bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Matthew 19
Matthew 19
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 18
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 20 →
1
ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن، جەلىلىيە ئۆلكىسىدىن ئايرىلىپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىكى رايونلارغا باردى.
2
زور بىر توپ ئادەم ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەنىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى كېسەللەرنى شۇ يەردىلا ساقايتتى.
3
ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا كەلگەن بەزى پەرىسىيلەر ئۇنىڭغا تۇزاق قۇرۇش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن: - بىر ئادەمنىڭ ھەرقانداق بىر سەۋەب بىلەن ئايالىنى تالاق قىلىشى تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ؟ - دەپ سورىدى.
4
ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: - تەۋراتنى ئوقۇمىدىڭلارمۇ؟ ياراتقۇچى بۇرۇنلا ئىنسانلارنىڭ بىر گەۋدە بولۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنى «ئەر ۋە ئايال قىلىپ ياراتتى» ۋە
5
«بىر ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ئايالى بىلەن بىرلىشىپ بىر تەن بولۇشى ئەنە شۇ سەۋەبتىندۇر» دېدى.
6
شۇنداق ئىكەن، ئەر-ئايال ئەمدى ئىككى تەن ئەمەس، بىر تەندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا قوشقاننى ئىنسان ئايرىمىسۇن.
7
پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسادىن: - ئۇنداقتا، مۇسا پەيغەمبەر نېمە ئۈچۈن تەۋرات قانۇنىدا ئەرلەرنىڭ ئۆز ئاياللىرىغا بىر پارچە تالاق خېتىنى بېرىپلا ئۇلارنى تالاق قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى؟ - دەپ سوراشتى.
8
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - تەرسالىقىڭلاردىن مۇسا پەيغەمبەر ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلسا رۇخسەت قىلغان. بىراق، ئالەم ئاپىرىدە بولغاندا بۇنداق ئەمەس ئىدى.
9
بىلىپ قويۇڭلاركى، ئايالىنى جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن باشقا بىرەر سەۋەب بىلەن تالاق قىلىپ، باشقا بىرىنى ئەمرىگە ئالغان كىشى زىنا قىلغان بولىدۇ.
10
شاگىرتلار ھەزرىتى ئەيساغا: - ئەگەر ئەر بىلەن ئايال ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت شۇنداق بولسا، ئۇنداقتا ئۆيلەنمەسلىك ياخشى ئىكەن، - دېدى.
11
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - بۇ دېگەنلىكنى ھەممىلا ئادەم ئەمەس، پەقەت خۇدا نېسىپ قىلغانلارلا قوبۇل قىلالايدۇ.
12
ئۆيلەنمەيدىغان كىشىلەر خىلمۇخىلدۇر. بەزىلەر تۇغما جىنسىي ئىقتىدارى ئاجىزلار، بەزىلەر باشقىلار تەرىپىدىن ئاختا قىلىنغانلار، يەنە بەزىلەر ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى ئۈچۈن ئۆيلىنىشتىن ۋاز كەچكەنلەردۇر. بۇ دېگەنلىكنى قوبۇل قىلالايدىغانلار قوبۇل قىلسۇن! - دېدى.
13
قولىنى تەگكۈزۈپ بەخت تىلىسۇن دەپ، كىشىلەر كىچىك بالىلىرىنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. بىراق، شاگىرتلار ئۇلارنى ئەيىبلىدى.
14
ھەزرىتى ئەيسا: - بالىلار ئالدىمغا كەلسۇن، ئۇلارنى توسماڭلار. چۈنكى، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىدىغانلار دەل مۇشۇلارغا ئوخشاشلاردۇر، - دېدى.
15
ھەزرىتى ئەيسا قوللىرىنى ئۇلارغا تەگكۈزۈپ بەخت تىلىگەندىن كېيىن، ئۇ يەردىن ئايرىلدى.
16
بىر كۈنى، بىر يىگىت ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ: - ئۇستاز، مەن قانداق ياخشى ئىشلارنى قىلسام، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىمەن؟ - دەپ سورىدى.
17
ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - ياخشىلىق توغرىسىدا نېمىشقا مەندىن سورايسىز؟ ياخشى بولغۇچىدىن پەقەت بىرىلا بار. مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى ئادا قىلىڭ، - دېدى.
18
- قايسى ئەمرلەرنى دەيسىز؟ - دەپ سورىدى ھېلىقى يىگىت. ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - قاتىللىق قىلما، زىنا قىلما، ئوغرىلىق قىلما، يالغان گۇۋاھلىق بەرمە،
19
ئاتا-ئاناڭغا ھۆرمەت قىل ۋە قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي.
20
- بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتىمەن. بۇلاردىن باشقا يەنە نېمىلەرنى قىلىشىم كېرەك؟ - دەپ سورىدى يىگىت.
21
ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - ئەگەر كەم-كۈتىسىز بولۇشنى خالىسىڭىز، بېرىپ بارلىق مال-مۈلكىڭىزنى سېتىپ، پۇلىنى كەمبەغەللەرگە بېرىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، ئەرشتە خەزىنىڭىز بولىدۇ. ئاندىن كېلىپ ماڭا ئەگىشىڭ، - دېدى.
22
بۇ سۆزنى ئاڭلىغان يىگىت قايغۇ ئىچىدە ئۇ يەردىن كېتىپ قالدى. چۈنكى، ئۇنىڭ مال-دۇنياسى ناھايىتى كۆپ ئىدى.
23
ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا: - بىلىپ قويۇڭلاركى، بايلارنىڭ ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشى تەس.
24
يەنە شۇنى ئېيتايكى، ئۇلارنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشى تۆگىنىڭ يىڭنە تۆشۈكىدىن ئۆتۈشىدىنمۇ تەس! - دېدى.
25
بۇنى ئاڭلىغان شاگىرتلار بەكمۇ ھەيران بولۇشۇپ: - ئۇنداقتا، كىم قۇتقۇزۇشقا ئېرىشەلەيدۇ؟ - دەپ سوراشتى.
26
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا قاراپ: - بۇ، ئىنسانلارنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ، لېكىن خۇدا ھەممىگە قادىردۇر، - دېدى.
27
بۇنىڭ بىلەن، پېترۇس ئۇنىڭدىن: - مانا بىز ھەممىنى تاشلاپ سىزگە ئەگەشتۇق! بىز بۇنىڭدىن نېمىگە ئېرىشىمىز؟ - دەپ سورىدى.
28
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - بىلىپ قويۇڭلاركى، يېڭى دۇنيا يېتىپ كېلىپ، ئىنسانئوغلى شانلىق تەختىدە ئولتۇرغىنىدا، سىلەر - ماڭا ئەگەشكەنلەر ئون ئىككى تەختتە ئولتۇرۇپ، ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىسىلەر.
29
مېنى دەپ ئۆيلىرى، قېرىنداشلىرى، ئاتا-ئانىسى، بالا-چاقىلىرى ياكى يەر-زېمىنلىرىدىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ ھەممىسى يوقاتقانلىرىدىن يۈز ھەسسە ئارتۇقراققا ئېرىشىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتتىن بەھرىمەن بولىدۇ.
30
لېكىن شۇ چاغدا، نۇرغۇن ئالدىنقى قاتاردىكىلەر ئاخىرقىلار بولىدۇ، نۇرغۇن ئاخىرقىلار ئالدىنقى قاتارغا چىقىدۇ.
← Chapter 18
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 20 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28