bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Leviticus 24
Leviticus 24
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 23
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 25 →
1
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
2
_ سەن ئىسرائىللارغا بۇيرۇغىن، ئۇلار ساڭا ساپ زەيتۇن يېغى ئەكېلىپ بەرسۇن. سەن ئۇنى چىراغلارغا ئىشلەتكىن، چىراغلار تۈن بويى يېنىپ تۇرسۇن.
3
ھارۇن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەھدە ساندۇقى قويۇلغان ئەڭ مۇقەددەس جايغا تارتىلغان پەردىنىڭ ئالدىدىكى چىراغلارغا مەسئۇل بولسۇن. بۇ چىراغلار شام ۋاقتىدىن ئەتىسى سەھەرگىچە مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا يېنىپ تۇرسۇن. بۇ ئۇلارنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمەل قىلىدىغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىسىدۇر.
4
مېنىڭ ھۇزۇرۇمدىكى ساپ ئالتۇندىن ياسالغان چىراغداندىكى چىراغلاردىن ھەر دائىم ياخشى خەۋەر ئالسۇن.
5
_ سۈپەتلىك ئۇندا ئون ئىككى دانە نان تەييارلاتقىن، ھەربىر نانغا ئىككى كىلو ئۇن ئىشلەتسۇن.
6
نانلارنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدىكى ساپ ئالتۇن شىرەگە ئىككى دەستە قىلىپ تىزغىن. ھەربىر دەستىدە ئالتە دانە نان بولسۇن.
7
ھەربىر دەستە نان ئۈستىگە بىرئازدىن ساپ مەستىكى رۇمى قويغىن. بۇ مەستىكى رۇمىلار مەن پەرۋەردىگارغا تائام ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇلىدىغان نانلارنىڭ نىشانىسى بولىدۇ.
8
ھارۇن ئىسرائىللارغا ۋاكالىتەن ھەربىر دەم ئېلىش كۈنى نانلارنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا كەلتۈرسۇن. بۇ مەڭگۈلۈك مەسئۇلىيەتتۇر.
9
بۇ نانلار ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋەدۇر. ئۇلار بۇ نانلارنى مۇقەددەس ھېسابلانغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا يېسۇن. چۈنكى ماڭا سۇنۇلىدىغان تائام ھەدىيەلىرىنىڭ ئىچىدە بۇ نانلار ئەڭ مۇقەددەس بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈك ئۈلۈشىدۇر.
10
بىرسى بار ئىدى، ئۇنىڭ ئانىسى ئىسرائىللاردىن، ئاتىسى مىسىر خەلقىدىن ئىدى. ئۇ بىر كۈنى قارارگاھتا بىر ئىسرائىل بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ،
11
ئاغزىنى بۇزۇپ پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى ھاقارەتلىدى. ئىسرائىللار ئۇنى مۇسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى شىلومىت بولۇپ، دان قەبىلىسىدىن بولغان دىبرىنىڭ قىزى ئىدى.
12
ئۇلار ئۇنى تاكى پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلگۈچە قاماپ قويدى.
13
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
14
_ مېنى ھاقارەت قىلغۇچى قارارگاھ سىرتىغا ئېلىپ چىقىلسۇن، ھاقارەتنى ئاڭلىغان بارلىق كىشىلەر قولىنى ئۇنىڭ بېشىغا قويسۇن. ئاندىن كېيىن جامائەت ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرسۇن.
15
سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، كىمكى مەن خۇدانى ھاقارەتلىسە، شۇ ئۆز گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ.
16
مەنكى پەرۋەردىگارنى ھاقارەتلىگۈچى ئۆلتۈرۈلسۇن، جامائەت ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرسۇن. مەيلى ئىسرائىللار، مەيلى يات خەلقلەر بولسۇن، مېنى ھاقارەتلىگەن بولسىلا، ئۆلتۈرۈلسۇن.
17
قاتىللار چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن.
18
باشقىلارنىڭ ھايۋانلىرىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغانلار ھايۋاننىڭ ئورنىغا ھايۋان تۆلەپ بەرسۇن. جانغا جان قايتۇرسۇن.
19
كىمكى بىرىنى زەخىملەندۈرسە، ئۇمۇ شۇنداق زەخىملەندۈرۈلسۇن.
20
يارىلاندۇرسا يارىلاندۇرۇلسۇن، كۆزگە كۆز، چىشقا چىش ئېلىنسۇن. قانداق زەخىملەندۈرگەن بولسا، شۇنداق زەخىملەندۈرۈلسۇن.
21
باشقىلارنىڭ ھايۋانلىرىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغانلار ھايۋان تۆلەپ بەرسۇن، لېكىن ئادەم ئۆلتۈرگۈچىلەر جانغا جان قايتۇرسۇن.
22
مەيلى يات خەلقلەر بولسۇن، ياكى ئىسرائىللار بولسۇن، بۇ قانۇن ھەممىسىگە ئوخشاشتۇر. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.
23
مۇسا بۇ ۋەھىينى ئىسرائىللارغا يەتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغىنى بويىچە، پەرۋەردىگارنى ھاقارەتلىگۈچىنى قارارگاھ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈشتى.
← Chapter 23
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 25 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27