bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Judges 10
Judges 10
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 9
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 11 →
1
ئابىمەلەك ئۆلگەندىن كېيىن، ئىسساكار قەبىلىسىدىن بولغان پۇئاھنىڭ ئوغلى، دودونىڭ نەۋرىسى تولاھ ئىسرائىل خەلقىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇ ئەفرايىم تاغلىق رايونىنىڭ شامىر دېگەن يېرىدە ياشايتتى.
2
ئۇ ئىسرائىللارغا 23 يىل سەردار بولدى. ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن شامىرغا دەپنە قىلىندى.
3
تولاھ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، گىلئادلىق يائىر ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئىسرائىللارغا 22 يىل سەردار بولدى.
4
يائىرنىڭ 30 ئوغلى بولۇپ، ئۇلار 30 ئېشەككە مېنىپ يۈرەتتى. ئۇلارنىڭ ئىلكىدە 30 شەھەر بار بولۇپ، بۇ شەھەرلەر گىلئاد زېمىنىدا ئىدى. شۇنىڭدىن بېرى بۇ شەھەرلەر «يائىرنىڭ شەھەرلىرى» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.
5
يائىر ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، قامون شەھىرىدە دەپنە قىلىندى.
6
ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يەنە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. ئۇلار بائال ۋە ئاشتورەت دېگەن بۇتلارغا چوقۇندى. شۇنداقلا ئاررام، سىدون، موئاب، ئاممون ۋە فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇندى. ئۇلار پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىشتىن ۋاز كېچىپ، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈدى.
7
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا قەھر-غەزىپى تېشىپ، ئۇلارنى فىلىستىيەلىكلەر بىلەن ئاممونلارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى.
8
شۇنىڭدىن باشلاپ فىلىستىيەلىكلەر بىلەن ئاممونلار ئىسرائىللارنى ئېزىپ، زۇلۇم قىلىشقا باشلىدى. ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى ئامورلارنىڭ بۇرۇنقى زېمىنى بولغان گىلئاد زېمىنىدا ياشاۋاتقان ئىسرائىللار 18 يىل قاتتىق ئېزىلدى.
9
ئاممونلار ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، يەھۇدا، بىنيامىن ۋە ئەفرايىم قەبىلىسىگە ھۇجۇم قىلدى. ئىسرائىللار قاتتىق مۈشكۈلاتتا قالدى.
10
ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا: _ بىز سەن خۇدايىمىزدىن يۈز ئۆرۈپ، بائالغا چوقۇنۇپ، سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ ئۆتكۈزدۇق، _ دەپ نالە-پەرياد قىلدى.
11
پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا: _ مەن سىلەرنى مىسىرلىقلار، ئامورلار، ئاممونلار ۋە فىلىستىيەلىكلەردىن قۇتقۇزمىغانمۇ؟
12
سىدونلۇقلار، ئامالەكلەر ۋە مائونلار سىلەرنى ئەزگەن چاغدا، سىلەر ماڭا نالە قىلغىنىڭلاردا، سىلەرنى ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدۇم.
13
ئەمما سىلەر مەندىن يۈز ئۆرۈپ، يالغان ئىلاھلارغا چوقۇندۇڭلار، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەمدى مەن سىلەرنى قۇتقۇزمايمەن.
14
بېرىڭلار، ئۆزۈڭلار تاللىۋالغان ئىلاھلىرىڭلارغا يېلىنىڭلار! مۈشكۈلاتتا قالغىنىڭلاردا ئۇلار سىلەرنى قۇتقۇزسۇن، _ دېدى.
15
ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا يەنە يېلىنىپ: _ بىز گۇناھ ئۆتكۈزدۇق، بىزنى نېمە قىلىشنى خالىساڭ، شۇنداق قىلغايسەن، لېكىن بىزنى بۈگۈن قۇتقۇزغايسەن، _ دېدى.
16
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يات ئىلاھلىرىنى تاشلاپ، پەرۋەردىگارغا يەنە خىزمەت قىلدى. پەرۋەردىگار ئاخىرى ئىسرائىللارنىڭ زۇلۇم تارتىشىغا قاراپ تۇرالمىدى.
17
ئاممونلار يېتىپ كېلىپ، گىلئاد زېمىنىدا بارگاھ قۇردى. ئىسرائىللارمۇ توپلىشىپ، مىزپاھ شەھىرىدە بارگاھ قۇردى.
18
گىلئادلىق ئاقساقاللار بىر-بىرىگە: _ كىم ئاۋۋال ئاممونلارغا ھۇجۇم قىلسا، ئۇ بىز گىلئادلىقلارنىڭ باشلىقى بولىدۇ، _ دېيىشتى.
← Chapter 9
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 11 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21