bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Leviticus 17
Leviticus 17
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 16
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 18 →
1
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
2
_ سەن تۆۋەندىكى ئەمرلىرىمنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا، شۇنداقلا پۈتۈن ئىسرائىللارغا يەتكۈزگىن،
3
ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدا بىرەرسى كالا، قوي ۋە ئۆچكىلىرىنى مەيلى قارارگاھ ئىچىدە ياكى سىرتىدا بوغۇزلىغان بولسۇن،
4
ئۇلارنى ئىبادەت چېدىرىم دەپ ئاتالغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، ماڭا ئاتاپ قۇربانلىق قىلمىسا، ئۇ قان تۆككەن گۇناھكار ھېسابلىنىپ، خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.
5
بۇ قائىدە ئىسرائىللارغا ھايۋانلارنى خالىغان يەردە بوغۇزلىماسلىقنى ھەمدە ئۇلارنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا، يەنى روھانىيغا ئېلىپ كېلىپ، ئامانلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە ماڭا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىشىنى ئۆگىتىدۇ.
6
روھانىي قۇربانلىقنىڭ قېنىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدىكى مېنىڭ قۇربانلىق سۇپامغا چاچسۇن، مايلىرىنى كۆيدۈرۈپ، مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنسۇن.
7
ئۇلار بۇندىن كېيىن يەنە ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، قۇربانلىقلىرىنى ئۆچكە سىياقىدىكى جىنلارغا ئاتىمىسۇن. بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىدۇر، بۇنىڭغا ئۇلار ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمەل قىلسۇن.
8
ئۇلارغا شۇنى ئېيتقىنكى، مەيلى ئىسرائىللار، مەيلى ئىسرائىللار ئارىسىدىكى يات خەلقلەر بولسۇن، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنى
9
ماڭا ئاتاپ، ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلمىسە، خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.
10
_ مەيلى ئىسرائىللار ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتقان يات خەلقلەر بولسۇن، كىمكى قان يېسە، مەنكى پەرۋەردىگار ئۇلارغا قارشى تۇرىمەن ۋە ئۇلارنى خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىمەن.
11
چۈنكى ھەممە جانلىقنىڭ جېنى قاندىدۇر. مەن پەرۋەردىگار قاننى ئۇلارغا قۇربانلىق سۇپىسىدا ئۆزلىرىنى گۇناھتىن ساقىت قىلىشى ئۈچۈن بەردىم. ئۇلارنى گۇناھتىن ساقىت قىلىدىغىنى جانلىقنىڭ جېنى بولغان قاندۇر.
12
شۇڭا مەن ئىسرائىللارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتقان يات خەلقلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، ئۇلار قان يېمىسۇن.
13
ئەگەر ئىسرائىللار ۋە ئىسرائىللار ئارىسىدا ياشاۋاتقان يات خەلقلەر ھالال قۇش ياكى ھالال ياۋايى ھايۋاننى ئوۋلاپ تۇتۇۋالسا، ئۇنى دەرھال بوغۇزلاپ، قېنىنى كۆمۈۋەتسۇن.
14
چۈنكى ھەممە جانلىقنىڭ جېنى قاندىدۇر. شۇڭا مەن ئىسرائىللارنىڭ ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتقان يات خەلقلەرنىڭ قان يېيىشىنى چەكلىدىم، چۈنكى جان قاندىدۇر. قان يېگەن ئادەم خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.
15
مەيلى ئىسرائىللار ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتقان يات خەلقلەر بولسۇن، ئۇلار يىرتقۇچ ھايۋانلار ئۆلتۈرۈپ قويغان ياكى ئۆزلۈكىدىن ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننىڭ گۆشىنى يېسە ناپاك بولىدۇ. ئۇلار چوقۇم كىيىمىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سالسۇن. ئۇلار شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر، كۈن پاتقاندا ئاندىن ئۇلار پاكلىنىدۇ.
16
ئەگەر ئۇلار ئۇنداق قىلمىسا، جازايىمغا ئۇچرايدۇ.
← Chapter 16
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 18 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27