bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Jeremiah 11
Jeremiah 11
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 10
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 43
Chapter 44
Chapter 45
Chapter 46
Chapter 47
Chapter 48
Chapter 49
Chapter 50
Chapter 51
Chapter 52
Chapter 12 →
1
پەرۋەردىگار يەرەمىياغا مۇنداق دېدى:
2
_ مېنىڭ ئەجدادلىرىڭلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلا ۋە ئۇلارنى يېرۇسالېم خەلقىگە، شۇنداقلا يەھۇدىيەنىڭ خەلقىگە يەتكۈزگىن.
3
مەن پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ ئۇلارغا مۇنداق دېگەنلىكىنى ئېيتقىن: «كىمكى بۇ ئەھدىگە پۈتۈلگەن سۆزلەرگە بويسۇنمايدىكەن، ئۇنىڭغا لەنەت ياغسۇن.
4
بۇ ئەھدە مەن سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلارنى مىسىردىن _ تۆمۈر تاۋلاش ئوچىقىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىققىنىمدا، ئۇلار بىلەن تۈزگەن ئەھدىدۇر. مەن ئۇلارغا: ‹ئەگەر سىلەر ماڭا ئىتائەت قىلىپ، پۈتۈن ئەمرلىرىمگە بويسۇنساڭلار، سىلەر مېنىڭ خەلقىم بولىسىلەر، مەنمۇ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن› دەپ ئېيتقانىدىم.
5
مەن سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلارغا بەرگەن سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىننى ئاتا قىلىش توغرىسىدىكى ۋەدەمنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم. سىلەر بۈگۈن ياشاۋاتقان بۇ زېمىن دەل شۇ زېمىندۇر». مەن: _ بەرھەق، ئى پەرۋەردىگار، دېگىنىڭدەك بولسۇن! _ دەپ جاۋاب بەردىم.
6
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ يەھۇدىيە شەھەرلىرى ۋە يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرىدا تۆۋەندىكى سۆزلەرنى جاكارلىغىن: «بۇ ئەھدىگە پۈتۈلگەن سۆزلەرگە قۇلاق سېلىڭلار، ئۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار!
7
چۈنكى مەن ئەجدادلىرىڭلارنى ماڭا ئىتائەت قىلىشقا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ تۇردۇم. مەن ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان كۈندىن تارتىپ تاكى بۈگۈنگىچە قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇردۇم.
8
لېكىن ئەجدادلىرىڭلار ماڭا ئىتائەت قىلمىدى، سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ رەزىل قەلبىدىكى جاھىل نىيەتلىرىگە ئەگەشتى. ئۇلار مەن ئۇلارنى ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇغان ئەھدىدىكى سۆزلەرگە ئەمەل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، ئەھدىدە يېزىلغان بارلىق قارغىشلار ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشتى.»
9
پەرۋەردىگار ماڭا يەنە مۇنداق دېدى: _ يەھۇدىيە خەلقى ۋە يېرۇسالېم خەلقى ماڭا قارشى چىقىپ ئاسىيلىق قىلدى!
10
ئۇلار مېنىڭ ئەمرلىرىمگە ئىتائەت قىلمىغان ئاتا-بوۋىلىرىغا ئوخشاش ئەجدادلىرىنىڭ رەزىل يولىغا قايتىپ، باشقا ئىلاھلارنى ئىزدەپ، ئۇلارغا چوقۇندى. ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقىنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى بۇزدى.
11
شۇڭا مەن پەرۋەردىگار ئۇلارغا مۇنداق دەيمەنكى، ئۇلارغا قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىمەن. ئۇلار يىغلاپ تۇرۇپ مەندىن ياردەم سورىسىمۇ، ئىلتىجالىرىنى ئاڭلىمايمەن.
12
شۇنىڭ بىلەن يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا جايلىرىدا ياشاۋاتقانلار بېرىپ، ئۆزلىرى قۇربانلىق سۇنغان ئاشۇ بۇتلىرىدىن يىغلاپ تۇرۇپ ياردەم سورايدۇ. ئەمما بۇ بۇتلار ئۇلارنى بالايىئاپەتتىن ھەرگىزمۇ قۇتقۇزۇپ قالالمايدۇ.
13
ئەي يەھۇدىيەلىكلەر، قانچىلىك شەھىرىڭلار بولسا شۇنچىلىك بۇت ئىلاھىڭلار بار. يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرى قانچە كۆپ بولسا، سىلەرمۇ بائالنىڭ يىرگىنچلىك بۇتلىرى ئۈچۈن شۇنچە كۆپ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ياسىدىڭلار.
14
ئەي يەرەمىيا، بۇ كىشىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلما! ماڭا يېلىنىپ، ئۇلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئىلتىجا قىلما! بالايىئاپەت بېشىغا كەلگەندە، ئۇلار مەندىن ياردەم تىلەپ ئىلتىجا قىلىدۇ. لېكىن مەن ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالمايمەن.
15
مېنىڭ ئەزىز خەلقىم شۇنچىۋالا رەزىل ئىشلارنى قىلغان تۇرسا، يەنە ئىبادەتخانامغا كېلىشكە نېمە ھوقۇقى بار؟ ماڭا قىلغان قۇربانلىقلىرى ئۇلارنى ۋەيرانچىلىقتىن ساقلاپ قالالامدۇ؟ ئۇلار قىلغان رەزىل ئىشلىرىدىن خۇشال بولدىغۇ!
16
مەن پەرۋەردىگار بۇرۇن ئۇلارنى «ياخشى مېۋە بېرىدىغان بۈك-باراقسان زەيتۇن دەرىخى» دەپ ئاتىغانىدىم، لېكىن ھازىر مەن ئۇلارنى دەھشەتلىك ئوتتا كۆيدۈرۈپ، شاخلىرىنى قۇرۇتۇپ تاشلايمەن.
17
مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆزۈم ئۆستۈرگەن بۇ زەيتۇن دەرىخىنى ۋەيران قىلىشقا ئىرادە قىلدىم. چۈنكى ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقى بائالنىڭ بۇتلىرىغا قۇربانلىق قىلىشتەك رەزىل ئىشلارنى قىلىپ، غەزىپىمنى قوزغىدى.
18
پەرۋەردىگار كىشىلەرنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستىنى ماڭا ئاشكارىلىدى. ئۇ ماڭا، ئۇلارنىڭ ماڭا سۇيىقەست قىلماقچى بولغانلىقىنى كۆرسەتتى.
19
مەن خۇددى بوغۇزلاشقا ئېلىپ مېڭىلغان ياۋاش قويغا ئوخشاپ قالغانىدىم. ئۇلارنىڭ قىلماقچى بولغان ئىشىنى، يەنى ئۇلارنىڭ: «بۇ دەرەخنى كېسىپ، مېۋىلىرىنى كۆزدىن يوقىتايلى! كېلىڭلار، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، ئىسمىنى كىشىلەر ياد ئەتمەيدىغان قىلىۋېتەيلى!» دېگەنلىكىنى بىلمىگەنىدىم.
20
ئى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، سەن ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلىسەن، كىشىلەرنىڭ قەلبى ۋە ئويلىرىنى سىنايسەن. مەن سېنىڭ ئۇلاردىن ئىنتىقام ئالغىنىڭنى كۆرەي، چۈنكى مەن ساڭا ئەرز قىلىۋاتىمەن.
21
ئاناتوت شەھىرىدىكى بەزى خەلقلەر تەھدىت سېلىپ: «پەرۋەردىگار نامىدىن ۋەھىي يەتكۈزۈشنى توختات! بولمىسا بىز سېنى ئۆلتۈرىمىز!» دەپ مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانىدى.
22
شۇڭا قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: _ مەن چوقۇم ئۇلارنى جازالايمەن! ئۇلارنىڭ ياشلىرى ئۇرۇشتا ئۆلىدۇ. ئوغۇل-قىزلىرى ئاچارچىلىقتىن ئۆلىدۇ.
23
ئاناتوتتىكى ئاشۇ سۇيىقەستچىلەرنىڭ بىرسىمۇ ھايات قالمايدۇ. جازالايدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلارنىڭ بېشىغا بالايىئاپەت ياغدۇرىمەن.
← Chapter 10
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 43
Chapter 44
Chapter 45
Chapter 46
Chapter 47
Chapter 48
Chapter 49
Chapter 50
Chapter 51
Chapter 52
Chapter 12 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52