bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Judges 13
Judges 13
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 12
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 14 →
1
ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يەنە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى 40 يىلغىچە فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى.
2
شۇ چاغدا زورئاھ شەھىرىدە دان قەبىلىسىدىن بولغان مانوۋاخ ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئايالى تۇغماس بولۇپ، پەرزەنتى يوق ئىدى.
3
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭ ئايالىغا كۆرۈنۈپ، مۇنداق دېدى: _ قارا، سەن ھازىرغىچە پەرزەنت يۈزى كۆرەلمىگەنىدىڭ، ئەمما كۆپ ئۆتمەي ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغىسەن.
4
بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلغىن، مەي ياكى شاراب ئىچمىگىن. ناپاك نەرسىلەرنى يېمىگىن.
5
گېپىمنى ئاڭلا، سەن چوقۇم ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغىسەن. ئۇ بېشىغا ئۇستىرا تەگكۈزمىسۇن، بۇ ئوغۇل قورساقتىكى ۋاقتىدىن باشلاپلا پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلانغاندۇر. ئۇ ئىسرائىللارنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇشنى باشلىغۇچىدۇر.
6
ئايال ئېرىنىڭ يېنىغا كېلىپ: _ خۇدانىڭ ئەۋەتكەن ئادىمى يېنىمغا كەلدى، ئۇنىڭ تۇرقى خۇدانىڭ پەرىشتىسىگە ئوخشاش ئادەمنى بەك ھېيىقتۇرىدىكەن. مەن ئۇنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى سورىمىدىم، ئۇمۇ ماڭا ئۆز ئىسمىنى ئېيتىپ بەرمىدى.
7
ئەمما ئۇ ماڭا: «سەن چوقۇم ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغىسەن. ئەمدى مەي ياكى شاراب ئىچمىگىن. ھارام نەرسىلەرنى يېمىگىن. بۇ ئوغۇل قورساقتىكى ۋاقتىدىن باشلاپ ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلانغان بولىدۇ.» دېدى، _ دېدى.
8
مانوۋاخ پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىپ: _ ئەي ئىگەم، سەن ئەۋەتكەن شۇ ئادەمنى يەنە بىر قېتىم ئەۋەتكەيسەن. ئۇ بىزگە تۇغۇلغان بالىنى قانداق تەربىيەلەيدىغانلىقىمىز ھەققىدە تەلىم بەرسۇن، _ دېدى.
9
خۇدا مانوۋاخنىڭ ئىلتىجاسىنى ئاڭلىدى. ئۇنىڭ ئايالى ئېتىزدا ئارام ئېلىپ ئولتۇرغاندا، خۇدانىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭ يېنىغا يەنە كەلدى. بۇ چاغدا مانوۋاخ ئۇنىڭ يېنىدا ئەمەس ئىدى.
10
ئايالى ئالدىراپ ئېرىنىڭ يېنىغا كېلىپ: _ ئالدىنقى كۈنى ماڭا كۆرۈنگەن ئادەم يەنە كەلدى، _ دېدى.
11
مانوۋاخ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئايالىغا ئەگىشىپ، ئۇ ئادەمنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە ئۇنىڭدىن: _ ئالدىنقى قېتىم ئايالىمغا گەپ قىلغان سىزمۇ؟ _ دەپ سورىدى. ئۇ ئادەم: _ شۇنداق، مەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.
12
مانوۋاخ ئۇنىڭدىن يەنە: _ سىزنىڭ سۆزلىرىڭىز ئەمەلگە ئاشقاندىن كېيىن، بالا قانداق تەربىيەلىنىشى كېرەك؟ ئۇنىڭ ۋەزىپىسى نېمە؟ _ دەپ سورىدى.
13
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى مانوۋاخقا: _ ئايالىڭ مېنىڭ ئېيتقانلىرىمنى ئېسىدە چىڭ ساقلىسۇن.
14
ئۇ ئۈزۈمدىن ئىشلەنگەن ھەرقانداق نەرسىنى يېمىسۇن، مەي ياكى شاراب ئىچمىسۇن، ناپاك نەرسىلەرنى يېمىسۇن. ئۇ مېنىڭ بۇيرۇقلىرىمغا چوقۇم ئەمەل قىلسۇن، _ دېدى.
15
مانوۋاخ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىگە: _ سىزگە ئاتاپ بىر ئوغلاق سوياي، پىشقۇچە بىردەم ئولتۇرۇپ تۇرغايسىز، _ دېدى.
16
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى مانوۋاخقا: _ بىردەم ئولتۇرۇپ تۇرغىنىم بىلەنمۇ، بەرىبىر يېمەكلىكىڭنى يېمەيمەن. ئەمما سەن بىر كۆيدۈرمە قۇربانلىق تەييارلاپ، ئۇنى پەرۋەردىگارغا سۇنغىن، _ دېدى. (مانوۋاخ ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى.)
17
مانوۋاخ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىگە: _ ئىسمىڭىزنى ماڭا ئېيتىپ بەرگەيسىز. دېگەنلىرىڭىز ئەمەلگە ئاشقاندا، نام-شەرىپىڭىزنى ئۇلۇغلايمىز، _ دېدى.
18
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى مانوۋاخقا: _ ئىسمىمنى سوراپ نېمە قىلىسەن؟ ئىسمىمنى چۈشىنىشكە سېنىڭ ئەقلىڭ يەتمەيدۇ، _ دېدى.
19
شۇنىڭ بىلەن مانوۋاخ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئوغلاق بىلەن ئاشلىق ھەدىيەسىنى قۇربانلىق سۇپىسى ئورنىدا ئىشلىتىلگەن بىر قورام تاش ئۈستىگە قويۇپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى. پەرۋەردىگار مانوۋاخ بىلەن ئۇنىڭ ئايالىنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆز مۆجىزىسىنى كۆرسەتتى.
20
قورام تاش ئۈستىدە ئوت لاۋۇلداپ كۆيۈشكە باشلىغاندا، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يالقۇن ئىچىدە ئۇچقاندەك ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. بۇنى كۆرۈپ مانوۋاخ بىلەن ئۇنىڭ ئايالى باشلىرىنى يەرگە قويۇشۇپ سەجدە قىلىشتى.
21
شۇنىڭدىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى مانوۋاخ بىلەن ئۇنىڭ ئايالىغا قايتا كۆرۈنمىدى. بۇ ئىشلارنى كۆرگەن مانوۋاخ ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ،
22
ئايالىغا: _ بىز ئۆلىدىغان بولدۇق، چۈنكى بىز خۇدانى كۆردۇق، _ دېدى.
23
ئەمما ئايالى ئۇنىڭغا: _ پەرۋەردىگارنىڭ بىزنى ئۆلتۈرگۈسى بولسا، بىزنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقىمىز ۋە ئاشلىق ھەدىيەيىمىزنى قوبۇل قىلمىغان، بىزگە بۇ كارامەتلەرنى كۆرسەتمىگەن ۋە بۇ ئاجايىپ ئىشلاردىن خەۋەر بەرمىگەن بولاتتى، _ دېدى.
24
كېيىن مانوۋاخنىڭ ئايالى بىر ئوغۇل تۇغدى ھەمدە ئۇنىڭغا شىمشون دەپ ئىسىم قويدى. بۇ ئوغۇل چوڭ بولغاندا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بەخت ئاتا قىلدى.
25
شىمشون زورئاھ ۋە ئەشتائول شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دان قەبىلىسىنىڭ قارارگاھىدا تۇرغاندا، پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنى يېتەكلەشكە باشلىدى.
← Chapter 12
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 14 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21