bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Matthew 2
Matthew 2
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 1
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 3 →
1
ھەزرىتى ئەيسا ھىرود پادىشاھ زامانىسىدا يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ بەيتلەھەم يېزىسىدا دۇنياغا كەلدى. كېيىن، شەرقتىن بەزى مۇنەججىملەر يېرۇسالېمغا كېلىپ، كىشىلەرگە:
2
- يەھۇدىيلارنىڭ يېڭىدىن تۇغۇلغان پادىشاھى قەيەردە؟ بىز ئۇنىڭ تۇغۇلغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدىغان يۇلتۇزنىڭ شەرقتىن كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆردۇق. شۇڭا، ئۇنىڭغا سەجدە قىلغىلى كەلدۇق، - دېيىشتى.
3
بۇنى ئاڭلىغان ھىرود پادىشاھ ئالاقزادىلىككە چۈشتى. جۈملىدىن، پۈتكۈل يېرۇسالېم خەلقىمۇ شۇنداق بولدى.
4
ھىرود پادىشاھ پۈتكۈل ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلاردىن: - پەيغەمبەرلەر قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ قەيەردە تۇغۇلىدۇ دېگەنىدى؟ - دەپ سورىدى.
5
- يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ بەيتلەھەم يېزىسىدا، چۈنكى بۇ توغرۇلۇق مىكا پەيغەمبەر مۇنداق خاتىرىلىگەن:
6
«ئەي يەھۇدىيە زېمىنىدىكى بەيتلەھەم، يەھۇدىيە رەھبەرلىرىنىڭ نەزىرىدە ئورنۇڭ مۇھىم. چۈنكى سەندىن چىققۇسى، خەلقىم ئىسرائىللارنىڭ يېتەكچىسى» - دېيىشتى ئۇلار.
7
بۇنىڭ بىلەن، ھىرود پادىشاھ مۇنەججىملەرنى مەخپىي چاقىرتىپ، يۇلتۇزنىڭ قاچان پەيدا بولغانلىقىنى ئۇقۇۋالدى.
8
ئاندىن: «بېرىپ بالىنى كۆڭۈل قويۇپ ئىزدەڭلار. تاپقان ھامان ماڭا خەۋەر قىلىڭلار، مەنمۇ ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ سەجدە قىلىپ كېلەي» دەپ، ئۇلارنى بەيتلەھەمگە يولغا سالدى.
9
مۇنەججىملەر ھىرود پادىشاھنىڭ سۆزىگە بىنائەن يولغا چىقتى. شەرقتىن كۆتۈرۈلگەن ھېلىقى يۇلتۇز ئۇلارغا يول باشلاپ ماڭدى، ئۇلار بالا تۇغۇلغان يەرگە كېلىپ توختىدى.
10
ئۇلار ھېلىقى يۇلتۇزنى كۆرگىنىدىن ئىنتايىن خۇشال بولۇشتى
11
ھەم ئۆيگە كىرىپ بالىنى ئانىسى مەريەم بىلەن بىللە كۆرگىنىدە، يەرگە باش قويۇپ بالىغا سەجدە قىلىشتى. ئاندىن، ساندۇقلىرىنى ئېچىپ، ئالتۇن، مەستەك، مۇرمەككى قاتارلىق سوۋغاتلارنى ئېلىپ سۇنۇشتى.
12
ئۇلار قايتماقچى بولغاندا خۇدا ئۇلارنىڭ چۈشىدە ھىرود پادىشاھنىڭ يېنىغا بارماسلىققا بېشارەت بەرگەنلىكتىن، ئۇلار باشقا يول بىلەن ئۆز يۇرتىغا قايتىشتى.
13
مۇنەججىملەر كەتكەندىن كېيىن، خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى يۈسۈپنىڭ چۈشىدە كۆرۈنۈپ: - ئورنۇڭدىن تۇر! ئانا-بالا ئىككىسىنى ئېلىپ مىسىرغا قاچ. مەن ساڭا خەۋەر بەرگۈچە ئۇ يەردە تۇر. چۈنكى، ھىرود پادىشاھ بالىنى ئىزدەپ تېپىپ ئۆلتۈرمەكچى، - دېدى.
14
بۇنىڭ بىلەن، يۈسۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئانا-بالا ئىككىسىنى ئېلىپ، شۇ كېچىلا مىسىرغا قاراپ يولغا چىقتى.
15
ئۇلار ھىرود پادىشاھ ئۆلگۈچە شۇ يەردە تۇردى. بۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەر ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقان: «ئوغلۇمنى مىسىردىن مەن چاقىردىم» دېگەن سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
16
ھىرود پادىشاھ مۇنەججىملەرگە ئالدانغانلىقىنى سېزىپ، قاتتىق غەزەپلەندى. ئۇ مۇنەججىملەرنىڭ ئېيتقانلىرىغا ئاساسەن بوۋاقنىڭ يېشىنى ھېسابلاپ چىقىپ، بەيتلەھەم يېزىسى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى ئىككى ياش ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن ياشتىكى ئوغۇل بالىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى.
17
بۇنىڭ بىلەن، خۇدانىڭ يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقان مۇنۇ سۆزلىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى:
18
«رامادا ئاڭلاندى يىغا-زار ۋە پەرياد، قان يىغلايدۇ پەرزەنتلىرىگە راھىلە، تەسەللىگە قايىل ئەمەس پەقەتلا، چۈنكى قالمىدى پەرزەنتلىرى ھايات.»
19
ھىرود پادىشاھ ئۆلگەندىن كېيىن، مىسىردا يۈسۈپنىڭ چۈشىدە خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى كۆرۈنۈپ:
20
- ئورنۇڭدىن تۇر! بالا ۋە ئانىسىنى ئېلىپ ئىسرائىلىيىگە قايت! چۈنكى، بالىنىڭ جېنىنى ئالماقچى بولغانلار ئۆلدى، - دېدى.
21
بۇنىڭ بىلەن، يۈسۈپ بالا ۋە ئانىسىنى ئېلىپ ئىسرائىلىيىگە قايتتى.
22
بىراق، يۈسۈپ ھىرود پادىشاھنىڭ ئوغلى ئارخېلاسنىڭ پادىشاھلىق تەختكە ۋارىسلىق قىلىپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسىدە ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، قايتىشتىن قورقتى. كېيىن، ئۇ خۇدانىڭ بېشارىتىگە ئاساسەن
23
جەلىلىيە ئۆلكىسىگە بېرىپ، ناسىرە شەھىرىگە ئورۇنلاشتى. بۇنىڭ بىلەن، پەيغەمبەرلەرنىڭ: «ئۇ ناسىرەلىك دەپ نام ئالىدۇ» دېگىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
← Chapter 1
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 3 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28