bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Jeremiah 17
Jeremiah 17
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 16
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 43
Chapter 44
Chapter 45
Chapter 46
Chapter 47
Chapter 48
Chapter 49
Chapter 50
Chapter 51
Chapter 52
Chapter 18 →
1
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئى يەھۇدىيە خەلقى، گۇناھلىرىڭلار تۆمۈر قەلەم بىلەن تاش يۈرىكىڭلارغا، قۇربانلىق سۇپىلىرىڭلارنىڭ بۇرجەكلىرىگە ئويۇپ يېزىلغاندۇر.
2
ھەتتا بالىلىرىڭلارمۇ دۆڭلەر ئۈستىدىكى بۈك-باراقسان ئۆسكەن دەرەخلەرنىڭ ئاستىغا جايلاشقان ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىغا ۋە قۇربانلىق سۇپىلىرىغا بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
3
زېمىنىڭلارنىڭ ھەممە يېرى گۇناھقا تولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ زېمىندىكى مۇقەددەس تېغىم بىلەن بارلىق بايلىقىڭلار ۋە مال-مۈلكىڭلارنى دۈشمەنلىرىڭلارغا ئولجا قىلىپ تاپشۇرۇپ بېرىمەن.
4
سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ سەۋەبىدىن، مەن سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىندىن ئايرىلىپ قالىسىلەر. شۇنداقلا مەن سىلەرنى ئۆزۈڭلارمۇ بىلمەيدىغان يات زېمىندا دۈشمەنلىرىڭلارغا قۇل قىلىپ بېرىمەن. چۈنكى سىلەر مېنىڭ غەزىپىمنى قوزغىدىڭلار، بۇ غەزەپ مەڭگۈ لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوتقا ئوخشايدۇ.»
5
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئىشەنچىنى پەقەت ئىنسانلارغا ئاتىغان، ئادەمنىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە تايانغان، قەلبىدە پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈگەنلەر لەنەتكە قالسۇن!
6
ئۇلار چۆل-جەزىرىدىكى چاتقالغا ئوخشاش گۈللىنىشنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرەلمەيدۇ. ئۇلار چۆل-باياۋاندىكى ھېچنېمە ياشىيالمايدىغان شورلۇق، قۇرغاق جايلاردا ياشايدۇ.
7
لېكىن ماڭا ئىشەنگەن، ئىشەنچىنى ماڭا باغلىغانلار بەخت تاپىدۇ.
8
ئۇلار خۇددى دەريا بويلىرىغا تىكىلىپ، يىلتىزلىرى سۇنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا يەتكەن دەرەخلەرگە ئوخشايدۇ. بۇ دەرەخلەر ئىسسىقتىن قورقمايدۇ، ئۇلارنىڭ يوپۇرماقلىرى دائىم بۈك-باراقسان تۇرىدۇ. ئۇلار قۇرغاقچىلىقتىن ئەنسىرىمەيدۇ، مېۋە بېرىشتىن ھەرگىز توختاپ قالمايدۇ.
9
ئەڭ ساختا نەرسە ئىنسان نىيىتىدۇر. ئۇنى ساقايتقىلى بولماس، ھېچكىم ئۇنى چۈشىنەلمەيدۇ.
10
مەن پەرۋەردىگار ئىنسانلارنىڭ يۈرىكىنى تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئويلىرىنى سىنايمەن. مەن ھەركىمنىڭ ئەمەلىيىتىگە ۋە قىلغىنىغا لايىق ياندۇرىمەن.
11
ئوغرىلاپ كېلىنگەن تۇخۇمدىن تۆرەلگەن كەكلىك ئۇچۇپ كەتكەندەك، كىشىنىڭ ئادالەتسىزلىك بىلەن توپلىغان مال-دۇنيالىرى يوقىلىپ كېتىدۇ. ھايات مەزگىلىدە ئۇ مال-دۇنياسىدىن ئايرىلىدۇ. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ بىر ئەخمەق ئىكەنلىكى نامايان بولىدۇ.»
12
مەن پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدىم: «بىزنىڭ ئىبادەتخانىمىز ئەزەلدىن تارتىپ ھۆرمەتلىنىپ كېلىنگەن، شان-شەرەپلىك بىر تەختتۇر.
13
ئى پەرۋەردىگار، سەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئۈمىدى. سەندىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ ھەممىسى خىجالەتچىلىكتە قالىدۇ. سەندىن يۈز ئۆرۈگەنلەر خۇددى ئىسىملىرى چاڭ-توزانغا يېزىلغاندەك يوقىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار ھاياتلىق سۈيىنىڭ بۇلىقى بولغان سەندىن ۋاز كەچكەندۇر.
14
ئى پەرۋەردىگار، ئەگەر سەن مېنى ساقايتساڭ، مەن ھەقىقىي ساقايغان بولىمەن، ئەگەر سەن مېنى قۇتقۇزساڭ، مەن ھەقىقىي قۇتقۇزۇلغان بولىمەن، مەن سېنىلا مەدھىيەلەيمەن!
15
كىشىلەرنىڭ ماڭا نېمە دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغىن. ئۇلار: ‹قېنى پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە سالغان تەھدىتلىرى؟ نېمە بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى!› دېيىشىۋاتىدۇ.
16
ئى پەرۋەردىگار، مەن سېنىڭ خەلقىڭ ئۈچۈن قىلىدىغان خىزمىتىمنى تاشلىمىدىم. مەن ئۇلارنىڭ بېشىغا بالايىئاپەت چۈشۈرۈشۈڭنى خالىمىدىم. مەن ئېيتقان سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى بىلىسەن.
17
مېنى قورقۇتمىغىن! سەن مېنىڭ قىيىنچىلىق ۋاقىتلىرىمدىكى پاناھگاھىمدۇرسەن.
18
مېنى ئەمەس، بەلكى ماڭا زىيانكەشلىك قىلغانلارنى نومۇستا قالدۇرغىن. مېنى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى ۋەھىمىگە قالدۇرغىن. ئۇلارنىڭ بېشىغا بالايىئاپەت ياغدۇرۇپ، ئۇلارنى بىر ھەسسە ئارتۇق جازا بىلەن ۋەيران قىلغىن!»
19
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ يېرۇسالېمدىكى دەرۋازىلارغا بارغىن. ئاۋۋال يەھۇدىيە پادىشاھى كىرىپ-چىقىدىغان دەرۋازىغا _ «خەلقلەر دەرۋازىسى»غا، ئاندىن باشقا بارلىق دەرۋازىلارغا بېرىپ،
20
مۇنداق دەپ جاكارلىغىن: «ئەي يەھۇدىيەنىڭ پادىشاھلىرى، بۇ دەرۋازىلاردىن كىرىپ چىقىۋاتقان يېرۇسالېم خەلقى، شۇنداقلا يەھۇدىيەنىڭ بارلىق خەلقى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار!
21
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹جېنىڭلارنى ئەزىز كۆرسەڭلار، مېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشۇمنى ئاڭلاڭلار! دەم ئېلىش كۈنىدە يېرۇسالېم دەرۋازىلىرىدىن يۈك ئېلىپ كىرىشنى توختىتىڭلار.
22
دەم ئېلىش كۈنىدە ئۆيۈڭلاردىن يۈك كۆتۈرۈپ چىقماڭلار! ھېچقانداق ئىش قىلماڭلار! ئەجدادلىرىڭلارغا ئەمر قىلغىنىمدەك، دەم ئېلىش كۈنىنى مۇقەددەس كۈن دەپ بىلىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىڭلار.
23
ئەمما سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار مېنىڭ سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدى، كۆڭۈل بۆلمىدى. ئۇلار جاھىللىق قىلىپ، ماڭا ئىتائەت قىلمىدى ۋە تەربىيەمنى قوبۇل قىلمىدى.
24
مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ئېيتىمەنكى، سىلەر ماڭا ئىتائەت قىلىپ، دەم ئېلىش كۈنىدە شەھەر دەرۋازىلىرىدىن ھېچقانداق يۈك-تاق ئېلىپ كىرمەڭلار. چوقۇم دەم ئېلىش كۈنىنى مۇقەددەس بىلىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىڭلار ۋە ھېچقانداق ئىش قىلماڭلار.
25
شۇنداق بولغاندىلا، داۋۇت ئەۋلادىدىن بولغان پادىشاھلار ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرگە بۇ شەھەرنىڭ دەرۋازىلىرىدىن دائىم كىرىپ-چىقىپ تۇرىدۇ. پادىشاھلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەمەلدارلىرى جەڭ ھارۋىلىرىغا ئولتۇرىدۇ ياكى ئاتلارغا مىنىدۇ ھەمدە ئۇلارغا يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېم خەلقلىرى ھەمراھ بولىدۇ. مۇشۇ شەھەردە ياشايدىغانلار مەڭگۈ ئۈزۈلمەيدۇ.
26
يېرۇسالېم ئەتراپىدىكى يېزىلاردىن، شۇنداقلا يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەر-يېزىلىرىدىن، بىنيامىن زېمىنلىرىدىن، غەربىي ئېدىرلىقلاردىن، تاغلىق رايونلاردىن ۋە نەگېب چۆللۈكىدىن خەلقلەر كېلىپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ۋە باشقا قۇربانلىقلار، ئاشلىق ھەدىيەلىرى ۋە ئىسرىقلارنى سۇنىدۇ. ئۇلار يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا مىننەتدارلىق قۇربانلىقلىرىنىمۇ ئېلىپ كېلىدۇ.
27
لېكىن سىلەر چوقۇم ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار ۋە دەم ئېلىش كۈنىنى مۇقەددەس بىلىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىڭلار. ئۇ كۈنى يېرۇسالېم دەرۋازىلىرىدىن ھېچقانداق يۈك-تاق ئېلىپ كىرمەڭلار. ئەگەر شۇنداق قىلمىساڭلار، يېرۇسالېم دەرۋازىلىرىغا ئوت قويىمەن. ئوت يېرۇسالېمنىڭ ئوردىلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ، ھېچكىم ئۇنى ئۆچۈرەلمەيدۇ.›»
← Chapter 16
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 43
Chapter 44
Chapter 45
Chapter 46
Chapter 47
Chapter 48
Chapter 49
Chapter 50
Chapter 51
Chapter 52
Chapter 18 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52