bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Matthew 8
Matthew 8
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 7
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 9 →
1
ھەزرىتى ئەيسا تاغدىن چۈشكەندە، توپ-توپ كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى.
2
ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر كىشى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ، تىزلىنىپ: - تەقسىر، ئەگەر خالىسىڭىز، مېنى كېسىلىمدىن ساقايتىپ پاك قىلغايسىز! - دېدى.
3
ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا قولىنى تەگكۈزۈپ تۇرۇپ: - خالايمەن، پاك بولغىن، - دېۋىدى، بۇ ئادەمنىڭ بەدىنىدىكى ماخاۋ كېسىلى شۇئان ساقايدى.
4
ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - ھازىر بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنما، لېكىن ئۇدۇل مەركىزىي ئىبادەتخانىغا بېرىپ روھانىيغا ئۆزۈڭنىڭ ساقايغانلىقىڭنى كۆرسەت. ئاندىن، بۇنى باشقىلارغا ئىسپاتلاش ئۈچۈن، مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئەمرى بويىچە ماخاۋ كېسىلىدىن ساقايغانلار قىلىشقا تېگىشلىك قۇربانلىقنى قىل، - دېدى.
5
ھەزرىتى ئەيسا كەپەرناھۇم شەھىرىگە بارغاندا، رىملىق بىر يۈزبېشى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، شاپائەت تىلەپ:
6
- تەقسىر، چاكىرىم پالەچ بولۇپ قالدى، ناھايىتى ئازاب ئىچىدە ئۆيدە ياتىدۇ، - دېدى.
7
- مەن بېرىپ ئۇنى ساقايتىپ بېرەي، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.
8
يۈزبېشى: - تەقسىر، ئۆيۈمگە كېلىشىڭىزگە ئەرزىمەيمەن. پەقەت بىر ئېغىزلا سۆز قىلىپ قويسىڭىز، چاكىرىم ساقىيىپ كېتىدۇ.
9
مېنىڭمۇ ئۈستۈمدە باشلىقىم، قول ئاستىمدا لەشكەرلىرىم بار. بىرىگە بار دېسەم بارىدۇ، بىرىگە كەل دېسەم، كېلىدۇ. چاكىرىمغا بۇ ئىشنى قىل دېسەم، ئۇ شۇ ئىشنى قىلىدۇ، - دېدى.
10
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، ھەيران بولغان ھەزرىتى ئەيسا بىللە كەلگەنلەرگە: - بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇنداق ئىشەنچنى ئىسرائىللار ئىچىدە ئۇچراتمىغانىدىم.
11
سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، مەشرىق ۋە مەغرىبتىن نۇرغۇن يەھۇدىي ئەمەسلەر كېلىپ، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىدا ئەجدادلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرىدۇ.
12
لېكىن، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ مىراسخورلىرى بولغان نۇرغۇن يەھۇدىيلار تاشقىرىغا، قاراڭغۇلۇققا ھەيدىلىپ، ئۇ يەردە ھەسرەتتە يىغلاپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ، - دېدى.
13
ئاندىن، يۈزبېشىغا: - ئۆيۈڭگە قايت، ئىشەنگىنىڭدەك بولىدۇ، - دېدى. ھېلىقى چاكارنىڭ كېسىلى شۇئان سەللىمازا ساقىيىپ كەتتى.
14
ھەزرىتى ئەيسا پېترۇسنىڭ ئۆيىگە بارغاندا، پېترۇسنىڭ قېينانىسىنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغانىدى.
15
ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇشى بىلەنلا قىزىتمىسى يېنىپ كەتتى. ئۇ ئايال دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ھەزرىتى ئەيسانى كۈتۈشكە باشلىدى.
16
قاراڭغۇ چۈشكەندە، كىشىلەر جىن چاپلاشقان نۇرغۇن ئادەملەرنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ھەزرىتى ئەيسا بىر ئېغىز سۆز بىلەنلا ئۇلاردىكى جىنلارنى قوغلىۋەتتى ۋە كېسەللەرنىڭ ھەممىسىنى ساقايتتى.
17
بۇنىڭ بىلەن، يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئۇقتۇرۇلغان: «ئاغرىق-سىلاقلىرىمىزنى ئۇ كۆتۈردى، كېسەللىرىمىزنى ئۈستىگە ئالدى» دېگەن سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
18
ھەزرىتى ئەيسا ئەتراپىغا ئولىشىۋالغان كىشىلەرنى كۆرۈپ، شاگىرتلىرىغا كۆلنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتۈپ كېتىشنى بۇيرۇدى.
19
شۇ چاغدا، تەۋرات ئۇستازلىرىدىن بىرى كېلىپ، ئۇنىڭغا: - ئۇستازىم، سىز قەيەرگە بارماڭ، مەن سىزگە ئەگىشىپ ماڭىمەن، - دېدى.
20
بىراق، ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - تۈلكىنىڭ ئۆڭكۈرى، قۇشنىڭ ئۇۋىسى بار. بىراق، ئىنسانئوغلىنىڭ بېشىنى قويغۇدەك يېرىمۇ يوق، - دېدى.
21
يەنە بىر شاگىرتى ھەزرىتى ئەيساغا: - ئۇستاز، ئاتام ئۆلۈپ ئۇنى يەرلىككە قويغۇچە كۈتۈپ، ئاندىن سىزگە ئەگىشەيچۇ! - دېدى.
22
ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - ماڭا ئەگەشكىن! ئۆلگەنلەرنى روھى ئۆلۈكلەر ئۆزلىرى يەرلىككە قويسۇن، - دېدى.
23
ھەزرىتى ئەيسا كېمىگە چۈشتى، شاگىرتلىرىمۇ چۈشۈپ بىللە ماڭدى.
24
كۆل ئۈستىدە ئۇشتۇمتۇت قاتتىق بوران چىقىپ كەتكەچكە، دولقۇنلار كېمىدىن ھالقىپ كەتتى. بۇ چاغدا، ھەزرىتى ئەيسا ئۇخلاۋاتاتتى.
25
شاگىرتلار ئۇنى ئويغىتىپ: - ئۇستاز، غەرق بولۇش ئالدىدا تۇرىمىز، بىزنى قۇتۇلدۇرغايسىز! - دېدى.
26
- نېمانچە قورقىسىلەر، ئىشەنچىڭلار نېمىدېگەن ئاجىز! - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ، بوران-چاپقۇن ۋە دولقۇنلارغا بۇيرۇق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، بوران ۋە دولقۇنلار پۈتۈنلەي تىنچىدى.
27
شاگىرتلار ئىنتايىن ھەيران بولۇپ، بىر-بىرىگە: - بۇ زادى قانداق ئادەمدۇ؟ ھەتتا بوران ۋە دولقۇنلارمۇ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىكەن-ھە! - دەپ كېتىشتى.
28
ھەزرىتى ئەيسا كۆلنىڭ ئۇ قېتىدىكى گادارا دېگەن جايغا بارغىنىدا، ئۇنىڭغا جىن چاپلاشقان ئىككى كىشى يولۇقتى. گۆر قىلىنىدىغان ئۆڭكۈرلەرنى ماكان تۇتقان بۇ ئىككى كىشى شۇنچە ۋەھشىي ئىدىكى، ھېچكىم بۇ يەردىن ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلالمايتتى.
29
ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى كۆرگەن ھامان: - ئى خۇدانىڭ ئوغلى، ئىشىمىزغا ئارىلاشما! سەن ۋاقىت-سائىتى كەلمەستىنلا بىزنى قىينىغىلى كەلدىڭمۇ؟ - دەپ توۋلىدى.
30
شۇ ئەتراپتا چوڭ بىر توپ توڭگۇز پادىسى ئوزۇقلىنىپ يۈرەتتى.
31
جىنلار ھەزرىتى ئەيساغا يالۋۇرۇپ: - ئەگەر سەن بىزنى ھەيدەپ چىقارماقچى بولساڭ، توڭگۇز پادىسىغا كىرگۈزۈۋەتكىن، - دېدى.
32
ھەزرىتى ئەيسا: - چىقىڭلار! - دېۋىدى، جىنلار چىقىپ، توڭگۇزلارنىڭ تېنىگە كىرىپ كەتتى. پۈتۈن توڭگۇز پادىسى پاتىپاراق بولۇپ، يۈگۈرگەن پېتى تىك ياردىن چۈشۈپ، كۆلگە غەرق بولدى.
33
توڭگۇز باققۇچىلار شەھەرگە قېچىپ كىرىپ، بۇ ئىشنىڭ باش-ئاخىرىنى ۋە جىن چاپلاشقان كىشىلەرنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى خالايىققا تارقاتتى.
34
شۇنىڭ بىلەن، پۈتۈن شەھەردىكىلەر ھەزرىتى ئەيسا بىلەن كۆرۈشۈشكىلى چىقتى. ئۇلار ئۇنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ بۇ يەردىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلدى.
← Chapter 7
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 9 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28