bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Leviticus 18
Leviticus 18
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 17
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 19 →
1
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
2
_ ئىسرائىللارغا ئېيتقىن: «مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.
3
سىلەر ياشىغان مىسىرنىڭ خەلقىنىڭ قائىدىلىرىنىمۇ ۋە مەن سىلەرنى ئېلىپ بارىدىغان كەنئان خەلقىنىڭ ئادەتلىرىنىمۇ دورىماڭلار.
4
مېنىڭ قانۇنلىرىمغا ئەمەل قىلىڭلار، بەلگىلىمىلىرىمگە رىئايە قىلىڭلار. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.
5
سىلەر مەن بۇيرۇغان قانۇن-نىزاملارغا ئەمەل قىلساڭلار، ھايات قالىسىلەر. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
6
ھەرقاندىقىڭلار قان قېرىندىشىڭلار بىلەن زىنا قىلماڭلار، مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
7
ئاناڭلار بىلەن زىنا قىلىپ، ئاتاڭلارغا ھاقارەت قىلماڭلار. ئۇلار سىلەرنىڭ ئاناڭلار بولغاچقا، ئۇلار بىلەن زىنا قىلماڭلار.
8
ئاتاڭلارنىڭ توقاللىرى بىلەن زىنا قىلىپ، ئاتاڭلارغا ھاقارەت قىلماڭلار.
9
ئاچا-سىڭىللىرىڭلار، ئانا باشقا ياكى ئاتا باشقا ئاچا-سىڭىللىرىڭلار بىلەن زىنا قىلماڭلار. ئۇلار بىلەن بىر ئائىلىدە چوڭ بولغان ياكى بولمىغانلىقىڭلاردىن قەتئىينەزەر بۇنداق مۇناسىۋەتتە بولماڭلار.
10
ئوغلۇڭلارنىڭ ياكى قىزىڭلارنىڭ قىزى بىلەن زىنا قىلماڭلار، ئۇ شەنىڭلارغا داغ چۈشۈرىدۇ.
11
ئۆگەي ئاناڭلاردىن تۇغۇلغان بىر ئۆيدە چوڭ بولغان قىز قېرىندىشىڭلار بىلەن زىنا قىلماڭلار. ئۇلار سىلەرنىڭ ئاچا-سىڭلىڭلاردۇر.
12
ئاتاڭلارنىڭ ئاچا-سىڭىللىرى بىلەن زىنا قىلماڭلار، ئۇ ئاتاڭلارنىڭ قان قېرىندىشىدۇر.
13
ئاناڭلارنىڭ ئاچا-سىڭىللىرى بىلەن زىنا قىلماڭلار، ئۇ ئاناڭلارنىڭ قان قېرىندىشىدۇر.
14
ئاتاڭلارنىڭ ئاكا-ئىنىسىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىپ، تاغاڭلارغا ھاقارەت قىلماڭلار. چۈنكى ئۇلار سىلەرنىڭ يەڭگەڭلاردۇر.
15
كېلىنىڭلار بىلەن زىنا قىلماڭلار. ئۇ ئوغلۇڭلارنىڭ ئايالىدۇر، ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلىشقا بولمايدۇ.
16
ئاكا-ئىنىڭلارنىڭ ئاياللىرى بىلەن زىنا قىلىپ، قېرىندىشىڭلارغا ھاقارەت قىلماڭلار.
17
بىر ئايال بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغان ئەھۋالدا، ئۇنىڭ قىزى ۋە قىز نەۋرىسى بىلەن زىنا قىلماڭلار، ئۇلار قانداشتۇر. بۇنداق قىلىش رەزىللىكتۇر.
18
ئايالىڭلار ھايات ۋاقتىدا، ئۇلارنىڭ ئاچا-سىڭىللىرىنى ئەمرىڭلارغا ئېلىپ، ئۇلارنى كۈنداش قىلىپ قويماڭلار.
19
ھەيز كۆرۈپ ناپاك بولغان ئايالىڭلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلماڭلار.
20
باشقىلارنىڭ ئاياللىرى بىلەن زىنا قىلىپ، ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار.
21
ئوغۇل-قىزلىرىڭلارنى بۇت ئىلاھى مولەككە قۇربانلىق سۈپىتىدە ئاتاپ، مەن خۇدايىڭلارنىڭ نامىنى بۇلغىماڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
22
بىر ئەر ئايال بىلەن ياتقاندەك، باشقا بىر ئەر بىلەن ياتمىسۇن، بۇ يىرگىنچلىك ئىشتۇر.
23
ھايۋانلار بىلەن جىنسىي ئالاقىدە بولۇپ، ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار. ئاياللارمۇ ئۆزىنى ھايۋانغا تۇتۇپ بېرىپ، ئۇلار بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلمىسۇن، بۇ ئىپلاسلىقتۇر.
24
سىلەر بۇ ئىشلار بىلەن ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار. مەن سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا قوغلاپ چىقارماقچى بولغان خەلقلەر دەل مۇشۇنداق ئىشلار بىلەن ئۆزلىرىنى بۇلغىغانلاردۇر.
25
ئۇلار تۇرغان زېمىنلارمۇ بۇلغاندى. مەن ئۇلارنىڭ گۇناھى ئۈچۈن بۇ زېمىننى جازالايمەن، شۇڭا بۇ زېمىن ئۇلارنى قۇسۇپ چىقىرىۋېتىدۇ.
26
سىلەر چوقۇم مېنىڭ قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلىڭلار. مەيلى سىلەر بولۇڭلار، مەيلى ئاراڭلاردا ياشاۋاتقان يات خەلقلەر بولسۇن، ھېچقايسىڭلار بۇنداق يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلماڭلار.
27
بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان كىشىلەر مۇشۇنداق ئىشلار بىلەن بۇ زېمىننى بۇلغىدى.
28
ئەگەر سىلەرمۇ بۇ زېمىننى بۇلغىساڭلار، بۇ زېمىن ھازىر ياشاۋاتقان خەلقلەرنى قۇسۇپ چىقىرىۋەتمەكچى بولغاندەك، سىلەرنىمۇ قۇسۇپ چىقىرىۋېتىدۇ.
29
مۇشۇنداق يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلغانلار خەلق ئارىسىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.
30
سىلەر ئەمرلىرىمگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئۇ زېمىندىكى خەلقلەرنىڭ يىرگىنچلىك ئادەتلىرى بىلەن ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.»
← Chapter 17
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 19 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27