bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Matthew 15
Matthew 15
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 14
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 16 →
1
بۇ چاغدا، پايتەخت يېرۇسالېمدىن بەزى پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ:
2
- شاگىرتلىرىڭ نېمىشقا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىلىرىگە خىلاپلىق قىلىدۇ؟ ئۇلار تاماقتىن ئىلگىرى قوللىرىنى يۇمايدىكەنغۇ، - دېدى.
3
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: - سىلەرچۇ! سىلەر نېمىشقا ئەنئەنىمىزگە رىئايە قىلىمىز دەپ، خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە خىلاپلىق قىلىسىلەر؟
4
خۇدا: «ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» ۋە «ئاتىسى ياكى ئانىسىنى ھاقارەتلىگەنلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلسۇن» دەپ ئەمر قىلغان.
5
لېكىن، سىلەر: «ئاتا-ئانىسىغا: ˜مەندىن ئالىدىغان پۈتۈن ماددىي ياردىمىڭلارنى خۇداغا ئاتىۋەتتىمŒ دېگەن كىشىنىڭ
6
ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادارلىق قىلىش مەجبۇرىيىتى قالمايدۇ» دەيسىلەر. بۇنىڭ بىلەن، ئەنئەنەڭلارنى دەپ، خۇدانىڭ ئەمرىنى يوققا چىقىرىسىلەر.
7
ئەي ساختىپەزلەر! خۇدا يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقان مۇنۇ سۆزلەر سىلەرگە نېمىدېگەن ماس كېلىدۇ-ھە:
8
«بۇ خەلق مېنى ئاغزىدىلا ھۆرمەتلەيدۇ، لېكىن قەلبى مەندىن يىراق.
9
ماڭا قىلغان ئىبادىتى بىھۇدىدۇر. چۈنكى، ئۆگەتكەنلىرى خۇدانىڭ ئەمرلىرى ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرى چىقىرىۋالغان پەتىۋالاردۇر.»
10
ھەزرىتى ئەيسا خالايىقنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا: - قۇلاق سېلىڭلار ھەم شۇنى چۈشىنىڭلاركى،
11
ئىنساننى ناپاك قىلىدىغىنى ئاغزىدىن كىرىدىغىنى ئەمەس، بەلكى ئاغزىدىن چىقىدىغىنىدۇر، - دېدى.
12
كېيىن، شاگىرتلىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: - سىزنىڭ سۆزلىرىڭىز پەرىسىيلەرنىڭ چىشىغا تەگكەنلىكىنى بىلدىڭىزمۇ، - دېدى.
13
ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: - ئەرشتىكى ئاتام تىكمىگەن ھەرقانداق ئۆسۈملۈك يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلىنىدۇ.
14
ئۇلارغا پىسەنت قىلماڭلار؛ ئۇلار قارىغۇلارغا يول باشلايدىغان قارىغۇلاردۇر. ئەگەر قارىغۇ قارىغۇنى يېتەكلىسە، ھەر ئىككىسى ئورىغا چۈشۈپ كېتىدۇ.
15
پېترۇس: - بايا ئېيتقان ناپاكلىق توغرىسىدىكى تەمسىلنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەيسىز، - دېدى.
16
- سىلەرمۇ تېخىچە چۈشەنمەيۋاتامسىلەر؟ - دېدى ھەزرىتى ئەيسا،
17
- ئېغىزغا كىرگەن نەرسىلەرنىڭ ئاشقازان ئارقىلىق تەرەت بولۇپ چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى چۈشەنمەمسىلەر؟
18
لېكىن، ئېغىزدىن چىقىدىغىنى قەلبتىن چىقىدۇ. ئىنساننى ناپاك قىلىدىغىنىمۇ شۇ.
19
چۈنكى، يامان نىيەت، قاتىللىق، زىناخورلۇق، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ئوغرىلىق، يالغان گۇۋاھلىق ۋە تۆھمەتخورلۇق قاتارلىق گۇناھلارنىڭ ھەممىسى قەلبتىن چىقىدۇ.
20
ئىنساننى مانا شۇلار ناپاك قىلىدۇ. يۇيۇلمىغان قوللار بىلەن تائام يېيىش بولسا ئىنساننى ناپاك قىلمايدۇ.
21
ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، تىر ۋە سىدون شەھەرلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارغا باردى.
22
ئۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان قانانلاردىن بولغان بىر ئايال ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ: - ئى تەقسىر! پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى، ھالىمغا يەتكەيسىز! قىزىمغا جىن چاپلىشىۋالغانىدى، ھالى بەك خاراب، - دەپ زارلىدى.
23
لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇ ئايالغا بىر ئېغىزمۇ جاۋاب بەرمىدى. شاگىرتلىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: - بۇ ئايالنى يولغا سالغايسىز! كەينىمىزگە ئەگىشىۋېلىپ يول بويى ۋارقىراپ يۈرىدۇ، - دەپ تەلەپ قىلدى.
24
ھەزرىتى ئەيسا ھېلىقى ئايالغا قاراپ مۇنداق دېدى: - مەن پەقەت خۇدانىڭ يوقالغان قويلىرى - ئىسرائىللارغا ئەۋەتىلدىم.
25
ھېلىقى ئايال ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: - ئى تەقسىر، ماڭا شاپائەت قىلغايسىز! - دەپ، ئايىغىغا يىقىلدى.
26
ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - بالىلارنىڭ نېنىنى ئىتلارغا تاشلاپ بېرىش توغرا ئەمەس، - دېدى.
27
ھېلىقى ئايال بۇنىڭغا جاۋابەن: - شۇنداق، تەقسىر، بىراق ئىتلارمۇ خوجايىنىنىڭ داستىخىنىدىن چۈشكەن نان ئۇۋاقلىرىنى يەيدىغۇ، - دېدى.
28
شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - ئەي ئايال، ئىشەنچىڭ كامىل ئىكەن! تىلىگىنىڭدەك بولسۇن، - دېدى. ئۇ ئايالنىڭ قىزى شۇئان ساقىيىپ كەتتى.
29
ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، جەلىلىيە كۆلىنىڭ بويىدىن ئۆتۈپ، تاغقا چىقىپ ئولتۇردى.
30
ئۇنىڭ ئالدىغا نۇرغۇن خالايىق يىغىلدى. ئۇلار يەنە توكۇر، قارىغۇ، چولاق، گاچا ۋە باشقا ھەر خىل كېسەللەرنىمۇ ئېلىپ كېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا قويۇشتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى ساقايتتى.
31
خەلق گاچىلارنىڭ تىلى چىققانلىقىنى، چولاقلارنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى، توكۇرلارنىڭ ماڭغانلىقىنى، قارىغۇلارنىڭ كۆزى ئېچىلغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەيران بولدى ۋە ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا مەدھىيە ئوقۇدى.
32
ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىنى يېنىغا چاقىرىپ: - بۇ خالايىققا ئىچىم ئاغرىيدۇ. ئۇلار ئۈچ كۈندىن بېرى يېنىمدىن كەتمىدى، يەيدىغان بىر نەرسىسىمۇ قالمىدى. ئۇلارنى ئۆيلىرىگە ئاچ قورساق قايتۇرۇشنى خالىمايمەن، يولدا يىقىلىپ قېلىشى مۇمكىن، - دېدى.
33
شاگىرتلار ئۇنىڭغا: - بۇنداق خىلۋەت بىر يەردە بۇنچىۋالا خالايىقنى تويدۇرغۇدەك ناننى نەدىن تاپىمىز؟ - دېيىشتى.
34
- قانچە نېنىڭلار بار؟ - دەپ سورىدى ھەزرىتى ئەيسا. - يەتتە نان بىلەن بىرنەچچە تال كىچىك بېلىقىمىز بار، - دېيىشتى ئۇلار.
35
بۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا خالايىقنى يەردە ئولتۇرۇشقا بۇيرۇدى.
36
ئاندىن، يەتتە نان بىلەن بېلىقلارنى قولىغا ئالدى ۋە خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ، ئۇلارنى ئوشتۇپ شاگىرتلىرىغا بەردى. ئۇلار كۆپچىلىككە تارقاتتى.
37
ھەممەيلەن يەپ تويغاندىن كېيىن، شاگىرتلار ئېشىپ قالغان پارچىلارنى يەتتە سېۋەتكە يىغىۋالدى.
38
تاماق يېگەنلەرنىڭ سانى ئاياللار ۋە بالىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا تۆت مىڭ كىشى ئىدى.
39
ھەزرىتى ئەيسا خالايىقنى يولغا سالغاندىن كېيىن، كېمىگە چۈشۈپ، ماگادان يېزىسىنىڭ سىرتىغا باردى.
← Chapter 14
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 16 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28