bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Judges 17
Judges 17
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 16
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 18 →
1
ئەفرايىم تاغلىق رايونىدا مىكاھ ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى.
2
ئۇ ئانىسىغا: _ مەن 1100 كۈمۈش تەڭگىنى ئوغرىلىۋالغان كىشىنى قارغىغانلىقىڭىزنى ئاڭلىدىم. قارا، بۇ پۇللار مېنىڭ يېنىمدا، پۇللارنى مەن سىزدىن ئوغرىلىۋالغانىدىم، _ دېدى. ئانىسى ئۇنىڭغا: _ ئوغلۇم، ئىقرار بولغانلىقىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ساڭا بەخت ئاتا قىلغاي! _ دېدى.
3
شۇنىڭ بىلەن 1100 كۈمۈش تەڭگىنى ئانىسىغا قايتۇرۇپ بەردى. مىكاھنىڭ ئانىسى: _ مەن بۇ كۈمۈشلەرنى چىن دىلىمدىن ئوغلۇم ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا ئاتىدىم، بۇنىڭدىن ساڭا بىر ئويما ۋە بىر قۇيما بۇت ياسىتىپ بېرەي، _ دېدى.
4
مىكاھ كۈمۈشلەرنى ئانىسىغا قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئانىسى 200 كۈمۈش تەڭگىنى ئايرىپ، قۇيمىچىغا بىر ئويما ۋە بىر قۇيما بۇت ياسىتىپ، ئۇلارنى مىكاھنىڭ ئۆيىگە قويۇپ قويدى.
5
شۇنىڭ بىلەن مىكاھنىڭ بىر بۇتخانىسى بار بولدى. مىكاھ يەنە روھانىيلىق پەرتۇقى ۋە كىچىك بۇتلارنى ياسىتىپ، ئوغۇللىرىنىڭ بىرسىنى روھانىي قىلىپ تەيىنلىدى.
6
ئۇ زامانلاردا ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى يوق ئىدى. ھەركىم ئۆزى توغرا دەپ قارىغان ئىشنى قىلاتتى.
7
يەھۇدا زېمىنىدىكى بەيتلەھەمدە لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان بىر ياش يىگىت يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ياشايتتى.
8
ئۇ يىگىت باشقا ماكان تېپىش ئۈچۈن بەيتلەھەمدىن ئايرىلىپ، ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى مىكاھنىڭ ئۆيىگە كېلىپ قالدى.
9
مىكاھ ئۇنىڭدىن: _ سەن قەيەردىن كەلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى. _ مەن يەھۇدا زېمىنىدىكى بەيتلەھەمدىن كەلدىم، لاۋىي قەبىلىسىدىن بولىمەن. ياشاش ئۈچۈن ماكان ئىزدەپ يۈرىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ يىگىت.
10
مىكاھ ئۇنىڭغا: _ سەن مەن بىلەن بىللە تۇرۇپ، ماڭا ئۇستاز ۋە روھانىي بولغىن. مەن ساڭا يىلدا 10 كۈمۈش تەڭگە بېرەي، كىيىم-كېچىكىڭ ۋە يېمەك-ئىچمىكىڭ مەندىن بولسۇن، _ دېدى.
11
ياش لاۋىي ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرۇشقا ماقۇل بولۇپ، مىكاھنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ قالدى. مىكاھ ئۇنى ئۆز ئوغلىدەك كۆرۈپ، روھانىي قىلىپ تەيىنلىدى.
13
مىكاھ: _ بىلىپ يەتتىمكى، پەرۋەردىگار ئەمدى ئىشلىرىمغا بەرىكەت بېرىدۇ، چۈنكى مەن لاۋىيلاردىن بىرىنى ئۆزۈمگە روھانىي قىلدىم، _ دېدى.
← Chapter 16
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 18 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21