bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Jeremiah 44
Jeremiah 44
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 43
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 43
Chapter 44
Chapter 45
Chapter 46
Chapter 47
Chapter 48
Chapter 49
Chapter 50
Chapter 51
Chapter 52
Chapter 45 →
1
بۇ، مىسىرنىڭ شىمالىدىكى مىگدول، تاخپانخېس ۋە نوپ شەھەرلىرىدە ھەمدە مىسىرنىڭ جەنۇبىدا ياشاۋاتقان يەھۇدىيە خەلقى توغرىسىدا يەرەمىياغا چۈشكەن ۋەھىيدۇر:
2
«مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سىلەرگە مۇنداق دەيمەن: سىلەر مەن يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا بارلىق شەھەرلىرىگە ئېلىپ كەلگەن ھەممە بالايىئاپەتلەرنى كۆردۈڭلار. بۇ شەھەرلەر تاكى بۈگۈنگىچە ئادەمزاتسىز خارابىلىكتە تۇرماقتا.
3
بۇ يەردە ياشىغان خەلقىم رەزىل ئىشلارنى قىلىپ، غەزىپىمنى كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ بالايىئاپەتلەر يۈز بەردى. ئۇلار ئەجدادلىرىڭلار، ھەتتا سىلەرمۇ نامىنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان بۇت ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، قۇربانلىقلارنى كۆيدۈردى.
4
مەن خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنى قايتا-قايتا ئەۋەتىپ، خەلقىمگە مەن نەپرەتلىنىدىغان بۇنداق يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلماسلىقنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتقانىدىم.
5
لېكىن ئۇلار سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدى، پەرۋا قىلمىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ رەزىل يوللىرىدىن يانماي، بۇت ئىلاھلارغا قۇربانلىق كۆيدۈرۈشنى توختاتمىدى.
6
شۇڭا مەن ئۇلارنىڭ بېشىغا غەزەپ-نەپرىتىمنى ياغدۇردۇم. غەزەپ-نەپرىتىم يېرۇسالېم كوچىلىرى ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىنى ئوتقا ئوخشاش كۆيدۈرىدۇ. ھازىر بۇ شەھەرلەر ۋەيران بولۇپ خارابىلىكتە تۇرماقتا.
7
شۇڭلاشقا مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ھازىر سىلەردىن سورايمەن: نېمە ئۈچۈن ئۆزۈڭلارغا زىيان سالىدىغان بۇنداق رەزىل ئىشلارنى قىلىسىلەر؟ ئۆز ئەرلىرىڭلار، ئاياللىرىڭلار، بالىلىرىڭلار ۋە بوۋاقلىرىڭلارغا ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىپ ‹ھېچكىم ھايات قالمىسۇن› دەمسىلەر؟!
8
نېمە ئۈچۈن مىسىرغا كېلىپ، ئۆزۈڭلار ياسىۋالغان بۇت ئىلاھلارغا قۇربانلىقلارنى كۆيدۈرۈپ، غەزىپىمنى قوزغايسىلەر؟ سىلەر پەقەت ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈڭلار ۋەيران قىلىسىلەر ھەمدە دۇنيادىكى بارلىق ئەللەر قارغايدىغان ۋە مەسخىرە قىلىدىغان نىشانغا ئايلىنىپ قالىسىلەر.
9
سىلەر ئەجدادلىرىڭلار، يەھۇدىيە پادىشاھلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئاياللىرى قىلغان رەزىل ئىشلارنى ئۇنتۇپ قالدىڭلارمۇ؟ ئۆزۈڭلار ۋە ئاياللىرىڭلارنىڭ يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېم كوچىلىرىدا قىلغان رەزىل ئىشلىرىنى ئۇنتۇپ قالدىڭلارمۇ؟
10
بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر سىلەر توۋا قىلمىدىڭلار. سىلەر ماڭا ئىخلاسمەن بولمىدىڭلار، مەن سىلەرگە ۋە ئەجدادلىرىڭلارغا بەرگەن ئەمر-پەرمانلار بويىچە ياشىمىدىڭلار.
11
شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، سىلەرگە بالايىئاپەت كەلتۈرۈشنى قارار قىلدىم. ھەتتا، بۇ يەردە ياشاۋاتقان بارلىق يەھۇدىيەلىكلەرنىمۇ يوقىتىمەن.
12
مىسىرغا بېرىپ، ئۇ يەردە ياشاشقا قارار قىلغان يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ ئامان قالغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلىمەن. مەيلى مەرتىۋىسى يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مىسىردا ئۇرۇش ياكى ئاچارچىلىقتىن ئۆلىدۇ. ئۇلار كىشىلەرنىڭ قارغىشىغا قېلىپ، كىشىلەر قارغاشتا ئىشلىتىدىغان بىر سۆزگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇلار ناھايىتى قورقۇنچلۇق ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ، باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرايدۇ.
13
مەن ئۇلارنى خۇددى يېرۇسالېمدىكىلەرنى جازالىغاندەك، مىسىردا ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەل بىلەن جازالايمەن.
14
يەھۇدىيەدىن مىسىردا ياشاشقا كەلگەن يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ ھېچقايسىسى ھايات قالمايدۇ ياكى يەھۇدىيەگە قايتىپ كېتەلمەيدۇ. گەرچە ئۇلار قايتىپ، ئۇ يەردە ياشاشنى ئارزۇ قىلسىمۇ، پەقەت ئاز ساندىكى يەھۇدىيە مۇساپىرلىرىلا ئۇ يەرگە قايتالايدۇ.»
15
يەھۇدىيەدىن كېلىپ شىمالىي ۋە جەنۇبىي مىسىردا ياشاۋاتقانلاردىن بۇت ئىلاھلارغا قۇربانلىق كۆيدۈرىدىغان ئاياللار ۋە بۇنىڭدىن خەۋەردار ئەرلەر بىر يەرگە توپلىنىپ، يەرەمىياغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى:
16
_ بىز سېنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا ئېيتقان سۆزلىرىڭنى ئاڭلىمايمىز.
17
بىز قىلىمىز دەپ قەسەم قىلغان ھەممە ئىشلارنى جەزمەن قىلىمىز. يەھۇدىيە شەھەرلىرى ۋە يېرۇسالېم كوچىلىرىدا خۇددى ئەجدادلىرىمىز، پادىشاھلىرىمىز ۋە ئەمەلدارلىرىمىز بۇرۇن قىلغانغا ئوخشاش، ئۆزىمىزنىڭ ئىلاھى، يەنى «جەننەت خانىشى»غا چوقۇم قۇربانلىق كۆيدۈرىمىز ھەمدە ئۇنىڭغا ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇنىمىز. چۈنكى شۇنداق قىلغان كۈنلەردە يېمەكلىكلىرىمىز مول بولۇپ، گۈللەندۇق ۋە ھېچقانداق بالايىئاپەتلەرگە ئۇچرىمىدۇق.
18
لېكىن بىز «جەننەت خانىشى»غا قۇربانلىق كۆيدۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇنۇشنى توختاتقاندىن بۇيان، ھەممە نەرسىمىز كەمچىل بولماقتا، قېرىنداشلىرىمىز ئۇرۇش ياكى ئاچلىقتىن ئۆلمەكتە.
19
ئاياللار: _ بىز ھەقىقەتەن «جەننەت خانىشى»غا قۇربانلىق كۆيدۈرۈپ، ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇندۇق. بۇنى بىزنىڭ ئەرلىرىمىز بىلىدۇ ھەم «جەننەت خانىشى»نىڭ شەكلىدە پېچىنە-پىرەنىكلەرنى پىشۇرۇشىمىزنى ۋە ئۇنىڭغا ئاتاپ ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇنۇشىمىزنى قوللايدۇ، _ دېدى.
20
ئاندىن يەرەمىيا ئۆزىگە جاۋاب بەرگەن بارلىق كىشىلەر، يەنى ئەر ۋە ئاياللارغا مۇنداق دېدى:
21
_ سىلەر ۋە سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار، پادىشاھلىرىڭلار ۋە ئەمەلدارلىرىڭلار، شۇنداقلا بۇ زېمىندىكى باشقا كىشىلەرنىڭ يەھۇدىيە شەھەرلىرى ۋە يېرۇسالېم كوچىلىرىدا بۇت ئىلاھلارغا قۇربانلىق كۆيدۈرگەنلىكىنى خۇدا بىلمەيدۇ ياكى ئۇنتۇپ قالدى، دەپ ئويلامسىلەر؟!
22
پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ قىلغان رەزىل ۋە يىرگىنچلىك ئىشلىرىڭلارغا چىداپ تۇرالمىدى. شۇ سەۋەبتىن زېمىنىڭلار ھېچكىم ياشىمايدىغان چۆل-جەزىرىگە ئايلاندى. زېمىنىڭلارنىڭ نامى قارغىش سۆزى ئورنىدا تىلغا ئېلىنىدۇ. بۈگۈن ئۇ زېمىن شۇ ھالەتتە تۇرماقتا.
23
سىلەر بۇت ئىلاھلارغا قۇربانلىق كۆيدۈرۈپ، پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ ئۆتكۈزدۈڭلار! سىلەر پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلمىدىڭلار! ئۇنىڭ قانۇن ۋە ئەمر-پەرمانلىرى بويىچە ياشىمىدىڭلار! شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ بالايىئاپەتلەر بېشىڭلارغا كەلدى.
24
ئاندىن يەرەمىيا بارلىق كىشىلەرگە، بولۇپمۇ ھېلىقى ئاياللارغا مۇنداق دېدى: _ ئەي مىسىردا تۇرۇۋاتقان پۈتكۈل يەھۇدىيە خەلقى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاڭلار.
25
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ئاياللىرىڭلار بىلەن بىرلىكتە قىلغان قەسىمىڭلاردا چىڭ تۇرۇۋالدىڭلار. سىلەر: ‹قىلغان قەسىمىمىز بويىچە ئىش قىلىمىز، جەننەت خانىشىغا چوقۇم قۇربانلىق كۆيدۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى تۆكىمىز› دېدىڭلار. بولىدۇ، داۋاملاشتۇرۇۋېرىڭلار. قەسىمىڭلاردا تۇرۇپ، شۇ بويىچە ئىش قىلىۋېرىڭلار.»
26
ئەي مىسىردا ياشاۋاتقان بارلىق يەھۇدىيە خەلقى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار! پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلۇغ نامىم بىلەن شۇنداق قەسەم قىلىمەنكى، يەھۇدىيەدىن كېلىپ مىسىرنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقانلارنىڭ ھېچقايسىسىنى مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىشقا يول قويمايمەن.
27
مەن سىلەرنى كۆزىتىمەن، بېشىڭلارغا بەخت ئەمەس، بەلكى ئاپەت چۈشۈرىمەن. مىسىردا ياشاۋاتقان يەھۇدىيە خەلقى ئۇرۇش ۋە ئاچارچىلىقتا ئۆلۈپ تۈگەيدۇ.
28
ئۇرۇشتىن قاچقان ناھايىتى ئاز بىر قىسىم كىشىلەرلا يەھۇدىيەگە قايتىدۇ. ئاندىن مىسىردا ئولتۇراقلاشقان يەھۇدىيە خەلقى مېنىڭ ياكى ئۆزلىرىنىڭ سۆزلىرىدىن كىمنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى بىلىشىدۇ،
29
مەن پەرۋەردىگار سىلەرنى مىسىردا جازالايمەن. سىلەرنىڭ بۇ سۆزۈمنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىمنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە مۇنداق بېشارەت كۆرسىتىمەن:
30
مەن يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيانى ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمىنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرگەندەك، مىسىر پادىشاھى خوفرانىمۇ ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن.»
← Chapter 43
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 43
Chapter 44
Chapter 45
Chapter 46
Chapter 47
Chapter 48
Chapter 49
Chapter 50
Chapter 51
Chapter 52
Chapter 45 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52