bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Matthew 1
Matthew 1
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 2 →
1
ئەيسا مەسىھنىڭ ئەجدادلىرى: ئەيسا مەسىھ داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادى، داۋۇت پادىشاھ بولسا ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى.
2
ئىبراھىم ئىسھاقنىڭ ئاتىسى، ئىسھاق ياقۇپنىڭ ئاتىسى، ياقۇپ يەھۇدا ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئاتىسى،
3
يەھۇدا تاماردىن تۇغۇلغان پارەس ۋە زەراھنىڭ ئاتىسى، پارەس ھېسروننىڭ ئاتىسى، ھېسرون رامنىڭ ئاتىسى،
4
رام ئاممىنادابنىڭ ئاتىسى، ئاممىناداب ناھشوننىڭ ئاتىسى، ناھشون سالموننىڭ ئاتىسى،
5
سالمون راھابتىن تۇغۇلغان بوئازنىڭ ئاتىسى، بوئاز رۇتتىن تۇغۇلغان ئوبىدنىڭ ئاتىسى، ئوبىد يىشاينىڭ ئاتىسى،
6
يىشاي داۋۇت پادىشاھنىڭ ئاتىسى، داۋۇت پادىشاھ ئۇرىيانىڭ ئايالىدىن تۇغۇلغان سۇلايماننىڭ ئاتىسى،
7
سۇلايمان رېھابامنىڭ ئاتىسى، رېھابام ئابىيانىڭ ئاتىسى، ئابىيا ئاسانىڭ ئاتىسى،
8
ئاسا يەھوشافاتنىڭ ئاتىسى، يەھوشافات يورامنىڭ ئاتىسى، يورام ئۇزىيەنىڭ ئاتىسى،
9
ئۇزىيە يوتامنىڭ ئاتىسى، يوتام ئاھازنىڭ ئاتىسى، ئاھاز ھىزىكىيەنىڭ ئاتىسى،
10
ھىزىكىيە ماناسسەنىڭ ئاتىسى، ماناسسە ئاموننىڭ ئاتىسى، ئامون يوشىيەنىڭ ئاتىسى،
11
يوشىيە ئىسرائىل ئەۋلادلىرى بابىلونغا سۈرگۈن قىلىنغاندا تۇغۇلغان يەكونيە ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئاتىسى،
12
يەكونيە ئىسرائىللار بابىلونغا سۈرگۈن بولغاندىن كېيىن تۇغۇلغان شالتىيەلنىڭ ئاتىسى، شالتىيەل زېرۇبابىلنىڭ ئاتىسى،
13
زېرۇبابىل ئابىھۇدنىڭ ئاتىسى، ئابىھۇد ئەلياقىمنىڭ ئاتىسى، ئەلياقىم ئازورنىڭ ئاتىسى،
14
ئازور سادوقنىڭ ئاتىسى، سادوق ئاھىمنىڭ ئاتىسى، ئاھىم ئەلىھۇدنىڭ ئاتىسى،
15
ئەلىھۇد ئەلئازارنىڭ ئاتىسى، ئەلئازار ماتاننىڭ ئاتىسى، ماتان ياقۇپنىڭ ئاتىسى،
16
ياقۇپ مەريەمنىڭ ئېرى يۈسۈپنىڭ ئاتىسى، مەريەم مەسىھ دەپ ئاتالغان ئەيسانىڭ ئاپىسى.
17
بۇنداق بولغاندا، ئىبراھىم پەيغەمبەردىن داۋۇت پادىشاھقىچە ئون تۆت ئەۋلاد، داۋۇت پادىشاھتىن ئىسرائىللار بابىلونغا سۈرگۈن قىلىنغۇچىمۇ ئون تۆت ئەۋلاد ۋە ئۇلار بابىلونغا سۈرگۈن بولغاندىن مەسىھ دۇنياغا كەلگەنگە قەدەر ئوخشاشلا ئون تۆت ئەۋلاد ئۆتكەن.
18
ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا كېلىشى مۇنداق بولغان: مەريەم بىلەن يۈسۈپنىڭ چېيى ئىچكۈزۈلگەنىدى. بىراق، ئۇلار نىكاھلىنىپ بىرلىشىشتىن ئىلگىرى، مەريەمنىڭ مۇقەددەس روھتىن ھامىلىدار بولغانلىقى مەلۇم بولدى.
19
مەريەمنىڭ لايىقى يۈسۈپ دۇرۇس ئادەم بولغاچقا، مەريەمنى خالايىق ئالدىدا نومۇسقا قالدۇرماسلىق ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن جىمجىتلا ئايرىلىپ كەتمەكچى بولدى.
20
بىراق، ئۇ بۇ ئىشنى ئويلاپ يۈرگىنىدە، پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى ئۇنىڭ چۈشىدە كۆرۈنۈپ: «ئەي داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادى يۈسۈپ، مەريەمنى ئەمرىڭگە ئېلىشتىن قورقما، چۈنكى تۇغۇلىدىغان بالا مۇقەددەس روھتىن كەلگەن.
21
ئۇ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ. ئۇنىڭغا ئەيسا [مەنىسى «پەرۋەردىگار قۇتقۇزىدۇ»] دەپ ئىسىم قويغىن، چۈنكى ئۇ ئۆز خەلقىنى گۇناھلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ» دېدى.
22
مانا بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەر ئارقىلىق:
23
«پاك قىز ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ، ئۇنىڭ ئىسمى ئىممانۇئېل [مەنىسى «خۇدا بىز بىلەن بىللە»] قويۇلىدۇ» دېگەن سۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىدۇر.
24
يۈسۈپ ئويغىنىپ پەرىشتىنىڭ دېگىنىنى قىلىپ، مەريەمنى ئەمرىگە ئالدى.
25
لېكىن، مەريەم بوشانغۇچە ئۇنىڭ بىلەن بىر ياستۇققا باش قويمىدى. بالا تۇغۇلغاندا، يۈسۈپ ئۇنىڭغا ئەيسا دەپ ئىسىم قويدى.
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 2 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28