bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Leviticus 1
Leviticus 1
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 2 →
1
پەرۋەردىگار ئۇچرىشىش چېدىرىدىن مۇسانى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:
2
_ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، سىلەردىن بىرسى مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇنماقچى بولسا، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلىرىدىن قۇربانلىق قىلسۇن.
3
ئەگەر كالىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، مېنىڭ قۇربانلىقنى قوبۇل قىلىشىم ئۈچۈن ھەممە ئەزايى بېجىرىم بولغان بۇقىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلسۇن.
4
قۇربانلىق سۇنغۇچى قۇربانلىق قىلغاندا، قولىنى قۇربانلىق بۇقىنىڭ بېشىغا قويسۇن. شۇندىلا قىلغان قۇربانلىقى قوبۇل قىلىنىپ، گۇناھى ساقىت قىلىنىدۇ.
5
ئاندىن قۇربانلىق سۇنغۇچى بۇقىنى ھۇزۇرۇمدا بوغۇزلىسۇن. ئۇنىڭدىن كېيىن ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى، يەنى روھانىيلار قۇربانلىقنىڭ قېنىنى ئېلىپ، ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدىكى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت تەرىپىگە چاچسۇن.
6
قۇربانلىق سۇنغۇچى بۇقىنىڭ تېرىسىنى سويۇپ، تېنىنى پارچىلىسۇن.
7
ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى، يەنى روھانىيلار قۇربانلىق سۇپىسىدىكى ئوتنى يالقۇنلىتىپ، ئۈستىگە ئوتۇن تاشلىسۇن.
8
ئاندىن قۇربانلىقنىڭ پارچىلىرىنى، بېشىنى ۋە چاۋا مايلىرىنى قۇربانلىق سۇپىسىدىكى كۆيۈۋاتقان ئوتۇننىڭ ئۈستىگە قويسۇن.
9
قۇربانلىق سۇنغۇچى قۇربانلىقنىڭ ئىچ-قارنىنى، پۇت-پاچاقلىرىنى يۇيسۇن، ئاندىن روھانىي ھەممىسىنى قۇربانلىق سۇپىسىدىكى ئوتتا كۆيدۈرسۇن. بۇ خىل كۆيدۈرمە قۇربانلىق مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ.
10
ئەگەر قوي ياكى ئۆچكىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، چوقۇم بېجىرىم قوچقار ياكى تېكىنى ئېلىپ كەلسۇن.
11
قۇربانلىقنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا، يەنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ شىمالىي تەرىپىدە بوغۇزلىسۇن. ئاندىن ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى، يەنى روھانىيلار قۇربانلىقنىڭ قېنىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت تەرىپىگە چاچسۇن.
12
قۇربانلىق سۇنغۇچى قۇربانلىقنى پارچىلىسۇن. ئاندىن روھانىي قۇربانلىق پارچىلىرىنى، قۇربانلىقنىڭ بېشىنى ۋە چاۋا مايلىرىنى قۇربانلىق سۇپىسىدىكى كۆيۈۋاتقان ئوتۇننىڭ ئۈستىگە قويسۇن.
13
قۇربانلىق سۇنغۇچى قۇربانلىقنىڭ ئىچ-قارنىنى، پۇت-پاچاقلىرىنى يۇيسۇن. ئاندىن روھانىي ھەممىسىنى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. بۇ خىل كۆيدۈرمە قۇربانلىق مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ.
14
ئەگەر بىرسى ماڭا ئاتاپ قۇشنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، پاختەك ياكى ياش كەپتەرنى ئېلىپ كەلسۇن.
15
روھانىي قۇشنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىغا ئەكېلىپ، بوينىنى تولغاپ ئۈزسۇن، بېشىنى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. قېنىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يان تەرىپىگە تېمىتسۇن.
16
تاشلىقىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ شەرقىدىكى كۈل تۆكىدىغان يەرگە تاشلىۋەتسۇن.
17
روھانىي قۇشنى ئىككى قانىتىدىن تۇتۇپ ئىككىگە بۆلسۇن، لېكىن ئۈزۈۋەتمىسۇن. ئاندىن قۇشنى قۇربانلىق سۇپىسىدىكى كۆيۈۋاتقان ئوتۇننىڭ ئۈستىگە قويۇپ كۆيدۈرسۇن. بۇ خىل كۆيدۈرمە قۇربانلىق مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ.
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 2 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27