇننىڭ سەركەردىسى زابدىئېلنىڭ ئوغلى ياشوبئام بولۇپ، ئۇنىڭ قوشۇنىدا 24 مىڭ ئادەم بار ئىدى.
3
ياشابئام پەرەس ئەۋلادىدىن بولۇپ، ئۇ شۇ ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قوشۇننىڭ بارلىق سەركەردىلىرىنى باشقۇراتتى.
4
ئىككىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قوشۇننىڭ سەركەردىسى ئاخوۋاخنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان دوداي بولۇپ، ئۇنىڭ ئوڭ قول ياردەمچىسى مىقلوت ئىدى. ئۇنىڭ قوشۇنىدىمۇ 24 مىڭ ئادەم بار ئىدى.
5
ئۈچىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قوشۇننىڭ سەركەردىسى بىنايا ئىدى. ئۇ روھانىي يىھويادانىڭ ئوغلى بولۇپ، ئۇنىڭ قوشۇنىدىمۇ 24 مىڭ ئادەم ئىدى.
6
بىنايا «ئوتتۇز باتۇر»نىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ «ئوتتۇز باتۇر»نىڭ سەركەردىسى ئىدى. بىنايانىڭ ئوغلى ئاممىزابادمۇ قوشۇننىڭ باش سەركەردىلىرىنىڭ بىرى ئىدى.
7
تۆتىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قوشۇننىڭ سەركەردىسى يوئابنىڭ ئىنىسى ئاسائېل ئىدى. ئاسائېلدىن كېيىن ئوغلى زىباديا ئاتىسىنىڭ ئورنىغا چىقتى. ئۇنىڭ قوشۇنىدىمۇ 24 مىڭ ئادەم ئىدى.
8
بەشىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قوشۇننىڭ سەركەردىسى شامھۇت بولۇپ، ئۇ يىزراخ ئەۋلادىدىن ئىدى. ئۇنىڭ قوشۇنىدىمۇ 24 مىڭ ئادەم ئىدى.
9
ئالتىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قوشۇننىڭ سەركەردىسى تىقوۋالىق ئىققېشنىڭ ئوغلى ئىرا بولۇپ، ئۇنىڭ قوشۇنىدىمۇ 24 مىڭ ئادەم ئىدى.
10
يەتتىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قوشۇننىڭ سەركەردىسى پىلونلۇق خەلەز بولۇپ، ئۇ ئەفرايىم قەبىلىسىدىن ئىدى. ئۇنىڭ قوشۇنىدىمۇ 24 مىڭ ئادەم ئىدى.
11
سەككىزىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قوشۇننىڭ سەركەردىسى خۇشاھلىق سىببىكاي بولۇپ، ئۇ زەراخنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىدى. ئۇنىڭ قوشۇنىدىمۇ 24 مىڭ ئادەم ئىدى.
12
توققۇزىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قوشۇننىڭ سەركەردىسى ئاناتوتلۇق ئابىئەزەر بولۇپ، ئۇ بىنيامىن قەبىلىسىدىن ئىدى. ئۇنىڭ قوشۇنىدىمۇ 24 مىڭ ئادەم ئىدى.
13
ئونىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قوشۇننىڭ سەركەردىسى نىتوفالىق ماھراي بولۇپ، ئۇ زەراخنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىدى. ئۇنىڭ قوشۇنىدىمۇ 24 مىڭ ئادەم ئىدى.
14
ئون بىرىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قوشۇننىڭ سەركەردىسى پىرئاتونلۇق بىنايا بولۇپ، ئۇ ئەفرايىم قەبىلىسىدىن ئىدى. ئۇنىڭ قوشۇنىدىمۇ 24 مىڭ ئادەم ئىدى.
15
ئون ئىككىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قوشۇننىڭ سەركەردىسى نىتوفالىق خەلداي بولۇپ، ئۇ ئوتنىئېلنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىدى. ئۇنىڭ قوشۇنىدىمۇ 24 مىڭ ئادەم ئىدى.
16
تۆۋەندىكىلەر ئىسرائىلىيەدىكى قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ تىزىملىكىدۇر. رۇبېن قەبىلىسىنىڭ باشلىقى زىكرىنىڭ ئوغلى ئەلىئەزەر، شىمون قەبىلىسىنىڭ باشلىقى مائاكانىڭ ئوغلى شىفاتيا،
17
لاۋىي قەبىلىسىنىڭ باشلىقى كىمۇئېلنىڭ ئوغلى خاشابيا، ھارۇن جەمەتىنىڭ باشلىقى زادوق،
18
يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ باشلىقى داۋۇتنىڭ ئاكىسى ئەلىھۇ، ئىسساكار قەبىلىسىنىڭ باشلىقى مىكائىلنىڭ ئوغلى ئومرى.
19
زەبۇلۇن قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئوبادىيانىڭ ئوغلى يىشمايا، نافتالى قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئازرىئېلنىڭ ئوغلى يىرىموت،
20
ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئازازيانىڭ ئوغلى ھوشىيا، ماناسسە قەبىلىسى غەربىي يېرىمىنىڭ باشلىقى پىدايانىڭ ئوغلى يوئېل،
21
گىلئادتىكى ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىنىڭ باشلىقى زىكىرىيانىڭ ئوغلى ئىددو، بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئابنېرنىڭ ئوغلى يائاسىئېل،
22
دان قەبىلىسىنىڭ باشلىقى يىروخامنىڭ ئوغلى ئازارئېل، ئىسرائىلىيەدىكى ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ باشلىقلىرى مۇشۇلاردىن ئىبارەت ئىدى.
23
داۋۇت ئىسرائىل خەلقىنى تىزىمغا ئالغاندا، 20 ياشتىن تۆۋەنلەرنى تىزىملىمىغانىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار: «مەن ئىسرائىللارنىڭ سانىنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ قىلىمەن» دەپ ۋەدە قىلغانىدى.
24
مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئاب خەلقنى تىزىملاشنى باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن تولۇق تىزىملاپ بولالمىغانىدى. چۈنكى ئۇ خەلقنى تىزىملاشقا باشلىغاندا، پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا غەزەپلەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئىسرائىللارنىڭ ئومۇمىي سانى پادىشاھ داۋۇتنىڭ تەزكىرىسىگە كىرمىگەنىدى.
25
ئادىئېلنىڭ ئوغلى ئازماۋەت ئوردىنىڭ ئامبارلىرىغا مەسئۇل ئىدى. ئۇززىيانىڭ ئوغلى يوناتان شەھەر ۋە شەھەر ئەتراپىدىكى رايون، يېزا-قىشلاق ۋە قورغانلارغا قاراشلىق ئامبارلارغا مەسئۇل ئىدى.
26
كىلۇبنىڭ ئوغلى ئەزرى دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىدى.
27
راماھلىق شىمئى ئۈزۈمزارلىقلارغا مەسئۇل ئىدى. شىفاملىق زابدى ئۈزۈمزارلىقتىكى شاراب ساقلىنىدىغان ئامبارلارغا مەسئۇل ئىدى.
28
گەدەرلىك بائال-خانان غەربىي ئېدىرلىقتىكى زەيتۇنلۇقلارغا ۋە ياۋا ئەنجۈرلۈكلەرگە مەسئۇل ئىدى. يوئاش زەيتۇن ياغلىرىنى ساقلايدىغان ئامبارلارغا مەسئۇل ئىدى.
29
شارونلۇق شىتراي شارون تۈزلەڭلىكىدىكى كالا پادىلىرىغا، ئادلاينىڭ ئوغلى شافات جىلغىلاردىكى كالا پادىلىرىغا مەسئۇل ئىدى.
30
ئىسمائىلنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان ئوبىل تۆگىلەرگە، مېرونوتلۇق يەخدىيا ئېشەكلەرگە مەسئۇل ئىدى.
31
ھاگرىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان يازىز قوي ۋە ئۆچكە پادىلىرىغا مەسئۇل ئىدى. يۇقىرىدىكى ئىسمى تىلغا ئېلىنغان مانا بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى پادىشاھ داۋۇتنىڭ مال-مۈلكىنى باشقۇراتتى.
32
داۋۇتنىڭ تاغىسى يوناتان دانىشمەن ئادەم بولۇپ، ئۇ داۋۇتنىڭ مەسلىھەتچىسى ۋە پۈتۈكچى ئىدى. خاكمونىنىڭ ئوغلى يىخىئېل پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ تەلىم-تەربىيەسىگە مەسئۇل ئىدى.
33
ئاخىتوفەل پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىسى ئىدى. ئاركى جەمەتىدىن بولغان خۇشاي پادىشاھنىڭ دوستى ئىدى.
34
ئاخىتوفەلدىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا بىنايانىڭ ئوغلى يىھويادا ۋە ئەبىياتار مەسلىھەتچىلەر بولدى. يوئاب پۈتۈن قوشۇننىڭ باش سەركەردىسى ئىدى.
← Chapter 26
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 28 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29