bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Matthew 13
Matthew 13
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 12
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 14 →
1
شۇ كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا ئۆيدىن چىقىپ، كۆل بويىدا ئولتۇراتتى.
2
ئەتراپىغا نۇرغۇن ئادەم يىغىلغاچقا، ئۇ بىر كېمىگە چىقىپ ئولتۇردى. خالايىق بولسا كۆل بويىدا تۇرۇشاتتى.
3
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا تەمسىل بىلەن نۇرغۇن ھېكمەتلەرنى ئېيتىپ بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: - بىر دېھقان ئۇرۇق چاچقىلى ئېتىزىغا چىقىپتۇ.
4
چاچقان ئۇرۇقلىرىنىڭ بەزىلىرى چىغىر يول ئۈستىگە چۈشۈپتۇ، قۇشلار كېلىپ ئۇلارنى يەپ كېتىپتۇ.
5
بەزىلىرى تۇپرىقى كەم تاشلىق يەرلەرگە چۈشۈپتۇ. توپىسى نېپىز بولغانلىقتىن، تېزلا ئۈنۈپ چىقىپتۇ،
6
لېكىن چوڭقۇر يىلتىز تارتمىغاچقا، كۈن چىقىش بىلەنلا سولىشىپ قۇرۇپ كېتىپتۇ.
7
بەزىلىرى تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چۈشۈپتۇ، تىكەنلەر ئۆسۈپ مايسىلارنى بېسىۋاپتۇ.
8
بەزىلىرى بولسا مۇنبەت تۇپراققا چۈشۈپتۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يۈز ھەسسە، بەزىلىرى ئاتمىش ھەسسە، يەنە بەزىلىرى ئوتتۇز ھەسسە ھوسۇل بېرىپتۇ.
9
بۇ سۆزلەرنى قۇلىقىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار!
10
شاگىرتلىرى كېلىپ، ھەزرىتى ئەيسادىن: - سىز نېمە ئۈچۈن كۆپچىلىككە تەلىم بەرگەندە تەمسىل كەلتۈرىسىز؟ - دەپ سورىدى.
11
ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: - ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ سىرلىرى ئۇلارغا ئەمەس، سىلەرنىڭ بىلىشىڭلارغا بېرىلدى.
12
چۈنكى، كىمدە ئەقىل-پاراسەت بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ. ئۇنىڭدىكى ئەقىل-پاراسەت ئېشىپ-تاشقۇچە بولىدۇ. لېكىن، كىمدە ئەقىل-پاراسەت بولمىسا، ئۇنىڭدا بار بولغىنىمۇ ئېلىپ كېتىلىدۇ.
13
ئۇلارغا تەمسىل بىلەن سۆزلىشىمنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلار قارىسىمۇ كۆرمەيدۇ، ئاڭلىسىمۇ تىڭشىمايدۇ ھەم ھەقىقىي چۈشەنمەيدۇ.
14
بۇنىڭ بىلەن، خۇدانىڭ يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئالدىنئالا ئېيتقان مۇنۇ سۆزلىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى: «سۆزلىرىمنى ئاڭلايسىلەر، ئاڭلايسىلەر، چۈشەنمەيسىلەر. قىلغانلىرىمغا قارايسىلەر، قارايسىلەر، مەنىسىنى ئۇقمايسىلەر.
15
چۈنكى، بۇ خەلقنىڭ زېھنى زەئىپلەشكەن. ئۇلار قۇلاقلىرىنى ئېتىۋالغان، كۆزلىرىنىمۇ يۇمۇۋالغان. ئۇنداق بولمىسىدى، كۆزلىرى كۆرەتتى، قۇلاقلىرىمۇ ئاڭلايتتى، زېھنى ئويغىنىپ، ماڭا قايتاتتى. مەنمۇ ئۇلارنى ساقايتاتتىم.»
16
لېكىن، سىلەر نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى، كۆزۈڭلار كۆرىدۇ، قۇلىقىڭلار ئاڭلايدۇ.
17
بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇرۇنقى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ۋە دۇرۇس ئادەملەر سىلەر كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلارنى كۆرۈشنى ۋە ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ، مۇرادىغا يېتەلمىدى.
18
- ئەمدى ئۇرۇق چېچىش توغرىسىدىكى تەمسىلنىڭ مەنىسىنى ئاڭلاڭلار.
19
ئەگەر بىرى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرىسىدىكى سۆزنى ئاڭلاپ تۇرۇپ چۈشەنمىسە، شەيتان كېلىپ ئۇنىڭ كۆڭلىگە چۈشكەن سۆزنى ئېلىپ كېتىدۇ. بۇ دەل چىغىر يول ئۈستىگە چېچىلغان ئۇرۇقلاردۇر.
20
تۇپرىقى كەم تاشلىق يەرلەرگە چېچىلغان ئۇرۇقلارغا كەلسەك، ئۇلار خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، خۇشاللىق بىلەن دەرھال قوبۇل قىلغانلارغا تەمسىل قىلىنغان.
21
ھالبۇكى، خۇدانىڭ سۆزى ئۇلاردا يىلتىز تارتمىغاچقا، ئۇلار ئۇزۇنغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. خۇدانىڭ سۆزىگە ئىشەنگەنلىكىدىن قىيىنچىلىق ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىسا، خۇدا يولىدىن دەرھال چەتنەپ كېتىدۇ.
22
تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چېچىلغىنى شۇنداق ئادەملەرگە تەمسىل قىلىنغانكى، بۇ ئادەملەر خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلىسىمۇ، لېكىن كۆڭلىگە بۇ دۇنيانىڭ ئەندىشىلىرى، بايلىقنىڭ ئېزىقتۇرۇشى كىرىۋېلىپ، خۇدانىڭ سۆزىنى بوغۇۋېتىدۇ-دە، ئۇلار ھوسۇلسىز قالىدۇ.
23
مۇنبەت تۇپراققا چېچىلغان ئۇرۇقلار بولسا خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ چۈشەنگەن ئادەمگە تەمسىل قىلىنغان. بۇنداق ئادەملەر ئەلۋەتتە ھوسۇل بېرىدۇ، بەزىلىرى يۈز ھەسسە، بەزىلىرى ئاتمىش ھەسسە، يەنە بەزىلىرى ئوتتۇز ھەسسە ھوسۇل بېرىدۇ.
24
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا باشقا بىر تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى: - ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى ئېتىزغا ياخشى ئۇرۇق چاچقان ئادەمگە ئوخشايدۇ.
25
بىر كېچىسى، ھەممە ئادەم ئۇيقۇغا چۆمگەندە، ئۇ ئادەمنىڭ دۈشمىنى كېلىپ، بۇغداينىڭ ئارىسىغا ياۋا ئوت ئۇرۇقلىرىنى چېچىۋېتىپ كېتىپتۇ.
26
مايسىلار ئۆسۈپ باشاق چىقارغاندا، ياۋا ئوتلارمۇ كۆرۈنۈشكە باشلاپتۇ.
27
خوجايىننىڭ چاكارلىرى كېلىپ، ئۇنىڭغا: «خوجايىن، سىز ئېتىزغا ياخشى ئۇرۇق چاچقانىدىڭىزغۇ، بۇ ياۋا ئوتلار نەدىن كېلىپ قالدى؟» دەپتۇ.
28
«بۇ بىر دۈشمەننىڭ ئىشى» دەپتۇ خوجايىن. چاكارلار: «بېرىپ ياۋا ئوتلارنى يۇلۇۋەتسەك قانداق؟» دەپ سوراپتۇ.
29
«ياق! ياۋا ئوتلارنى يۇلىمىز دېسەڭلار، بۇغدايلارمۇ يۇلۇنۇپ كېتىشى مۇمكىن.
30
ئۇلارنى ئۆسۈشىگە قويۇۋېتىڭلار. ئورما ۋاقتىدا، مەن ئورمىچىلارغا: ˜ئاۋۋال ياۋا ئوتلارنى يۇلۇپ، كۆيدۈرۈش ئۈچۈن باغلاپ يىغىۋېلىڭلار، ئاندىن بۇغدايلارنى يىغىپ ئامبىرىمغا قاچىلاڭلارŒ دەيمەن» دەپتۇ خوجايىن.
31
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە بىر تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى: - ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى خۇددى بىر ئادەمنىڭ ئېتىزغا چاچقان قىچا ئۇرۇقىغا ئوخشايدۇ.
32
قىچا ئۇرۇقى پۈتۈن ئۇرۇقلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كىچىك بولسىمۇ، ئۇ ھەرقانداق زىرائەتتىن ئېگىز ئۆسۈپ كۆچەت بولىدۇ، ھەتتا قۇشلارمۇ كېلىپ ئۇنىڭ شاخلىرىدا ئۇۋۇلايدۇ.
33
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا باشقا بىر تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى: - ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى خۇددى خېمىرتۇرۇچقا ئوخشايدۇ. ئايال خېمىرتۇرۇچنى بىر خالتا ئۇنغا قوشۇپ يۇغۇرسا، بۇ خېمىرتۇرۇچ پۈتۈن خېمىرنى بولدۇرالايدۇ.
34
ھەزرىتى ئەيسا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تەمسىللەر بىلەن كۆپچىلىككە بايان قىلدى. ئۇ تەمسىل كەلتۈرمەي تۇرۇپ ھېچقانداق تەلىم بەرمەيتتى.
35
بۇنىڭ بىلەن، بىر پەيغەمبەر ئارقىلىق ئالدىنئالا ئېيتىلغان مۇنۇ سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى: «ئاغزىمنى تەمسىل سۆزلەش بىلەن ئاچىمەن، دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى سىر بولۇپ كەلگەن ئىشلارنى تىلغا ئالىمەن.»
36
شۇنىڭدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىكتىن ئايرىلىپ ئۆيگە كىردى. شاگىرتلىرى يېنىغا كېلىپ: - ئېتىزدىكى ياۋا ئوتلار توغرىسىدىكى تەمسىلنى چۈشە دۈرۈپ قويسىڭىز، - دېدى.
37
ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - ياخشى ئۇرۇقلارنى چاچقان ئىنسانئوغلىدۇر.
38
ئېتىز دۇنيا بولۇپ، ياخشى ئۇرۇقلار ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ مىراسخورلىرىدۇر. ياۋا ئوتلار بولسا شەيتانغا تەۋە بولغانلاردۇر.
39
ياۋا ئوت ئۇرۇقلىرىنى چاچقان دۈشمەن شەيتاندۇر. ئورما ۋاقتى زامان ئاخىرى، ئورمىچىلار بولسا پەرىشتىلەردۇر.
40
ياۋا ئوتلار قانداق يۇلۇنۇپ ئوتقا تاشلانغان بولسا، زامان ئاخىرىدىمۇ شۇنداق بولىدۇ.
41
ئىنسانئوغلى پەرىشتىلىرىنى ئەۋەتىپ، ئىنسانلارنى گۇناھقا ئازدۇرغان ۋە يامانلىق قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز پادىشاھلىقىدىن شاللاپ،
42
ئۇلارنى لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا تاشلايدۇ. ئۇلار ئۇ يەردە ھەسرەتتە يىغلاپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ.
43
ھەققانىي ئادەملەر ئۇ چاغدا ئاتىسى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا قۇياشتەك چاقنايدۇ. بۇ سۆزلەرنى قۇلىقىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار!
44
- ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى خۇددى ئېتىزدا يوشۇرۇلغان بىر خەزىنىگە ئوخشايدۇ. ئۇنى تېپىۋالغۇچى ھاياجان ئىچىدە خەزىنىنى قايتىدىن يوشۇرۇپ، شۇ ئېتىزنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن بار-يوقىنى سېتىۋېتىدۇ.
45
ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى يەنە قىممەت باھالىق ئۈنچە-مەرۋايىتلارنى ئىزدىگەن سودىگەرگە ئوخشايدۇ.
46
سودىگەر ناھايىتى قىممەت باھالىق بىر مەرۋايىتنى تاپقانىكەن، قايتىپ بېرىپ بار-يوقىنى سېتىپ، ئۇ مەرۋايىتنى سېتىۋالىدۇ.
47
- ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى يەنە دېڭىزغا تاشلىنىپ ھەر خىل بېلىقلارنى تۇتىدىغان تورغا ئوخشايدۇ.
48
تور توشقاندا، بېلىقچىلار ئۇنى قىرغاققا تارتىپ چىقىرىدۇ. ئاندىن ئولتۇرۇپ، ياخشى بېلىقلارنى ئىلغىۋېلىپ، سېۋەتلەرگە قاچىلاپ، ناچارلىرىنى تاشلىۋېتىدۇ.
49
قىيامەت كۈنىمۇ شۇنداق بولىدۇ. پەرىشتىلەر كېلىپ يامان كىشىلەرنى ھەققانىي كىشىلەردىن ئايرىيدۇ
50
ۋە ئۇلارنى لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا تاشلايدۇ. ئۇلار ئۇ يەردە ھەسرەتتە يىغلاپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ.
51
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن: - بۇ سۆزلەرنى چۈشەندىڭلارمۇ؟ - دەپ سورىدى. - چۈشەندۇق، - دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار.
52
ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى توغرۇلۇق تەلىم ئالغان تەۋرات ئۇستازى خۇددى خەزىنىسىدىن كونىنىلا ئەمەس، بەلكى يېڭى نەرسىلەرنىمۇ ئېلىپ چىققان خوجايىنغا ئوخشايدۇ.
53
ھەزرىتى ئەيسا بۇ تەمسىللەرنى سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ يەردىن ئايرىلىپ،
54
ئۆز يۇرتىغا كەتتى ۋە ئۆز يۇرتىدىكى ئىبادەتخانىدا خەلققە تەلىم بېرىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ تەلىمىنى ئاڭلىغان خەلق ھەيران بولۇپ: - بۇ ئادەمنىڭ بۇنچىۋالا ئەقىل-پاراسىتى ۋە مۆجىزە يارىتىش قۇدرىتى نەدىن كەلگەندۇ؟
55
ئۇ پەقەت ئاددىي بىر ياغاچچىنىڭ ئوغلىغۇ؟ ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى مەريەم؛ ياقۇپ، يۈسۈپ، سىمۇن ۋە يەھۇدالار ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ئەمەسمۇ؟
56
سىڭىللىرىنىڭ ھەممىسى ئۆز ئىچىمىزدىغۇ؟ شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇنىڭدىكى بۇ قابىلىيەتلەر زادى نەدىن كەلگەندۇ؟ - دېيىشەتتى.
57
شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۇنى رەت قىلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - پەيغەمبەر ئۆز يۇرتى ۋە ئۆز ئۆيىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولمايدۇ.
58
ئۇلارنىڭ ئېتىقادسىزلىقى تۈپەيلىدىن ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردە كۆپ مۆجىزە كۆرسەتمىدى.
← Chapter 12
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 14 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28