bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Judges 12
Judges 12
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 11
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 13 →
1
ئەفرايىم قەبىلىسى قوشۇن توپلاپ، ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، زافون شەھىرىگە كەلدى. ئۇلار يىفتاھقا: _ سەن نېمە ئۈچۈن ئاممونلار بىلەن ئۇرۇش قىلغان چاغدا بىزنى چاقىرىۋالمىدىڭ؟ بىز ئۆيۈڭنى سەن بىلەن قوشۇپ كۆيدۈرۈۋېتىمىز! _ دېدى.
2
يىفتاھ جاۋابەن مۇنداق دېدى: _ مەن خەلقىم بىلەن بىرلىكتە ئاممونلار بىلەن قاتتىق ئۇرۇش قىلغاندا سىلەرنى شۇنچە چاقىرساممۇ، لېكىن سىلەر بىزنى ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇۋالمىدىڭلار.
3
سىلەرنىڭ ياردەمگە كەلمەيدىغانلىقىڭلارنى ھېس قىلغاندىن كېيىن، مەن ئۇلار بىلەن جان تىكىپ جەڭ قىلدىم. پەرۋەردىگار ئۇلارنى مېنىڭ قولۇمغا چۈشۈرۈپ بەردى. ئەمدى سىلەر نېمىشقا بۈگۈن مەن بىلەن جەڭ قىلماقچى بولىسىلەر؟
4
ئەفرايىم قەبىلىسىدىكىلەر مۇنداق دېيىشتى: _ سىلەر گىلئادلىقلار پەقەت ئەفرايىم ۋە ماناسسە زېمىنلىرىدا ياشاۋاتقان ئەفرايىملىق قاچقۇنسىلەر! شۇنىڭ بىلەن يىفتاھ بارلىق گىلئادلىقلارنى يىغىپ، ئەفرايىم قوشۇنىغا قارشى ئاتلاندى ۋە ئۇرۇش قىلىپ، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدى.
5
گىلئادلىقلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكىنى ئىگىلىۋېلىپ، ئەفرايىم قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۆز زېمىنىغا قايتىشىدا دەريادىن ھېچكىمنى ئۆتكۈزمىدى. ھەرقانداق بىرسى كېچىكتىن ئۆتمەكچى بولسا، گىلئادلىقلار ئۇنىڭدىن: «سەن ئەفرايىم قەبىلىسىدىنمۇ؟» دەپ سورايتتى. ئەگەر ئۇ كىشى «ياق، ئەمەس» دەپ جاۋاب بەرسە،
6
گىلئادلىقلار يەنە: «ئۇنداقتا ‹شىببولەت› دەپ باق» دەيتتى. ئەگەر ئۇ كىشى ئەفرايىم قەبىلىسىدىن بولسا، «سىببولەت» دەپ تەلەپپۇز قىلاتتى. چۈنكى ئەفرايىملار بۇ سۆزنى توغرا تەلەپپۇز قىلالمايتتى. شۇنىڭ بىلەن گىلئادلىقلار ئۇنى تۇتۇپ، ئىئوردان دەرياسى كېچىكىدە ئۆلتۈرۈۋېتەتتى. شۇنداق قىلىپ ئەفرايىم قەبىلىسىدىن 42 مىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈلدى.
7
يىفتاھ ئىسرائىل خەلقىگە ئالتە يىل سەردار بولدى. ئۇ ۋاپات بولغان چاغدا، گىلئاد زېمىنىدىكى شەھەرلەرنىڭ بىرىگە دەپنە قىلىندى.
8
يىفتاھ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، بەيتلەھەملىك ئىبزان ئىسرائىل خەلقىگە سەردار بولدى.
9
ئۇنىڭ 30 ئوغلى، 30 قىزى بار ئىدى. قىزلىرىنى باشقا جەمەتلەرگە ياتلىق قىلدى. ئوغۇللىرىغا باشقا جەمەتلەردىن قىز ئېلىپ بەردى. ئىبزان ئىسرائىللارغا يەتتە يىل سەردار بولدى.
10
ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، بەيتلەھەمدە دەپنە قىلىندى.
11
ئىبزاندىن كېيىن زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن بولغان ئېلون ئىسرائىللارغا ئون يىل سەردار بولدى.
12
ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، زەبۇلۇن زېمىنىدىكى ئاييالون شەھىرىدە دەپنە قىلىندى.
13
ئېلوندىن كېيىن پىرئاتون شەھىرىلىك ھىللېلنىڭ ئوغلى ئابدون ئىسرائىللارغا سەردار بولدى.
14
ئۇنىڭ 40 ئوغلى، 30 ئوغۇل نەۋرىسى بار ئىدى، ئۇلار 70 ئېشەككە مىنىپ يۈرۈشەتتى. ئۇ ئىسرائىللارغا سەككىز يىل سەردار بولدى.
15
ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئەفرايىم زېمىنىدىكى ئامالەكلەرنىڭ تاغلىق رايونىغا جايلاشقان پىرئاتون شەھىرىدە دەپنە قىلىندى.
← Chapter 11
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 13 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21