bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Judges 21
Judges 21
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 20
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
1
بۇرۇن ئىسرائىللار مىزپاھتا قەسەم ئىچىپ: «ئارىمىزدىن ھېچكىم قىزلىرىنى بىنيامىنلارغا خوتۇنلۇققا بەرمىسۇن» دېيىشكەنىدى.
2
ئىسرائىل خەلقى بەيتەلگە كېلىپ، خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا كەچكىچە ئولتۇرۇپ، ئۈن سېلىپ ھۆڭرەپ يىغلاشتى.
3
ئۇلار: _ ئى پەرۋەردىگار، ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا! نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئىش يۈز بېرىدۇ؟ ئىسرائىللارنىڭ بىر قەبىلىسى ئازىيىپ كەتتىغۇ! _ دېيىشتى.
4
ئەتىسى خەلق سەھەر تۇرۇپ، شۇ يەردە بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى قىلىشتى.
5
ئىسرائىللار: _ بىز مىزپاھتا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا يىغىلغان ۋاقتىمىزدا ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىن كىملەر كەلمىدى؟ _ دېيىشتى. بۇرۇن ئۇلار مىزپاھتا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا كەلمىگەنلەر توغرىسىدا قاتتىق قەسەم ئىچىپ: «بۇ يەرگە كەلمىگەنلەرنى چوقۇم ئۆلتۈرىمىز» دېيىشكەنىدى.
6
ئىسرائىللار قېرىنداشلىرى بولغان بىنيامىنلار توغرىسىدا قايغۇرۇپ: _ بۈگۈن ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ ئىچىدىكى بىر قەبىلىنىڭ ئادەملىرى ئازىيىپ كەتتى.
7
بىز بۇرۇن پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئۇلارغا قىزلىرىمىزنى خوتۇنلۇققا بەرمەيمىز، دەپ قەسەم ئىچىشكەنىدۇق. ئەمدى ئۇلاردىن ھايات قالغانلىرىنىڭ خوتۇن ئېلىش ئىشىنى قانداق ھەل قىلىشىمىز كېرەك؟ _ دېيىشتى.
8
ئىسرائىللار يەنە: _ ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىن كىملەر پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا جەم بولۇش ئۈچۈن مىزپاھقا كەلمىدى؟ _ دەپ سوراشتى. ئۇلار ئادەملەرنى ساناش ئارقىلىق گىلئادتىكى يابېش شەھىرىدىن ھېچكىمنىڭ يىغىلىشقا كەلمىگەنلىكىنى بىلىشتى.
10
ئۇلار جەم بولغانلار ئىچىدىن 12,000 پالۋاننى تاللاپ ئۇلارغا: _ سىلەر گىلئادتىكى يابېش شەھىرىگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ خوتۇن، بالا-چاقىلىرىنىمۇ قويماي قىلىچ بىلەن قىرىپ تاشلاڭلار.
11
سىلەر يەنە بارلىق ئەرلەرنى ۋە ئەرلەر بىلەن بىللە بولغان ئاياللارنىڭ ھەممىسىنى قىرىپ تاشلاڭلار، _ دەپ جېكىلىدى.
12
ئىسرائىللار گىلئادتىكى يابېشلىقلار ئىچىدىن ئەرلەرگە يېقىن كەلمىگەن ئىپپەتلىك 400 قىزنى تېپىپ، ئۇلارنى كەنئان زېمىنىنىڭ شىلو شەھىرىدىكى بارگاھقا ئېلىپ كەلدى.
13
قايتا جەم بولغان ئىسرائىللار رىممون قىيا تېشىنىڭ يېنىدىكى بىنيامىنلارغا خەۋەر ئەۋەتىپ، ئۇلار بىلەن يارىشىپ قالماقچى بولغانلىقىنى ئېيتتى.
14
شۇنىڭ بىلەن بىنيامىنلار قايتىپ كەلدى. ئىسرائىللار گىلئادتىكى يابېش شەھىرىدىن ئۆلتۈرمەي ئېلىپ كەلگەن 400 قىزنى ئۇلارغا خوتۇنلۇققا بەردى، ئەمما ئۇلارغا بۇ قىزلار يېتىشمىدى.
15
شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك بىنيامىنلار ئۈچۈن يەنە قايغۇرۇشتى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىن بىرىنىڭ سانىنى ئازايتىۋەتكەنىدى.
16
يىغىلىشتا ئاقساقاللار: _ بىنيامىنلارنىڭ خوتۇن-قىزلىرىنىڭ ھەممىسىنى يوقاتتۇق، ھايات قالغان ئەرلەرگە قەيەردىن خوتۇن تېپىپ بېرىمىز؟ _ دېيىشتى.
17
ئۇلار يەنە: _ ھايات قالغان بىنيامىنلار ئەۋلاد قالدۇرۇشى كېرەك، شۇندىلا ئىسرائىللارنىڭ بىنيامىن قەبىلىسى يوقىلىپ كەتمەيدۇ.
18
ئەمما بىز ئۇلارغا ئۆز قىزلىرىمىزنى خوتۇنلۇققا بېرەلمەيمىز، چۈنكى بىز قەسەم ئىچىپ: «بىنيامىنلارغا قىزلىرىنى خوتۇنلۇققا بەرگەنلەر قارغىشقا قالسۇن» دېيىشكەنىدۇق.
19
مانا، پەرۋەردىگار ئۈچۈن يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان ھېيتمۇ كېلىپ قالدى. بىز بۇ ھېيتنى بەيتەلنىڭ شىمالىغا، بەيتەلدىن شەكەمگىچە سوزۇلغان يولنىڭ شەرقىگە ۋە لىبونانىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان شىلو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈمىز، _ دېيىشتى.
20
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىنيامىنلارغا: _ سىلەر ئۈزۈمزارلىققا بېرىپ، مۆكۈپ تۇرۇڭلار.
21
شىلو قىزلىرى ئۇسسۇل ئوينىغىلى كەلگەندە، ھەربىرىڭلار بىردىن خوتۇنلۇققا تۇتۇپ، بىنيامىن زېمىنىغا ئېلىپ كېتىڭلار.
22
ئۇلارنىڭ ئاتىسى ياكى قېرىنداشلىرى كېلىپ بىزگە دەۋا قىلسا، بىز ئۇلارغا: «بىزنىڭ يۈزىمىزنى قىلىپ، بىنيامىنلارغا ئىلتىپات قىلىڭلار. چۈنكى بىز يابېشتىكى جەڭدە ئۇلارغا يەتكۈدەك قىز تاپالمىدۇق. سىلەر قىزىڭلارنى ئۇلارغا ئۆز ئىختىيارىڭلار بىلەن بەرمىدىڭلار، شۇڭا سىلەر گۇناھسىز» دەيمىز، _ دېيىشتى.
23
شۇنىڭ بىلەن بىنيامىنلار ئۇلارنىڭ دېگىنىدەك، ئۆزلىرىگە يەتكۈدەك ئۇسسۇلچى قىزلارنى خوتۇنلۇققا تۇتۇپ ئېلىپ كەتتى. كېيىن ئۇلار يۇرتلىرىغا قايتىپ، ئۆز شەھەرلىرىنى باشقىدىن قۇرۇپ، شۇ يەرلەردە ياشاپ قالدى.
24
شۇنداق قىلىپ ئىسرائىللار تارقىلىپ، ھەممىسى ئۆز قەبىلىسى، ئۆز جەمەتى ۋە ئۆزلىرىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىنغا قايتىشتى.
25
ئۇ زامانلاردا ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى يوق ئىدى. ھەركىم ئۆزى توغرا دەپ قارىغان ئىشنى قىلاتتى.
← Chapter 20
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21