bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Jeremiah 6
Jeremiah 6
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 5
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 43
Chapter 44
Chapter 45
Chapter 46
Chapter 47
Chapter 48
Chapter 49
Chapter 50
Chapter 51
Chapter 52
Chapter 7 →
1
جېنىڭلارنى ئېلىپ قېچىڭلار، ئەي بىنيامىن خەلقى! يېرۇسالېمدىن قېچىپ چىقىڭلار! تىقوۋادا بۇرغا چېلىپ، بەيت-ھاككەرەمدە گۈلخان يېقىپ، بەلگە كۆرسىتىڭلار! چۈنكى شىمالدىن بالايىئاپەت كېلىۋاتىدۇ، ئېغىر ۋەيرانچىلىق يېقىنلىشىۋاتىدۇ.
2
سىئون ناھايىتى چىرايلىق ۋە لاتاپەتلىك بىر قىز ئىدى، بىراق مەن ئۇنى ۋەيران قىلىمەن.
3
خۇددى پادىچى پادىلىرى بىلەن كەلگەندەك، پادىشاھلار قوشۇنلىرى بىلەن كېلىپ، يېرۇسالېمغا قارشى جەڭ قىلىدۇ. ھەربىر قوشۇن ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان يەرنى ۋەيران قىلىدۇ.
4
ئۇلار: «يېرۇسالېمغا قارشى جەڭ قىلىشقا تەييارلىق قىلىڭلار! كېلىڭلار! چىڭقى چۈشتە ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلايلى!» دەيدۇ. لېكىن بىردەمدىن كېيىن ئۇلار يەنە: «بەك ئەپسۇس، قۇياش پېتىپ قاراڭغۇ چۈشۈۋاتىدۇ.
5
شۇڭا كېلىڭلار، كېچىدىن پايدىلىنىپ، ھۇجۇم قىلىپ، مۇستەھكەم قورغانلىرىنى ۋەيران قىلايلى!» دەيدۇ.
6
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدىكى دەرەخلەرنى كېسىڭلار. سېپىلىغا توپا دۆۋىلەپ ھۇجۇم قىلىڭلار. بۇ شەھەر جازالىنىشى كېرەك. ئۇنىڭدا زۇلۇمدىن باشقا نەرسە يوق.
7
قۇدۇقتىن توختىماي سۇ چىققاندەك، بۇ شەھەردىنمۇ توختىماي رەزىللىك چىقىپ تۇرىدۇ. زوراۋانلىق ۋە ۋەيرانچىلىقنىڭ ئەكس سادالىرى شەھەرنىڭ ھەممە يەرلىرىدە ئاڭلانماقتا. مەن كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى كېسەل ۋە يارىدار كىشىلەردۇر.
8
ئەي يېرۇسالېم، بۇ ئاگاھلاندۇرۇشقا قۇلاق سال. بولمىسا مەن سەندىن يۈز ئۆرۈيمەن. ھەمدە سېنى ھېچكىم ياشىمايدىغان خارابىلىككە ئايلاندۇرۇپ قويىمەن.»
9
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «ئۆزۈم يىغقۇچى ئۆزۈم تېلىنى قايتا-قايتا تەكشۈرگىنىگە ئوخشاش، دۈشمىنىڭلار ئىسرائىلىيەدە قالغان خەلقنى بىردىن-بىردىن تەكشۈرۈپ چىقىدۇ.»
10
مەن مۇنداق جاۋاب بەردىم: «كىمگە گەپ قىلاي، كىمنى ئاگاھلاندۇراي؟ گېپىمنى كىم ئاڭلايدۇ؟ ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى ئېتىۋېتىلگەن، ئاڭلىيالمايدۇ. ئۇلار سېنىڭ سۆزلىرىڭنى كۆزگە ئىلمايدۇ، پەقەت ئاڭلاشنى خالىمايدۇ.
11
ئەي پەرۋەردىگار، مەن ساڭا ئوخشاشلا غەزەپكە تولدۇم، ھەقىقەتەن چىدىيالمىدىم.» پەرۋەردىگار مۇنداق جاۋاب بەردى: «غەزىپىڭنى كوچىدا ئويناۋاتقان بالىلارغا ۋە توپلاشقان ياشلارغا چاچ. غەزىپىڭنى ئەرلەر ۋە ئاياللار، شۇنىڭدەك ياشانغانلارغىمۇ چاچ.
12
ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنى باشقىلار ئىگىلىۋالغاندەك، يەرلىرى ۋە ئاياللىرىنىمۇ باشقىلار ئىگىلىۋالىدۇ. چۈنكى مەن بۇ زېمىندا ياشاۋاتقانلارغا قارشى قولۇمنى كۆتۈرىمەن. بۇ سۆزلەرنى مەن پەرۋەردىگار ئېيتىۋاتىمەن!
13
ئۇلارنىڭ ئاددىي كىشىلىرىدىن تارتىپ كاتتا ئەربابلىرىغىچە ھەممىسى ھارام بايلىقنىڭ كويىدا يۈرىدۇ، پەيغەمبەرلەردىن تارتىپ روھانىيلارغىچە ھەممىسى ئالدامچىلىق قىلىدۇ.
14
ئۇلار خەلقىمنىڭ يارىسىغا سەل قاراپ: ‹ھەممە ئىش ياخشى! ھەممە ئىش جايىدا!› دەپ، قولىنىڭ ئۇچىدىلا داۋالايدۇ. بىراق ئىشلار ئۇلار دېگەندەك ئەمەس.
15
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىلغان يىرگىنچلىك ئىشلىرى ئۈچۈن خىجىل بولدىمۇ؟ ياق! ئۇلار پەقەتلا خىجىل بولمىدى. ئۇلار ھەتتا ئۇيىلىپ قىزىرىشنىمۇ بىلمەيدۇ! شۇڭا ئۇلار خۇددى باشقىلارغا ئوخشاش ھالاك بولىدۇ. مەن ئۇلارنى جازالىغاندا، ئۇلار چوقۇم ۋەيران بولىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»
16
پەرۋەردىگار خەلققە مۇنداق دېدى: «سىلەر تۆت كوچىدا تۇرۇۋاتىسىلەر، شۇڭا يولۇڭلارنى كۆزىتىڭلار. كونا، ئىشەنچلىك يولنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى سوراڭلار. قايسى يولنىڭ بەخت-سائادەتكە باشلايدىغانلىقىنى سوراپ، شۇنىڭغا ئەگىشىڭلار. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، قەلبىڭلار ئارام تاپىدىغان جاينى تاپالايسىلەر. بىراق خەلقىم: ‹بىز پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا ماڭمايمىز!› دېدى.
17
مەن پەيغەمبەرلەرنى جېسەكچىلەردەك سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشقا تەيىنلەپ، ‹بۇرغا ئاۋازىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا دىققەت قىلىڭلار!› دېدىم. بىراق خەلقىم: ‹بىز ئاڭلىمايمىز› دېدى.
18
شۇڭا، ئەي ئەللەر، قۇلاق سېلىڭلار! خەلقىمگە نېمە بولىدىغانلىقىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈڭلار.
19
ئەي جاھان ئەھلى، قۇلاق سېلىڭلار! خەلقىمگە بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىمەن. ئۇلار ھىيلىگەرلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، جازالايدىغان ۋاقتىم كەلدى. چۈنكى ئۇلار مېنىڭ سۆزلىرىمگە پەرۋا قىلمىدى، قانۇنلىرىمنى رەت قىلدى.
20
ئۇلار ماڭا شىبادىن كەلتۈرۈلگەن مەستىكى رۇمى ياكى يىراق جايلاردىن كەلتۈرۈلگەن پۇراقلىق ئېگىر كۆيدۈرسىمۇ، كارىم يوق! مەن ئۇلارنىڭ ماڭا سۇنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىنى قوبۇل قىلمايمەن. مەن ئۇلارنىڭ ماڭا ئاتىغان قۇربانلىقلىرىدىن خۇشال بولمايمەن.
21
شۇڭا، مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: مەن چوقۇم بۇ كىشىلەرنىڭ يولىغا پۇتلىشىدىغان توسالغۇ قويىمەن. ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلار ئۇلارغا پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشىدۇ. دوست-بۇرادەرلەر ۋە قولۇم-قوشنىلارمۇ ۋەيران بولىدۇ.»
22
پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: «قاراڭلار! شىمالدىن بىر كۈچلۈك قوشۇن كېلىۋاتىدۇ! ئەڭ يىراق زېمىندىكى بىر چوڭ خەلق سىلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.
23
ئۇلارنىڭ لەشكەرلىرى ئوقيا ۋە نەيزىلەر بىلەن قوراللانغان. ئۇلار ناھايىتى ۋەھشىي بولۇپ، ئۇلاردا مېھىر-شەپقەت يوقتۇر. ئۇلار ئۇچقۇر ئاتلارغا مىنىپ ئالغا ئىلگىرىلىگەندە، خۇددى دېڭىزنىڭ شاۋقۇنلىرىدەك ئاۋاز چىقىرىدۇ. ئەي سىئون، ئۇلار سىلەرگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن سەپ تۈزمەكتە.»
24
يېرۇسالېم ئاھالىلىرى نالە قىلىشىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئۇلار توغرىسىدا ئاڭلىغان! بىز قورقۇنچ ئىچىدە يار-يۆلەكسىز قالدۇق! ئازاب بىزنى چىرمىۋالدى. بىز خۇددى تولغاق ئازابى تارتىۋاتقان ئايالدەك قىينىلىۋاتىمىز!
25
ئېتىزغا بارماڭلار، يوللاردا يۈرمەڭلار! چۈنكى ئۇ يەرلەردە قىلىچ تۇتقان دۈشمەنلەر بار، ھەممە يەرنى ۋەھىمە باسقان.»
26
شۇنىڭ بىلەن مەن دېدىم: «ئەي، مېنىڭ قەدىرلىك خەلقىم، ماتەملىك كىيىمىڭلارنى كىيىپ، كۈلگە مىلىنىپ، قايغۇ-ھەسرەتكە چۆمۈڭلار. خۇددى يالغۇز بالاڭلارنى يوقىتىپ قويغاندەك قاتتىق قايغۇرۇڭلار. چۈنكى ۋەيران قىلغۇچى قوشۇن ناھايىتى تېزلا كېلىپ، بىزگە ھۇجۇم قىلىدۇ.»
27
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «خەلقىم مېتالدۇر، سېنى مېتال تەكشۈرگۈچى قىلدىم. سەن ئۇلارنىڭ يوللىرىنى كۆزىتىپ، تەكشۈرۈپ تۇرىسەن.
28
ئۇلارنىڭ ھەممىسى جاھىل، ئاسىيلاردۇر! ئۇلارنىڭ يۈرىكى تۇچ ياكى تۆمۈرگە ئوخشاش قاتتىق. ئۇلار باشقىلارغا تۆھمەت قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى چىرىكلەشكەن.
29
ئوت كۆرۈكتە پۈۋلەپ ئۇلغايتىلىدۇ، كۈمۈشتىن قوغۇشۇنلار شاللاپ چىقىرىۋېتىلىدۇ. لېكىن بۇ رەزىل خەلقنى تاۋلاشنىڭ پايدىسى يوق. چۈنكى مەينەتچىلىكلەرنى ئۇلاردىن چىقىرىۋەتكىلى بولمايدۇ.
30
ئۇلار سۈپەتسىز كۈمۈشتۇر، شۇڭا مەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى رەت قىلدىم.»
← Chapter 5
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 43
Chapter 44
Chapter 45
Chapter 46
Chapter 47
Chapter 48
Chapter 49
Chapter 50
Chapter 51
Chapter 52
Chapter 7 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52