bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Jeremiah 2
Jeremiah 2
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 1
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 43
Chapter 44
Chapter 45
Chapter 46
Chapter 47
Chapter 48
Chapter 49
Chapter 50
Chapter 51
Chapter 52
Chapter 3 →
1
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
2
_ سەن يېرۇسالېمغا بېرىپ، يېرۇسالېمنىڭ خەلقىگە مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمنى جاكارلىغىن: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹سىلەر ياش ۋاقتىڭلاردىكى ساداقىتىڭلار ۋە يېڭى توي قىلغان ۋاقتىڭلاردىكى مۇھەببىتىڭلار بىلەن ماڭا ئەگىشىپ، ھوسۇل چىقمايدىغان چۆل-جەزىرىلەرگىچە قانداق بارغىنىڭلار ئېسىمدە.
3
ئىسرائىل خەلقى ماڭا ئاتالغان بولۇپ، ئۇلار خۇددى تۇنجى ئېلىنغان ھوسۇلۇمغا ئوخشايتتى. ئۇلارنى يۇتۇۋالماقچى بولغانلارنىڭ ھەممىسى جازاغا تارتىلىپ، بالايىئاپەتلەرگە ئۇچرىدى. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!›»
4
ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، ئەي ئىسرائىل خەلقىدىن بولغان بارلىق جەمەتلەر، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار.
5
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار مەندىن شۇنچە يىراقلاپ كەتكۈدەك، مەندىن قانداق ئەيىب تېپىۋالغانىدى؟ ئۇلار ئەرزىمەس بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ئۆزلىرىنىمۇ ئەرزىمەس قىلىۋالدى.
6
ئۇلار: ‹بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگار قېنى؟ بىزنى ھېچكىم ياشاپ باقمىغان ياكى بېرىپ باقمىغان يەرلەردىن باشلاپ، چۆل-جەزىرىلەردىن ۋە ئۇ يەردىكى جىلغىلاردىن، سۇسىزلىق ۋە ئۆلۈم سايىلىرىدىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگار قەيەردە؟› دەپ سوراپ باقمىدى.
7
مەن سىلەرنى مېۋىلەر ۋە ئېسىل نەرسىلەردىن ھۇزۇرلانسۇن دەپ، بۇ مۇنبەت زېمىنغا ئېلىپ كەلگەنىدىم. بىراق مېنىڭ زېمىنىمغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇنى بۇلغىدىڭلار. ماڭا تەئەللۇق بولغان بۇ زېمىننى يىرگىنچلىك جايغا ئايلاندۇرۇپ قويدۇڭلار.
8
روھانىيلار ماڭا ئىنتىلمىدى، قانۇنلىرىمنى ئۆگىتىدىغانلار مېنى ھەقىقىي تونۇمىدى، يېتەكچىلەر ماڭا قارشى چىقتى. ساختا پەيغەمبەرلەر بۇت بائالنىڭ نامىدىن ۋەھىي يەتكۈزۈپ، ئۆزلىرىگە قىلچە ياردەم بېرەلمەيدىغان بۇتلارغا چوقۇندى.
9
شۇڭا، مەن پەرۋەردىگار سىلەرنى ۋە نەۋرەڭلارنى سوراققا تارتىمەن.
10
غەربكە بېرىپ، دېڭىزدىن ئۆتۈپ، سىپرۇس ئارىلىنى كۆرۈپ كېلىڭلار! شەرققە ئادەم ئەۋەتىپ، قېدار زېمىنلىرىغا بېرىپ كېلىڭلار! بۇنداق غەلىتە ئىشلارنى ئاڭلاپ باققان بىرەرسى بارمىكىن؟
11
بىرەر خەلق ئۆز ئىلاھلىرىدىن ۋاز كېچىپتىمۇ؟ ئىلاھلىرى ھەقىقىي بولمىسىمۇ، ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈپتىمۇ؟ ئەمما مېنىڭ خەلقىم شان-شەرەپلىك بولغان مەن خۇدانى ئەرزىمەس بۇتلارغا ئالماشتۇردى!
12
ئەي ئاسمانلار، سىلەرگە شۇنى دەيمەنكى، بۇلاردىن ھەيران بولۇڭلار، چۆچۈڭلار ۋە ۋەھىمىگە چۈشۈڭلار.
13
مېنىڭ خەلقىم رەزىل ئىشتىن ئىككىنى قىلدى: ئۇلار ھاياتلىق سۈيىنىڭ مەنبەسى بولغان مەندىن ۋاز كەچتى ھەمدە ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن سۇ ساقلىيالمايدىغان يېرىق قۇدۇقلارنى كولىدى.
14
ئەي ئىسرائىل خەلقى، سىلەر قۇلمۇ؟ سىلەر قۇللۇققا تۇغۇلغانمۇ؟ نېمە ئۈچۈن سىلەر ئولجىلاردەك ئېلىپ كېتىلدىڭلار؟
15
سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلار شىردەك ھۆركىرەيدۇ، ئۇلار غەلىبە قىلىپ تەنتەنە قىلىشتى. ئۇلار زېمىنىڭلارنى ۋەيران قىلدى. شەھەرلىرىڭلار كۆيدۈرۈلۈپ، ھېچكىم ھايات قالمىدى.
16
نوپ ۋە تاخپانخېس شەھەرلىرىدىن كەلگەن مىسىرلىقلار بېسىپ كىرىپ، چېچىڭلارنى چۈشۈرۈۋېتىپ، ئۆزلىرىنىڭ قۇلى قىلدى.
17
مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى توغرا يولدا يېتەكلىگەن بولساممۇ، سىلەر مەندىن يۈز ئۆرۈپ، بۇ ئاپەتلەرنى ئۆز بېشىڭلارغا تاپتىڭلار.
18
مىسىرغا بېرىپ، ئۇلاردىن ياردەم سورىساڭلار، سىلەرگە نېمە پايدا كېلىدۇ؟ ئاسسۇرغا بېرىپ، ئۇلاردىن ياردەم سورىساڭلار، سىلەرگە نېمە پايدا كېلىدۇ؟
19
ئۆزۈڭلارنىڭ رەزىللىكىڭلار بېشىڭلارغا چىقىدۇ. ساداقەتسىزلىكىڭلار ئۆزۈڭلارغا جازا ئەكېلىدۇ. مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن يۈز ئۆرۈپ، مەندىن قورقماسلىقىڭلارنىڭ سىلەرگە قانچىلىك زور بالايىئاپەت ئەكېلىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىڭلار. بۇ مەن ئىگەڭلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.
20
ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان ھۆكۈمرانلىقىمدىن يۈز ئۆرۈپ، مەن پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلمىدىڭلار. سىلەر: ‹ساڭا ئېتىقاد قىلمايمىز› دېدىڭلار. سىلەر ئېگىز تاغلاردا ۋە بۈك-باراقسان دەرەخلەرنىڭ ئاستىدا خۇددى پاھىشە ئايالغا ئوخشاش ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، بۇتلارغا سەجدە قىلدىڭلار.
21
مەن سىلەرنى ئەلا كۆچەتتەك تىككەنىدىم، سىلەر ئەڭ ياخشى ئۇرۇقتىن ئۆسكەنىدىڭلار. نېمە ئۈچۈن سىلەر ھېچنېمىگە يارىمايدىغان ياۋا ئۈزۈم تېلىغا ئايلىنىپ قالدىڭلار؟
22
سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، ھەتتا سىلەر ئۆزۈڭلارنى شاخار ۋە ئەڭ كۈچلۈك سوپۇنلار بىلەن يۇساڭلارمۇ پاكىزلانمايسىلەر، مەن يەنىلا رەزىللىكىڭلارنىڭ داغلىرىنى كۆرۈۋالالايمەن.
23
سىلەر: ‹بىز ئۆزىمىزنى بۇلغىمىدۇق! بائالنىڭ بۇتلىرىغا چوقۇنمىدۇق!› دېدىڭلار. ئەمما قانداقمۇ شۇنداق دېيەلەيسىلەر؟ بەنھىننوم جىلغىسىدا ئۆتكۈزگەن قىلمىشىڭلارغا قاراڭلار! ئۆزۈڭلار ئۇ يەردە ئۆتكۈزگەن ئېغىر گۇناھلىرىڭلار ئۈستىدە ئويلىنىڭلار! سىلەر خۇددى چىشى تۆگە كۈيلەش مەزگىلىدە جۈپ ئىزدىگەندەك، بۇتلارنى ئىزدەپ يۈرىسىلەر.
24
سىلەر قۇملۇقتىكى ياۋايى مادا ئېشەكلەرگە ئوخشايسىلەر. ھەۋىسىڭلار قوزغالغاندا پۇراشقا باشلايسىلەر، ھېچكىم سىلەرنى توسۇپ قالالمايدۇ. ھاڭگا ئېشەكلەرنىڭ سىلەرنى ئىزدىشىنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى مادا ئېشەكلەر ھاڭگا ئېشەكلەرگە ئەگىشىپ كېلىدۇ!
25
ئايىغىڭلار يىرتىلىپ، گېلىڭلار قۇرۇپ كەتكۈچە يات ئىلاھلارغا ئەگىشىپ يۈرمەڭلار. ئەمما سىلەر: ‹ئارقىمىزغا قايتمايمىز، بىز يات ئىلاھلارنى ياخشى كۆرىمىز، ئۇلارغا ئەگىشىمىز!› دەيسىلەر.
26
تۇتۇلۇپ قالغان ئوغرى شەرمەندە بولغاندەك، سىلەر ئىسرائىل خەلقىمۇ شەرمەندە بولىسىلەر. سىلەرنىڭ پادىشاھلىرىڭلار، ئەمەلدارلىرىڭلار، روھانىيلىرىڭلار ۋە پەيغەمبەرلىرىڭلارمۇ خىجالەتتە قالىدۇ.
27
سىلەر ياغاچ بۇتلارغا: ‹سەن مېنىڭ ئاتام› دەيسىلەر، سىلەر تاش بۇتلارغا: ‹سەن ماڭا ھاياتلىق بەرگەن› دەيسىلەر. ماڭا ئېتىقاد قىلىشنىڭ ئورنىغا، مەندىن يۈز ئۆرۈيسىلەر. لېكىن قىيىنچىلىققا يولۇققان ۋاقتىڭلاردا ‹كېلىپ، بىزنى قۇتقۇزغىن!› دەپ، ماڭا يېلىنىسىلەر.
28
سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلار ياسىۋالغان ئىلاھىڭلار قېنى؟ قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، ئۇلار سىلەرنى قۇتقۇزسۇن. ئەي يەھۇدىيە خەلقى، سىلەرنىڭ قانچە شەھەرلىرىڭلار بولسا شۇنچىلىك ئىلاھلىرىڭلار بار!
29
نېمە ئۈچۈن مەن بىلەن دەۋالىشىسىلەر، ھەممىڭلار ماڭا قارشى چىققان تۇرساڭلار؟
30
مەن سىلەرنى جازالىغان بولساممۇ، لېكىن ھېچقانداق پايدىسى بولمىدى. سىلەر مېنىڭ تەربىيەلىرىمگە پىسەنت قىلمىدىڭلار. سىلەرنىڭ قىلىچىڭلار خۇددى ئاچ شىرلاردەك مەن ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈردى.
31
ئەي خەلقىم، مەن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئېيتقانلىرىغا قۇلاق سېلىڭلار. مەن سىلەر ئۈچۈن بىر قۇملۇقمۇ؟ مەن سىلەر ئۈچۈن قاراڭغۇ زېمىنمۇ؟ ئۇنداق بولمىسا نېمىشقا سىلەر ماڭا: ‹بىز ئاخىرى سەندىن قۇتۇلدۇق، ئالدىڭغا ئەمدى بارمايمىز!› دەيسىلەر؟
32
ياش ئايال زىبۇ-زىننەتلىرىنى، يېڭى كېلىنچەك توي كۆڭلىكىنى ئۇنتۇپ قالامدۇ؟ بىراق مېنىڭ خەلقىم بولغان سىلەر مېنى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇنتۇپ قالدىڭلار.
33
سىلەر ئاشىقىڭلارنى قوغلىشىشقا نېمىدېگەن ئۇستا-ھە! ھەتتا پاھىشە ئاياللارمۇ سىلەردىن ئۆگەنسە بولىدۇ.
34
كىيىم-كېچەكلىرىڭلار يوقسۇللار ۋە بىگۇناھلارنىڭ قېنىغا مىلەندى. لېكىن ئۇلار ئۆيلىرىڭلارغا سۇقۇنۇپ كىرىپ تۇتۇلۇپ قېلىنغان ئوغرى ئەمەس. شۇنداق بولسىمۇ،
35
سىلەر تېخى ‹مەن گۇناھسىز، خۇدا ماڭا غەزەپلەنمەيدۇ› دەيسىلەر. ‹مەن گۇناھ قىلمىدىم› دېگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، مەن سىلەرنى جازالايمەن.
36
ياردەم سوراش ئۈچۈن يېڭى ئىتتىپاقداشلارنى ئىزدەشكە، نېمىدېگەن تېز سىلەر-ھە؟ بىراق سىلەرنىڭ مىسىردىكى يېڭى دوستۇڭلار خۇددى ئاسسۇرلاردەك سىلەرنى نائۈمىد قويىدۇ.
37
سىلەر مىسىرلىقلاردىن ئىزا تارتقان ۋە ئازابلانغان ھالدا قوللىرىڭلار بىلەن يۈزۈڭلارنى توسۇپ ئايرىلىسىلەر. مەن پەرۋەردىگارىڭلار سىلەر ئىشىنىپ كەلگەنلەرنى رەت قىلىمەن. سىلەر ئۇلاردىن ھېچقانداق ياردەمگە ئېرىشەلمەيسىلەر.»
← Chapter 1
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 43
Chapter 44
Chapter 45
Chapter 46
Chapter 47
Chapter 48
Chapter 49
Chapter 50
Chapter 51
Chapter 52
Chapter 3 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52