bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Judges 14
Judges 14
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 13
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 15 →
1
شىمشون تىمناھ شەھىرىگە بېرىپ، بۇ شەھەردە فىلىستىيەلىك بىر قىزنى كۆرۈپ قالدى.
2
ئۇ قايتىپ كېلىپ ئاتا-ئانىسىغا: _ تىمناھ شەھىرىدە فىلىستىيەلىك بىر قىزغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. ئۇنىڭ بىلەن توي قىلاي دەيمەن، ئۇنى ماڭا ئېلىپ بېرىڭلار، _ دېدى.
3
ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا: _ تۇغقانلار ياكى ئۆز خەلقىمىز ئارىسىدا قىزلار قالمىدىمۇ؟ ئاشۇ خەتنىسىز فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قىزىنى ئالماقچىمۇ سەن؟ _ دېدى. ئەمما شىمشون ئاتىسىغا: _ ئۇ قىزنى ماڭا ئېلىپ بېرىسەن! ئۇ قىز ماڭا يېقىپ قالدى، _ دېدى.
4
شىمشوننىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ ئىشنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولۇۋاتقانلىقىنى، پەرۋەردىگارنىڭ فىلىستىيەلىكلەرگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى. چۈنكى بۇ چاغلاردا فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللارغا ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى.
5
كېيىن شىمشون ئاتا-ئانىسى بىلەن تىمناھ شەھىرىگە كېلىپ، ئۇ يەردىكى بىر ئۈزۈمزارلىققا باردى. ئۇ يەردە تۇيۇقسىز بىر شىر ھۆركىرىگىنىچە شىمشونغا ئېتىلىپ كەلدى.
6
شىمشونغا تۇيۇقسىز پەرۋەردىگارنىڭ روھى چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن شىمشون قولى بىلەن شىرنى ئوغلاقنى پارچىلىغاندەك پارچىلاپ تاشلىدى. ئەمما ئۇ بۇ ئىشنى ئاتا-ئانىسىغا تىنمىدى.
7
كېيىن شىمشون ھېلىقى قىزنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۆزىنىڭ ئۇنى ياقتۇرۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.
8
كۆپ ئۆتمەي، شىمشون قىزنى ئەمرىگە ئېلىش ئۈچۈن ئۇ يەرگە يەنە باردى. ئۇ كېتىۋېتىپ، ئۆزى بۇرۇن ئۆلتۈرگەن شىرنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن يولىدىن ئايرىلىپ، ئۇ يەرگە باردى. قارىسا، ئۆلۈك شىرنىڭ ئىچىگە بىر توپ ھەسەل ھەرىسى ئولىشىۋالغان بولۇپ، تېنىنىڭ ئىچىگە ھەسەل توپلىنىپ قالغانىكەن.
9
ئۇ ھەسەلدىن قولىغا ئازراق ئېلىپ، يولدا يېگەچ ماڭدى ۋە ئېلىپ بېرىپ ئاتا-ئانىسىغىمۇ بەردى. ئاتا-ئانىسىمۇ ئۇ بەرگەن ھەسەلنى يېدى. ئەمما ئۇ بۇ ھەسەللەرنى ئۆزى ئۆلتۈرگەن شىرنىڭ تېنىدىن ئالغانلىقىنى ئۇلارغا ئېيتمىدى.
10
شىمشوننىڭ ئاتىسى بېرىپ، قىز تەرەپ بىلەن كۆرۈشتى. شىمشون شۇ يەردىكى يىگىتلەرنىڭ ئادىتى بويىچە تويغا تەييارلىق قىلدى.
11
تويدا كۆپچىلىك شىمشون بىلەن كۆرۈشۈپ، 30 يىگىتنى ئۇنىڭغا تويدا ھەمراھ بولۇشقا قوشۇپ قويدى.
12
شىمشون ئۇلارغا: _ مەن سىلەردىن بىر تېپىشماق سوراي. توي بولىدىغان يەتتە كۈن ئىچىدە سىلەر بۇ تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى تاپالىساڭلار، مەن سىلەرگە ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىلگەن 30 قۇر ئىچ كىيىم ۋە 30 قۇر تون بېرىمەن.
13
ئەگەر تاپالمىساڭلار، ئۇ چاغدا سىلەر ماڭا ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىلگەن 30 قۇر ئىچ كىيىم بىلەن 30 قۇر تون بېرىسىلەر، _ دېدى. ئۇلار: _ قېنى ئەمىسە، تېپىشمىقىڭنى ئېيتقىن، ئاڭلاپ باقايلى، _ دېيىشتى.
14
شىمشون ئۇلارغا: _ يېمەكلىك چىقار يېگۈچىدىن، تاتلىق چىقار كۈچلۈكتىن، _ دېدى. ئۇلار ئۈچ كۈنگىچە ئويلىنىپ، تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى تاپالمىدى.
15
تۆتىنچى كۈنىگە كەلگەندە، ئۇلار شىمشوننىڭ ئايالىغا: _ سەن ئېرىڭنى ئالداپ-سالداپ، بىزگە تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى ئۇقۇپ بەر! ئۇنداق قىلمىساڭ، سېنى ئاتاڭنىڭ ئۆيى بىلەن قوشۇپ كۆيدۈرۈۋېتىمىز. ئەجەبا سىلەر بىزنى مال-مۈلكىمىزدىن ئايرىلىپ قالسۇن دەپ، بۇ يەرگە چاقىرغانمۇ؟! _ دېيىشتى.
16
شىمشوننىڭ ئايالى ئېرىگە يىغلاپ تۇرۇپ: _ سىز مېنى ئۆچ كۆرىدىكەنسىز! ياخشى كۆرمەيدىكەنسىز! بىزنىڭ ئادەملىرىمىزگە بىر تېپىشماق ئېيتىپسىز، ئەمما تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى ماڭا ئېيتىپ بەرمىدىڭىز، _ دېدى. شىمشون ئۇنىڭغا: _ مەن ھەتتا ئاتا-ئانامغىمۇ ئېيتىپ بەرمىگەن تۇرسام، ساڭا ئېيتىپ بېرەتتىممۇ؟ _ دېدى.
17
ئۇ توي ئاخىرلاشقۇچە ئېرىنىڭ ئالدىدا يىغلاپ يۈردى. يەتتىنچى كۈنىگە كەلگەندە، ئايالى بەك غەلۋە قىلىپ كەتكەنلىكتىن، ئاخىرى ئۇنىڭغا جاۋابىنى ئېيتىپ بەردى. ئايالى بولسا بۇ جاۋابنى ئۆزى تەرەپنىڭ ئادەملىرىگە ئېيتىپ بەردى.
18
يەتتىنچى كۈنى كۈنپېتىشتىن بۇرۇن شەھەردىكىلەر شىمشونغا: _ ھەسەلدىن تاتلىق، شىردىن كۈچلۈك نېمە بار؟ _ دەپ جاۋاب بېرىشتى. شىمشون ئۇلارغا: _ ئەگەر سىلەر مېنىڭ ئىنىكىم بىلەن يەر ئاغدۇرمىغان بولساڭلار، تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى تاپالمىغان بولاتتىڭلار، _ دېدى.
19
شىمشونغا تۇيۇقسىز پەرۋەردىگارنىڭ روھى چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاشقىلونغا بېرىپ، 30 ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ھەممە نەرسىلىرىنى ئولجا ئېلىپ، كىيىملىرىنى تېپىشماقنى تاپقانلارغا بەردى. ئاندىن شىمشون دەرغەزەپ بولۇپ، ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەتتى.
20
شۇنداق قىلىپ، قىزنىڭ ئاتىسى قىزىنى شىمشوننىڭ قولدىشىغا بەردى.
← Chapter 13
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 15 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21