bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Leviticus 15
Leviticus 15
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 14
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 16 →
1
پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا مۇنداق دېدى:
2
_ سىلەر ئىسرائىللارغا ئېيتىڭلار، كېسەللىك سەۋەبىدىن بىر ئەرنىڭ جىنسىي ئەزاسىدىن ئاجرالمىلار ئاقسا، ئۇ ئەر ناپاكتۇر.
3
مەيلى ئۇنىڭ جىنسىي ئەزاسىدىن ئاجرالمىلار ئاققان بولسۇن، ياكى جىنسىي يولى توسۇلۇپ قالغان بولسۇن، بۇ خىل كېسەللىك بەرىبىر ئۇنى ناپاك قىلىدۇ.
4
ئۇ ئۇخلىغان تۆشەك، ئولتۇرغان ھەرقانداق نەرسە ناپاكتۇر.
5
ئۇنىڭ تۆشىكىنى تۇتقان ئادەممۇ ناپاكتۇر. ئۇمۇ چوقۇم كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سالسۇن، ئۇ شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.
6
ئۇ ئولتۇرغان نەرسىلەرگە ئولتۇرغان ئادەملەرمۇ ناپاكتۇر. ئۇلارمۇ كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سالسۇن. ئۇلار شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.
7
كېسەل كىشىگە تېگىپ كەتكەن ھەرقانداق ئادەم ناپاكتۇر. ئۇلار كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويلىرىنى سۇغا سالسۇن، ئۇلار شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.
8
ئەگەر كېسەل كىشىنىڭ تۈكۈرۈكى پاك كىشىگە چاچراپ كەتسە، پاك كىشى چوقۇم كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سالسۇن، ئۇ شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.
9
كېسەل كىشى ئىشلەتكەن ئېگەرمۇ ناپاكتۇر.
10
ئۇ ئولتۇرغان نەرسىلەرگە تېگىپ كەتكەن كىشىلەرمۇ شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. كىمكى شۇ نەرسىلەرنى كۆتۈرگەن بولسا، كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويلىرىنى سۇغا سالسۇن، ئۇلار شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.
11
ئەگەر كېسەل كىشى قولىنى سۇدا چايقىماي تۇرۇپ، باشقىلارنى تۇتۇپ سالسا، تۇتۇلغان كىشىمۇ كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سالسۇن، ئۇ شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.
12
كېسەل كىشى تېگىپ كەتكەن ساپال قاچا چېقىۋېتىلسۇن، ياغاچ نەرسىلەر سۇدا چايقالسۇن.
13
كېسەل كىشى ساقايغاندىن كېيىن يەتتە كۈنلۈك پاكلىنىش مۇددىتىنى ئۆتكۈزۈپ، كىيىملىرىنى يۇيۇپ، ئېقىن سۇدا بويىنى سۇغا سالسۇن، شۇنداق قىلغاندىلا ئۇ پاكلىنىدۇ.
14
سەككىزىنچى كۈنى ئۇ ئىككى پاختەك ياكى ئىككى ياش كەپتەرنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئەكېلىپ، مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا روھانىيغا تاپشۇرسۇن.
15
روھانىي بىرسىنى پاكلىنىش قۇربانلىقى، يەنە بىرسىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلسۇن. شۇنداق قىلىپ روھانىي مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا ئاجرالما كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىنى ناپاكلىقتىن خالاس قىلسۇن.
16
_ بىر ئەر ئېھتىلام بولۇپ قالسا، بويىنى سۇغا سالسۇن، ئۇ شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.
17
مەنى تېگىپ قالغان كىيىم ۋە خۇرۇملارمۇ چوقۇم سۇ بىلەن يۇيۇلسۇن، ئۇلار شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.
18
ئەگەر ئەر-ئايال جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇپ، ئەردىن مەنى كەلسە، ھەر ئىككىلىسى بويىنى سۇغا سالسۇن، ئۇلار شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.
19
_ ئايال ھەيز كۆرگەن كۈندىن باشلاپ يەتتە كۈن ناپاكتۇر. بۇ مەزگىلدە ئۇنىڭغا تېگىپ كەتكەن ئادەممۇ شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.
20
ھەيز مەزگىلىدە ئۇ ياتقان ۋە ئولتۇرغان ھەرقانداق نەرسە ناپاكتۇر.
21
ئۇنىڭ تۆشىكىگە تېگىپ كەتكەن ھەرقانداق ئادەم كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سالسۇن. ئۇ شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.
22
ھەيز كۆرگەن ئايال ئولتۇرغان نەرسىگە تېگىپ كەتكەن ئادەممۇ كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سالسۇن. ئۇ شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.
23
ھەيز كۆرگەن ئايالنىڭ تۆشىكىگە ياكى تۆشىكىنىڭ ئۈستىدىكى ھەرقانداق نەرسىگە تېگىپ كەتكەن كىشى شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.
24
ئەگەر بىر ئەر ھەيز كۆرگەن ئايال بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇپ قالسا، ئايالنىڭ ناپاكلىقى ئەرگە ئۆتىدۇ. ھەيز ئەرنى يەتتە كۈنگىچە ناپاك قىلىدۇ. ئەر ياتقان تۆشەكمۇ ناپاك بولىدۇ.
25
_ ئەگەر ئايالنىڭ ھەيز مەزگىلىدىن كېيىن يەنە قان كەلسە ياكى ھەيز مەزگىلى ئۇزىرىپ كەتسە، ئايال ھەيز مەزگىلىدىكىدەك ناپاك ھېسابلىنىدۇ.
26
ئاشۇ مەزگىلدە ئۇ ياتقان تۆشەك ۋە ئولتۇرغان نەرسىلىرى خۇددى ھەيز مەزگىلىدىكىدەك ناپاكتۇر.
27
بۇ نەرسىلەرگە تېگىپ كەتكەن ئادەممۇ ناپاكتۇر. ئۇ چوقۇم كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سالسۇن. ئۇ شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.
28
ئۇ ئايال خۇن توختىغان كۈندىن باشلاپ يەتتە كۈننى ساناپ ئۆتكۈزسۇن، ئاندىن ئۇ ئايال پاك ھېسابلىنىدۇ.
29
سەككىزىنچى كۈنى ئۇ ئىككى پاختەك ياكى ئىككى ياش كەپتەرنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئەكېلىپ، روھانىيغا تاپشۇرسۇن.
30
روھانىي ئۇ پاختەكلەرنىڭ بىرىنى پاكلىنىش قۇربانلىقى، يەنە بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلسۇن. شۇنداق قىلىپ، روھانىي ھەيز كۆرگەن ئايالنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا ناپاكلىقىدىن خالاس قىلسۇن.
31
ئىسرائىللارنىڭ ناپاك ۋاقتىدا، ئۇلارنى ئىبادەت چېدىرىدىن يىراق تۇرۇشىنى ئاگاھلاندۇرۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىبادەت چېدىرىمنى بۇلغاپ قويۇپ، ناپاك ھالەتتە جېنىدىن ئايرىلىپ قېلىشىدىن ساقلىنالايسىلەر.
32
يۇقىرىقىلار ئاجرالما كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، ئېھتىلام بولۇپ، ھەيز كۆرۈپ، ھەيزدىن كېيىن يەنە قان كېلىپ ۋە ھەيز كۆرگەن ئايال بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ ناپاك بولغانلارغا ئائىت بەلگىلىمىلەردۇر.
← Chapter 14
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 16 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27