bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Jeremiah 52
Jeremiah 52
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 51
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 43
Chapter 44
Chapter 45
Chapter 46
Chapter 47
Chapter 48
Chapter 49
Chapter 50
Chapter 51
Chapter 52
1
زىدقىيا تەختكە چىققان چاغدا 21 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 11 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى خامۇتال بولۇپ، لىبناھ شەھىرىدىكى يەرەمىيانىڭ قىزى ئىدى.
2
زىدقىيا خۇددى ئىلگىرىكى پادىشاھ يىھوياقىمغا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى.
3
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيە خەلقىگە بولغان غەزىپى چېكىگە يېتىپ، ئۇلارنى ھۇزۇرىدىن قوغلىماقچى بولدى. زىدقىيا بابىل پادىشاھىدىن يۈز ئۆرۈدى.
4
زىدقىيا پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 9-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر پۈتۈن قوشۇنلىرى بىلەن يېرۇسالېمغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئۇ شەھەرنىڭ سىرتىغا بارگاھ قۇرۇپ، شەھەرنىڭ ئەتراپىغا توسۇق تاملىرىنى ياساپ، شەھەرنى قورشىۋالدى.
5
شۇنداق قىلىپ شەھەر تاكى زىدقىيا پادىشاھنىڭ 11-يىلىغىچە قورشاۋ ئىچىدە تۇردى.
6
شۇ يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنىگە كەلگەندە خەلقنىڭ ئوزۇقى تۈگەپ، شەھەردە قاتتىق ئاچارچىلىق يۈز بەردى.
7
بابىللىقلار ئاخىرى شەھەر سېپىلىنى بۇزدى. گەرچە بابىللىقلار شەھەرنى ھەممە تەرەپتىن قورشاپ تۇرغان بولسىمۇ، يېرۇسالېمدىكى لەشكەرلەرنىڭ ھەممىسى پادىشاھى زىدقىياغا ئەگىشىپ، كەچتە پادىشاھنىڭ بېغىنىڭ يېنىدىكى ئىككى سېپىل ئارىسىدىكى دەرۋازا ئارقىلىق شەھەردىن چىقىپ، ئىئوردان دەرياسى ۋادىسىغا قاراپ قاچتى.
8
بىراق بابىللىقلارنىڭ قوشۇنى پادىشاھ زىدقىيانى قوغلاپ، ئېرىخا تۈزلەڭلىكىدە يېتىشىۋالدى. ئۇنىڭ پۈتۈن قوشۇنى ئۇنى تاشلاپ تەرەپ-تەرەپكە پىتىراپ كەتتى.
9
بابىللىقلار زىدقىيا پادىشاھنى تۇتۇپ، ئۇنى خامات رايونىدىكى رىبلاھ شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. بابىل پادىشاھى شۇ يەردە ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقاردى.
10
بابىل پادىشاھى رىبلاھتا زىدقىيانىڭ ئوغۇللىرىنى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆلتۈردى. بابىل پادىشاھى يەنە يەھۇدىيەنىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرىنى ئۆلتۈردى.
11
ئاندىن ئۇ زىدقىيانىڭ كۆزىنى ئويۇۋېلىپ، ئۇنى تۇچ كىشەن بىلەن كىشەنلەپ، بابىلغا ئېلىپ كەتتى ۋە ئۇنى زىندانغا تاشلىدى. ئۇ تاكى ئۆلگۈچە شۇ يەردە تۇردى.
12
5-ئاينىڭ 10-كۈنى، يەنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 19-يىلى بابىل پادىشاھىنىڭ ئەمەلدارى، يەنى ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى نىبۇزارئادان يېرۇسالېمغا كەلدى.
13
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا، پادىشاھ ئوردىسىغا ۋە يېرۇسالېمدىكى بارلىق ئۆيلەرگە، بولۇپمۇ كاتتا زاتلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتتى.
14
ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى نىبۇزارئادان بىلەن كەلگەن بابىل لەشكەرلىرى يېرۇسالېمنىڭ پۈتۈن سېپىلىنى چېقىۋەتتى.
15
شەھەردە قالغان بىر قىسىم نامراتلار، بابىل پادىشاھىغا بۇرۇن تەسلىم بولغانلار، قېلىپ قالغان ھۈنەرۋەنلەر ۋە باشقا قېلىپ قالغانلارنى ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى نىبۇزارئادان يالاپ بابىلغا ئېلىپ كەتتى.
16
لېكىن ئۇ بىر قىسىم نامراتلارنى ئۈزۈمچىلىك ۋە دېھقانچىلىق قىلىشقا قالدۇردى.
17
بابىللىقلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىدىكى ئىككى تۇچ تۈۋرۈكنى، ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىدىكى تۇچ داسلار قويۇلغان تۇچ ھارۋىلارنى ۋە «دېڭىز» دەپ ئاتالغان تۇچ داڭقاننى بۇزۇپ، بابىلغا ئېلىپ كەتتى.
18
ئۇلار يەنە كۈل قاچىلىرى، گۈرجەكلەر، پىلىك قايچىلىرى، داسلار، ئىسرىق تەخسىلىرى ۋە ئىبادەتخانىدا ئىشلىتىلىدىغان باشقا تۇچ ئەسۋابلارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەتتى.
19
ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى يەنە بارلىق ئالتۇن ۋە كۈمۈش داسلارنى، چوغدانلارنى، قۇربانلىقنىڭ قېنىنى چاچىدىغان داسلارنى، كۈل قاچىلىرىنى، چىراغدانلارنى ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلەر ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان قاچا-قۇچىلارنى ئېلىپ كەتتى.
20
پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا سۇلايمان پادىشاھ ياساتقان ئىككى تۈۋرۈك، داڭقان، داڭقان ئاستىدىكى ئون ئىككى بۇقا ۋە ھارۋىلارغا ھەددى-ھېسابسىز تۇچ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئېغىرلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى.
21
ھەربىر تۇچ تۈۋرۈكنىڭ ئېگىزلىكى توققۇز مېتىر، ئايلانمىسى ئالتە مېتىر، قېلىنلىقى سەككىز سانتىمېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ئىچى بوش ئىدى.
22
تۈۋرۈكنىڭ بېشىدا تۇچتىن ياسالغان ئايرىم باش بولۇپ، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى ئىككى يېرىم مېتىر ئىدى. تۈۋرۈك بېشىنى ئوراپ تۇرىدىغان تورسىمان بېزەك ۋە ئانارلار بولۇپ، ھەممىسى تۇچتىن ياسالغانىدى. تۈۋرۈكنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە ئانار شەكىللىك بېزەك بار ئىدى.
23
تۈۋرۈك بېشىنى ئوراپ تۇرغان تورسىمان بېزەكتە جەمئىي يۈز دانە ئانار بولۇپ، ئۇلارنىڭ 96 دانىسىنى كۆرگىلى بولاتتى.
24
ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى نىبۇزارئادان باش روھانىي سىرايانى، مۇئاۋىن روھانىي زىفانىيانى، ئۈچ مۇھاپىزەتچى روھانىينى،
25
شەھەردە قېلىپ قالغان لەشكەرلەرنى نازارەت قىلىدىغان بىر ئەمەلدارنى، پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىلىرىدىن يەتتە ئادەمنى، ئاھالىلەرنى تىزىملايدىغان لەشكىرىي پۈتۈكچىنى ۋە شەھەردىن تېپىۋېلىنغان باشقا ئاتمىش پۇقرانى تۇتتى.
26
نىبۇزارئادان ئۇلارنى خامات رايونىدىكى رىبلاھتا تۇرۇۋاتقان بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى.
27
بابىل پادىشاھى ئۇلارنى رىبلاھتا ئۆلتۈردى. شۇنداق قىلىپ يەھۇدىيە خەلقى سۈرگۈن قىلىنىپ، ئۆز زېمىنىدىن ئايرىلدى.
28
نىبۇكادنەزەر ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 7-يىلى ئەسىرگە چۈشۈپ بابىلغا ئېلىپ بېرىلغان يەھۇدىيلارنىڭ سانى 3023 كىشى ئىدى.
29
ئاندىن نىبۇكادنەزەر ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 18-يىلى ئۇ يەنە 832 ئادەمنى سۈرگۈن قىلدى.
30
نىبۇكادنەزەر ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 23-يىلى ئۇ قاراۋۇللار باشلىقى نىبۇزارئاداننى ئەۋەتىپ، يەنە 745 ئادەمنى بابىلغا ئېلىپ كەلدى. شۇنداق قىلىپ، جەمئىي 4600 ئادەم ئەسىرگە ئېلىندى.
31
يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىن سۈرگۈندە يۈرگىنىگە 37 يىل بولغاندا، ئەۋىل-ماردۇق بابىل پادىشاھى بولۇپ، تەختكە چىقتى. شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۇ يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىنغا شەپقەت كۆرسىتىپ، ئۇنى زىنداندىن ئېلىپ چىقتى.
32
ئەۋىل-مىروداك ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى بابىلدا تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان باشقا پادىشاھلاردىن ئۈستۈن قىلدى.
33
يىھوياكىن مەھبۇسلۇق كىيىمىنى سېلىۋەتتى، ئۆمۈر بويى پادىشاھ بىلەن ھەمداستىخان بولدى.
34
ئۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش خىراجىتىنى بابىل پادىشاھى ئۈزۈلدۈرمەي تەمىنلەپ بەردى.
← Chapter 51
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 43
Chapter 44
Chapter 45
Chapter 46
Chapter 47
Chapter 48
Chapter 49
Chapter 50
Chapter 51
Chapter 52
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52