bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Judges 15
Judges 15
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 14
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 16 →
1
بىر مەزگىلدىن كېيىن بۇغداي ئورۇش پەسلى كەلگەندە، شىمشون ئوغلاقتىن بىرنى ئېلىپ ئايالىنى يوقلاپ كەلدى. شىمشون: _ مەن ئايالىمنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىمەن، _ دېدى. بىراق قېيىنئاتىسى ئۇنى كىرگۈزمىدى.
2
قېيىنئاتىسى ئۇنىڭغا: _ مەن تېخى سېنى ئۇنىڭغا بەك ئۆچ بولۇپ كەتتى دەپ ئويلاپ، ئۇنى سېنىڭ قولدىشىڭغا بېرىۋەتكەن. ئۇنىڭ سىڭلىسى ئۇنىڭدىنمۇ چىرايلىق، ئايالىڭنىڭ ئورنىغا سىڭلىسىنى ئالغىن، _ دېدى.
3
شىمشون ئۇلارغا: _ بۇ قېتىم مەن فىلىستىيەلىكلەرگە زىيان يەتكۈزسەم مەندىن كۆرمەڭلار، _ دېدى.
4
شۇنىڭ بىلەن شىمشون بېرىپ ئۈچ يۈز تۈلكە تۇتۇپ كەلدى. ئۇ مەشئەل تەييارلاپ، تۈلكىلەرنى جۈپ-جۈپ قىلىپ قۇيرۇقلىرىنى بىر-بىرىگە چېتىپ، چېتىلغان جايلارغا بىردىن مەشئەل قىستۇردى.
5
ئۇ مەشئەلگە ئوت تۇتاشتۇرۇپ، تۈلكىلەرنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بۇغدايلىقىغا قويۇۋەتتى. شۇنداق قىلىپ ئورۇلۇپ بولۇنغان ۋە تېخى ئورۇلمىغان بۇغدايلىققا ئوت كەتتى. يەنە ئۇلارنىڭ ئۈزۈمزارلىقى ۋە زەيتۇنلۇق باغلىرىمۇ كۆيۈپ كەتتى.
6
فىلىستىيەلىكلەر: _ بۇنى كىم قىلدى؟ _ دەپ سوراشتى. _ بۇنى تىمناھلىقلارنىڭ كۈيۈئوغلى شىمشون قىلدى. چۈنكى قېيىنئاتىسى قىزىنى شىمشوننىڭ قولدىشىغا بېرىۋەتكەنىكەن، _ دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن فىلىستىيەلىكلەر قوزغىلىپ، شىمشوننىڭ ئايالى ۋە قېيىنئاتىسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى.
7
شىمشون فىلىستىيەلىكلەرگە: _ مەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇ قىلغىنىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن چوقۇم قىساس ئالمىغۇچە بولدى قىلمايمەن، _ دېدى.
8
شىمشون ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى قاتتىق يارىلاندۇردى ۋە مەغلۇپ قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن شىمشون ئېتام دېگەن بىر قىيا تاشلىقتىكى ئۆڭكۈرگە كىرىپ، شۇ يەردە ياشاشقا باشلىدى.
9
فىلىستىيەلىكلەر يەھۇدا زېمىنىغا كېلىپ بارگاھ قۇردى ۋە لەخى دېگەن جايغا تارقالدى.
10
يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر: _ سىلەر نېمە ئۈچۈن بىزگە ھۇجۇم قىلىسىلەر؟ _ دەپ سورىدى. ئۇلار: _ بىز شىمشوننى باغلاپ ئېلىپ كېتىمىز، ئۇ بىزگە قانداق قىلغان بولسا، بىزمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىمىز، _ دېيىشتى.
11
شۇنىڭ بىلەن يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئۈچ مىڭ ئادەم ئېتام دېگەن قىيا تاشلىقتىكى ئۆڭكۈرگە كېلىپ، شىمشونغا مۇنداق دېدى: _ فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بىزگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەمسەن؟ سەن نېمە ئۈچۈن بىزگە ئىش تېپىپ بېرىسەن؟ شىمشون ئۇلارغا: _ ئۇلار ماڭا قانداق قىلغان بولسا، مەنمۇ ئۇلارغا شۇنداق قىلدىم، _ دېدى.
12
يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭغا: _ بىز سېنى باغلاپ فىلىستىيەلىكلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن كەلدۇق، _ دېدى. شىمشون ئۇلارغا: _ سىلەر مېنى ئۆلتۈرمەسلىككە قەسەم قىلىڭلار، _ دېدى.
13
ئۇلار: _ ماقۇل، بىز پەقەت سېنى باغلاپ، فىلىستىيەلىكلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىمىز. سېنى ھەرگىز ئۆلتۈرمەيمىز، _ دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككى يېڭى ئارغامچا بىلەن شىمشوننى باغلاپ، ئۆڭكۈردىن ئېلىپ چىقتى.
14
شىمشون لەخى دېگەن جايغا ئېلىپ كېلىندى. فىلىستىيەلىكلەر چۇقان-سۈرەن سېلىشىپ تەنتەنە قىلىشتى. شىمشونغا تۇيۇقسىز پەرۋەردىگارنىڭ روھى چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ مۈرە-بىلەكلىرىگە باغلانغان ئارغامچىلار خۇددى ئوتقا چۈشكەن زىغىر يىپتەك ئۈزۈلۈپ كەتتى.
15
يەردىن ئۇ ئۆلگىلى ئۇزۇن بولمىغان ئېشەكنىڭ جاغ سۆڭىكىنى ئېلىپ، مىڭ فىلىستىيەلىكنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى.
16
شىمشون مۇنداق دېدى: «ئېشەكنىڭ جاغ سۆڭىكىدە ئۆلتۈرۈلگەنلەر دۆۋىلىنىپ كەتتى. ئېشەكنىڭ جاغ سۆڭىكى بىلەن قولۇمدا ئۆلگەنلەر مىڭغا يەتتى.»
17
ئۇ سۆزىنى تۈگىتىپ، قولىدىكى سۆڭەكنى تاشلىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ جاي رامات-لەخى [مەنىسى «جاغ سۆڭىكى تۆپىلىكى»] دەپ ئاتالدى.
18
شىمشون بەك ئۇسساپ كېتىپ، پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىپ مۇنداق دېدى: _ سەن خىزمەتكارىڭ ئارقىلىق شۇنداق ئۇلۇغ قۇتقۇزۇشنى باشلىغان ئىكەنسەن، مېنىڭ ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلۈپ، تېنىمنىڭ خەتنىسىزلەرنىڭ قولىدا قېلىشىنى خالامسەن؟
19
خۇدا لەخى دېگەن جايدا يەرنى يېرىپ، سۇ چىقاردى. سۇ يەردىن ئېتىلىپ چىقتى. شىمشون سۇدىن ئىچتى ۋە كۈچ-قۇۋۋىتى ئەسلىگە كەلدى. شۇڭا بۇ بۇلاقنىڭ ئىسمى ئېن-ھاققورە [مەنىسى «ئىلتىجا قىلغۇچى بۇلىقى»] دەپ ئاتالدى. بۇ بۇلاق تېخىچە لەخى دېگەن جايدا بار.
20
فىلىستىيەلىكلەر ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان دەۋردە، شىمشون ئىسرائىل خەلقىگە يىگىرمە يىل سەردار بولدى.
← Chapter 14
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 16 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21