bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Jeremiah 13
Jeremiah 13
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 12
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 43
Chapter 44
Chapter 45
Chapter 46
Chapter 47
Chapter 48
Chapter 49
Chapter 50
Chapter 51
Chapter 52
Chapter 14 →
1
پەرۋەردىگار ماڭا: _ سەن بېرىپ، كەندىر رەخت سېتىۋېلىپ، ئۇنى بېلىڭگە پوتا قىلىپ باغلىغىن. ئۇنى سۇغا تەگكۈزۈپ قويمىغىن، _ دېدى.
2
شۇنىڭ بىلەن مەن پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنى بويىچە كەندىر رەخت سېتىۋالدىم ھەمدە ئۇنى بېلىمگە باغلىدىم.
3
ئاندىن پەرۋەردىگار يەنە ماڭا:
4
_ سەن بېلىڭگە باغلىۋالغان پوتىنى ئېلىپ، فاراھ دەرياسى بويىغا بارغىن. ئۇنى ئۇ يەردىكى تاشلارنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇپ قويغىن، _ دېدى.
5
مەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنىدەك فاراھ دەرياسى بويىغا بېرىپ، ئۇنى يوشۇرۇپ قويدۇم.
6
نۇرغۇن كۈنلەر ئۆتكەندىن كېيىن پەرۋەردىگار ماڭا: _ فاراھ دەرياسى بويىغا بېرىپ، ھېلىقى پوتىنى مەن ساڭا يوشۇرۇپ قويۇشنى ئېيتقان جايدىن ئېلىپ كەلگىن، _ دېدى.
7
مەن فاراھ دەرياسى بويىغا بېرىپ، ھېلىقى پوتىنى يوشۇرۇپ قويغان جايدىن ئالدىم. لېكىن ئۇ پوتا چىرىپ كەتكەن بولۇپ، ھېچنېمىگە ئىشلەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى بايقىدىم.
8
ئاندىن پەرۋەردىگاردىن ماڭا بۇ ۋەھىي كەلدى.
9
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ مەن يەھۇدىيەنىڭ ھاكاۋۇرلۇقىنى ۋە يېرۇسالېمنىڭ ئۇچىغا چىققان مەغرۇرلۇقىنى مۇشۇ پوتىدەك چىرىتىمەن.
10
بۇ رەزىل خەلق مېنىڭ تەلىملىرىمگە بويسۇنۇشنى رەت قىلدى. ئۇلار جاھىللارچە ئۆزلىرىنىڭ يامان نىيەتلىرىگە ئەگىشىپ ماڭدى. باشقا ئىلاھلارنى ئىزدەپ، ئۇلارغا چوقۇندى ۋە سەجدە قىلدى. شۇڭا ئۇلار بۇ پوتىغا ئوخشاش ھېچنېمىگە ئەسقاتمايدىغان نەرسىگە ئايلىنىدۇ.
11
خۇددى پوتىنىڭ ئادەم بەدىنىگە چىڭ يېپىشىپ تۇرغىنىدەك، مەن پۈتكۈل ئىسرائىلىيە خەلقى ۋە يەھۇدىيە خەلقىنى ئۆزۈمگە يېقىن قىلىپ تاللىدىم. ئۇلارنى ئۆزۈمنىڭ ئەزىز خەلقى قىلىپ، ماڭا شان-شەرەپ، مەدھىيە ۋە ھۆرمەت ئەكېلىشنى كۈتكەنىدىم. ئەمما ئۇلار ماڭا ئىتائەت قىلىشنى خالىمىدى.
12
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا مۇنداق دەيدۇ: ‹بارلىق شاراب ئىدىشلىرى شاراب بىلەن تولدۇرۇلىدۇ›». ئۇلار بەلكىم ساڭا: «بىزنى شاراب ئىدىشلىرىنىڭ شاراب بىلەن تولدۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، دەپ ئويلامسەن؟» دېيىشى مۇمكىن.
13
ئاندىن ئۇلارغا مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمنى ئېيتقىن: «مەن پات ئارىدا بۇ زېمىندا ياشىغان بارلىق كىشىلەرنى غەرق مەست قىلىۋېتىمەن. داۋۇتنىڭ تەختىدە ئولتۇرغان پادىشاھلاردىن تارتىپ، تاكى روھانىيلار، پەيغەمبەرلەر ۋە يېرۇسالېمنىڭ پۈتۈن پۇقرالىرىغىچە قاتتىق مەست قىلىمەن.
14
ئاندىن مەن ئۇلارنى شاراب ئىدىشلىرى بىر-بىرىگە سوقۇلۇپ چېقىلغاندەك، بىر-بىرىگە قارشى ئۇرۇشقا سالىمەن، ئاتا-ئانا ۋە بالىلارنىمۇ شۇنداق قىلىمەن. ئۇلارغا ھېچقانداق ھېسداشلىق، ئىچ ئاغرىتىش ۋە شەپقەت كۆرسەتمەيمەن. ھېچقانداق نەرسە مېنىڭ ئۇلارنى ۋەيران قىلىشىمنى توسۇپ قالالمايدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»
15
مەن يەرەمىيا يەھۇدىيە خەلقىگە مۇنداق دېدىم: «قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭلار! ھاكاۋۇرلۇق قىلماڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنداق دېگەن.
16
پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى زۇلمەتكە دۇچار قىلىپ، قاراڭغۇ تۈنلەردە تاغلاردا پۇتلاشتۇرۇپ يىقىتىشتىن بۇرۇن، ئۇنى ئۇلۇغلاڭلار. بولمىسا سىلەر يورۇقلۇق ئىزدىگىنىڭلاردا، پەقەت خىرەلەشكەن قاراڭغۇلۇقتا قالىسىلەر.
17
ئەگەر سىلەر يەنىلا سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىساڭلار، سىلەرنىڭ بۇ مەغرۇرلۇقۇڭلار ئۈچۈن، پەقەت مەنلا يالغۇز قايغۇرۇپ يىغلايمەن. قاتتىق يىغلايمەن، كۆزلىرىم ئازاب ياشلىرىغا تولىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى سۈرگۈن بولۇپ كېتىدۇ.»
18
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «پادىشاھ ۋە خان ئانىسىغا ئېيتقىن: ‹تەختلىرىڭلاردىن چۈشۈڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ بۈيۈك تاجلىرىڭلار بېشىڭلاردىن يۆتكىلىدۇ.
19
نەگېب چۆللۈكىدىكى شەھەرلەر دۈشمەنلەرنىڭ مۇھاسىرىسىدە قېلىپ، دەرۋازىلىرى تاقىلىدۇ، ھېچكىم بۇ شەھەرلەرگە كىرەلمەيدۇ. يەھۇدىيە خەلقى ئەسىرگە ئېلىنىپ، ھەممىسى سۈرگۈن قىلىنىدۇ›».
20
مەن يەرەمىيا مۇنداق دېدىم: «ئەي يېرۇسالېم، باق! شىمالدىن كېلىۋاتقان دۈشمەنلەرنى كۆر! ساڭا ئىشەنچ بىلەن ھاۋالە قىلىنغان ئادەملەر ھازىر قەيەردە؟ سېنى شۇنچە مەغرۇر قىلىۋەتكەن ئاشۇ پۇقرالىرىڭچۇ؟
21
پەرۋەردىگار سەن ‹دوستۇم› دەپ قارىغان ئاشۇ ئادەملەر ئارقىلىق سېنى باشقۇرسا، سەن نېمە دەيسەن؟ سەن تولغىقى تۇتقان ئايالدەك ئازابلانمامسەن؟
22
سەن بەلكىم ئۆزۈڭدىن: ‹نېمە ئۈچۈن بۇ كەلگۈلۈكنىڭ ھەممىسى ماڭا كېلىدۇ؟› دەپ سورايسەن. گۇناھلىرىڭنىڭ كۆپلۈكى تۈپەيلىدىن شۇنداق بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن كىيىملىرىڭ يىرتىلىپ، دەپسەندە قىلىندىڭ.
23
بىر ئېفىيوپىيەلىك تېرىسىنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتەلەمدۇ؟ يىلپىز ئۆزىنىڭ تاغىل رەڭگىنى ئۆزگەرتەلەمدۇ؟ ياق! سىلەرمۇ ھەمىشە رەزىل ئىش قىلىشقا ئادەتلەنگىنىڭلار ئۈچۈن، ياخشى ئىش قىلىشنى ئۆگىنەلمەيسىلەر. چۈنكى سىلەر ھەمىشە رەزىل ئىش قىلىسىلەر.»
24
پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە مۇنداق دېدى: «مانا بۇ، سىلەرنى قۇملۇقتىكى شامال پاخالنى چېچىۋەتكەندەك چېچىۋېتىشىمنىڭ سەۋەبىدۇر.
25
بۇ سىلەرنىڭ تەقدىرىڭلار، مەن ئۇنى پېشانەڭلارغا پۈتتۈم. چۈنكى سىلەر مېنى ئۇنتۇپ، بۇت ئىلاھىڭلارغا چوقۇندۇڭلار.
26
مەن سىلەرنىڭ كىيىملىرىڭلارنى يىرتىپ تاشلايمەن. ئۇياتلىق يېرىڭلار ئېچىلىپ قالىدۇ.
27
مەن سىلەرنىڭ يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلغانلىقىڭلارنى كۆرگەن. مەن سىلەرنىڭ دالالاردا بۇزۇقچىلىق قىلغانلىقىڭلارنى، خۇددى ئەرنىڭ يات بىر ئايالنى شەھۋانىيلارچە قوغلىغىنىدەك ياكى ئايغىرنىڭ بايتالنى قوغلىغىنىدەك، بۇت ئىلاھلىرىڭلارنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇلارغا چوقۇنغانلىقىڭلارنى كۆردۈم. ئى يېرۇسالېم، ھالىڭغا ۋاي! قاچانغىچە مۇشۇنداق بۇلغىنىپ يۈرىسەن؟»
← Chapter 12
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 43
Chapter 44
Chapter 45
Chapter 46
Chapter 47
Chapter 48
Chapter 49
Chapter 50
Chapter 51
Chapter 52
Chapter 14 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52