bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Leviticus 6
Leviticus 6
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 5
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 7 →
1
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
2
_ ئەگەر بىرسى ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، گۇناھ ئۆتكۈزسە، يەنى بىرسى ساقلاپ بېرىشكە ئامانەت قويغان ياكى گۆرۈگە قويغان نەرسىگە خىيانەت قىلسا، ياكى بىرسىنىڭ نەرسىسىنى ئوغرىلىۋالسا، ياكى بىرسىنىڭ نەرسىسىنى ناھەق يول بىلەن ئۆزىنىڭ قىلىۋالسا،
3
ياكى تېپىۋالغان نەرسىسىنى ئېتىراپ قىلمىسا ۋە يۇقىرىدىكى ئىشلارنى قىلمىدىم، دەپ مەن خۇدانىڭ نامى بىلەن يالغان قەسەم قىلسا،
4
ئوغرىلىۋالغان، ئىگىلىۋالغان، ئالدىۋالغان ۋە تېپىۋالغان
5
ھەرقانداق نەرسىنى قايتۇرۇپ بەرسۇن ۋە ئۈستىگە ئەسلى باھاسىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى قوشۇپ، ئەيىب قۇربانلىقى سۇنغان كۈننىڭ ئۆزىدە ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەرسۇن.
6
شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ ئەيىب قۇربانلىقى سۈپىتىدە بېجىرىم ۋە مۇۋاپىق باھادىكى قوچقاردىن بىرنى ماڭا ئاتاپ، روھانىيغا ئېلىپ كەلسۇن.
7
روھانىي ئۇنى ھۇزۇرۇمدا قۇربانلىق قىلسۇن. شۇندىلا ئۇنىڭ ھەرقانداق گۇناھى ساقىت قىلىنىدۇ ۋە گۇناھكارمۇ گۇناھلىق ئىشلىرىدىن كەچۈرۈمگە ئېرىشىدۇ.
8
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
9
_ سەن ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق توغرىسىدا بەلگىلىمىلەرنى يەتكۈزگىن. كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانلىق سۇپىسىدىكى شالادا پۈتۈن كېچە كۆيۈپ تۇرسۇن، ئوت ئۆچۈپ قالمىسۇن.
10
ئەتىگەندە روھانىي زىغىر رەختتە قىلىنغان تونچە كۆڭلەك ۋە تامبال كىيىپ، قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرۈلگەن قۇربانلىقنىڭ كۈلىنى تازىلاپ ئېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىغا قويسۇن.
11
ئاندىن ئۈستىدىكى كىيىملەرنى يېشىپ، باشقا كىيىملەرنى كىيىپ، كۈلنى قارارگاھ سىرتىدىكى پاك بىر جايغا تۆكسۇن.
12
قۇربانلىق سۇپىسىدىكى ئوت داۋاملىق كۆيۈپ تۇرسۇن، ئۆچۈپ قالمىسۇن. روھانىي ھەر كۈنى ئەتىگىنى قۇربانلىق سۇپىسىدىكى ئوتقا ئوتۇن سېلىپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى ئوتقا قويۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ مايلىرىنى كۆيدۈرسۇن.
13
قۇربانلىق سۇپىسىدىكى ئوت داۋاملىق كۆيۈپ تۇرسۇن، ئۆچۈپ قالمىسۇن.
14
_ ئاشلىق ھەدىيەسى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر تۆۋەندىكىدەكتۇر: ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدىكى ھەدىيەلەرنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىدا مەن پەرۋەردىگارغا ئاتىسۇن.
15
روھانىي زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان سۈپەتلىك ئۇندىن بىر چاڭگال ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىكى مەستىكى رۇمىنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ، نىشانە سۈپىتىدە قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. بۇ خىل ئاشلىق ھەدىيەسى مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ.
16
ئاشلىق ھەدىيەسىنىڭ قالغان قىسمىدا ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مۇقەددەس ھېسابلانغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا پېتىر نان پىشۇرۇپ يېسۇن.
17
نانغا خېمىرتۇرۇچ قوشمىسۇن. ماڭا ئاتاپ تائام ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنغان بۇ ئاشلىق ھەدىيەسىنىڭ قالغان قىسمى روھانىيلارنىڭ نېسىۋىسىدۇر. بۇ خۇددى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ۋە ئەيىب قۇربانلىقىغا ئوخشاش ئەڭ مۇقەددەستۇر.
18
ھارۇننىڭ ئەۋلادىدىن بولغان ئەرلەرنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بۇ تائام ھەدىيەسىدىن يېسە بولىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئەۋلادىدىن ئەۋلادىغىچە داۋاملىشىدىغان مەڭگۈلۈك ئۈلۈشىدۇر. بۇ مۇقەددەس ھەدىيەلەرگە باشقىلار تەگسە، تەگكۈچى مۇقەددەس كۈچنىڭ زەخىملەندۈرۈشىگە ئۇچرايدۇ.
19
پەرۋەردىگار يەنە مۇساغا مۇنداق دېدى:
20
_ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى روھانىيلىققا تەيىنلەنگەن كۈنى ماڭا ھەدىيە سۇنسۇن. ئۇلارنىڭ سۇنىدىغان ئاشلىق ھەدىيەسى بىر كىلو سۈپەتلىك ئۇندىن تەييارلانسۇن. ئۇنىڭ يېرىمى ئەتىگەندە، يېرىمى كەچتە سۇنۇلسۇن.
21
بۇ ھەدىيە ئۇنى زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلۇپ، خېمىر قىلىپ يۇغۇرۇلۇپ، تاۋىدا پىشۇرۇلسۇن. ئاندىن پىشۇرۇلغان نان پارچىلىنىپ، مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنۇلسۇن.
22
باش روھانىيلىققا تەيىنلەنگەن ھارۇننىڭ ئوغلىمۇ مۇشۇنداق ھەدىيەنى سۇنسۇن. ھەر قېتىملىق روھانىيلىققا تەيىنلىنىش مۇراسىمىدا سۇنۇلغان ھەدىيە مېنىڭ ئۈلۈشۈم بولۇپ، ئۇ پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈلسۇن.
23
روھانىيلار سۇنغان ھەرقانداق ئاشلىق ھەدىيەلىرى پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈلسۇن، ئۇنى يېيىشكە بولمايدۇ.
24
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
25
_ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەرنى يەتكۈزگىن. ئۇلار مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق بوغۇزلىنىدىغان يەردە گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنى بوغۇزلىسۇن، بۇ قۇربانلىق ئەڭ مۇقەددەستۇر.
26
گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنى سۇنغان روھانىي قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى مۇقەددەس ھېسابلانغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا يېسۇن.
27
بۇ گۆشكە قۇربانلىقنى سۇنغان روھانىيدىن باشقا كىم تېگىپ كەتسە، شۇ كىشى مۇقەددەس كۈچنىڭ زەخىملەندۈرۈشىگە ئۇچرايدۇ. ئەگەر بىرەر كىيىمگە قۇربانلىقنىڭ قېنى چاچراپ كەتكەن بولسا، شۇ كىيىم جەزمەن مۇقەددەس ھېسابلانغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا يۇيۇلسۇن.
28
بۇ قۇربانلىقنىڭ گۆشى پىشۇرۇلغان قازان ساپال قازان بولسا، چېقىۋېتىلسۇن؛ تۇچ قازان بولسا، سۈرتۈپ تازىلىنىپ، چايقالسۇن.
29
روھانىيلارنىڭ ئائىلىسىدىن ھەرقانداق ئەر كىشى بۇ قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن يېسە بولىدۇ، بۇ قۇربانلىق ئەڭ مۇقەددەستۇر.
30
لېكىن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنىڭ قېنى كىشىلەرنى گۇناھتىن ساقىت قىلىش ئۈچۈن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئىچىگە، يەنى مۇقەددەس جايغا ئېلىپ كىرىلسە، بۇنداق قۇربانلىقنىڭ گۆشى يېيىلمىسۇن، بەلكى كۆيدۈرۈلسۇن.
← Chapter 5
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 7 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27