bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Matthew 22
Matthew 22
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 21
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 23 →
1
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە تەمسىل بىلەن مۇنداق دېدى:
2
- ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى خۇددى بىر پادىشاھنىڭ ئوغلى ئۈچۈن تەييارلىغان توي زىياپىتىگە ئوخشايدۇ.
3
توي كۈنى، پادىشاھ زىياپەتكە تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلارنى چاقىرىش ئۈچۈن چاكارلىرىنى ئەۋەتىپتۇ، لېكىن مېھمانلار كېلىشنى خالىماپتۇ.
4
بۇنىڭ بىلەن، پادىشاھ يەنە باشقا چاكارلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا: «مېھمانلارغا: ˜قاراڭلار، زىياپەت تەييار بولدى. ئۆكۈز ۋە سېمىز ماللار سويۇلدى، ھەممە نەرسە تەييار، زىياپەتكە مەرھەمەت!Œ دەڭلار» دەپ تاپىلاپتۇ.
5
بىراق، مېھمانلار ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئېتىبارغا ئالماي، بىرى ئېتىزىغا كەتسە، يەنە بىرى تىجارىتىگە كېتىپتۇ.
6
قالغانلىرى ھېلىقى چاكارلارنى تۇتۇۋېلىپ، قاتتىق ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ.
7
غەزەپكە كەلگەن پادىشاھ لەشكەرلىرىنى چىقىرىپ، ئۇ قاتىللارنى يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ شەھىرىگە ئوت قويۇۋېتىپتۇ.
8
ئاندىن، چاكارلىرىغا: «توي زىياپىتى تەييار، لېكىن چاقىرىلغانلار لايىق بولۇپ چىقمىدى.
9
ئەمدى سىلەر يول ئاچاللىرىغا بېرىپ، ئۇچراتقانلىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى تويغا تەكلىپ قىلىڭلار» دەپتۇ.
10
بۇنىڭ بىلەن، چاكارلار يول ئاچاللىرىغا چىقىپ، ياخشى بولامدۇ، يامان بولامدۇ، ئۇچراتقانلىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىپتۇ. توي بولغان ئورۇن مېھمانلار بىلەن تولۇپتۇ.
11
پادىشاھ مېھمانلار بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەندە، ئۇ يەردە توي كىيىمى كىيمىگەن بىر كىشىنى كۆرۈپتۇ.
12
پادىشاھ ئۇنىڭدىن: «بۇرادەر، توي كىيىمى كىيمەي، بۇ يەرگە قانداق كىردىڭ؟» دەپ سوراپتۇ، بىراق ئۇ كىشى ھېچقانداق جاۋاب بېرەلمەپتۇ.
13
پادىشاھ چاكارلىرىغا: «ئۇنىڭ پۇت-قوللىرىنى باغلاپ، تاشقىرىغا، قاراڭغۇلۇققا ئاچىقىپ تاشلاڭلار! ئۇ يەرگە تاشلانغانلار ھەسرەتتە يىغلاپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ» دەپتۇ.
14
ئاخىردا، ھەزرىتى ئەيسا: - تەكلىپ قىلىنغانلار كۆپ، لېكىن تاللانغانلار ئاز، - دېدى.
15
بۇنىڭ بىلەن، پەرىسىيلەر ئۇ يەردىن كېتىپ، قانداق قىلىپ ھەزرىتى ئەيسانى ئۆز سۆزلىرى بىلەن تۇزاققا چۈشۈرۈش ھەققىدە مەسلىھەتلەشتى.
16
ئۇلار ئۆز شاگىرتلىرىنى رىمدىن تەيىنلەنگەن ھىرود پادىشاھنىڭ تەرەپدارلىرى بىلەن بىللە ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا ئەۋەتىپ: - ئۇستاز، سىزنىڭ سەمىمىي ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى، كىشىلەرگە خۇدانىڭ يولىنى سادىقلىق بىلەن ئۆگىتىپ كەلگەنلىكىڭىزنى ۋە ھېچكىمگە يۈز-خاتىر قىلمايدىغانلىقىڭىزنى بىلىمىز، چۈنكى كىشىلەرنىڭ سىرتقى قىياپىتى بىلەن ھېسابلاشمايسىز.
17
قېنى، ئېيتىپ بەرگەيسىز، رىم ئىمپېراتورى قەيسەرگە باج تاپشۇرۇشىمىز تەۋرات قانۇنىمىزغا خىلاپمۇ قانداق؟ - دېيىشتى.
18
ئۇلارنىڭ يامان نىيىتىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا: - ئەي ساختىپەزلەر، نېمىشقا مېنى سۆزۈم ئارقىلىق ئىلىندۇرماقچى بولۇۋاتىسىلەر؟
19
باجغا تاپشۇرىدىغان پۇلۇڭلارنى ماڭا كۆرسىتىڭلارچۇ، - دېدى. ئۇلار بىر دانە كۈمۈش تەڭگە ئەكەلدى.
20
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن: - بۇنىڭ ئۈستىدىكى سۈرەت ۋە ئىسىم كىمنىڭ؟ - دەپ سورىدى.
21
- رىم ئىمپېراتورى قەيسەرنىڭ، - دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار. - ئۇنداق بولسا، قەيسەرنىڭ ھەققىنى قەيسەرگە، خۇدانىڭ ھەققىنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا.
22
ئۇلار بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، ھەيران بولۇشتى-دە، ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىدىن كېتىپ قالدى.
23
شۇ كۈنى، ئۆلگەنلەر تىرىلمەيدۇ، دەپ قارايدىغان سادۇقىي دىنىي ئېقىمىدىكىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ:
24
- ئۇستاز، مۇسا پەيغەمبەر تەۋراتتا: «بىر كىشى پەرزەنت كۆرمەي ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ ئاكا ياكى ئىنىسى تۇل قالغان يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، قېرىندىشى ئۈچۈن نەسىل قالدۇرۇشى لازىم» دەپ تەلىم بەرگەن.
25
بۇرۇن بۇ يەردە يەتتە ئاكا-ئۇكا بار ئىدى. چوڭى ئۆيلەنگەندىن كېيىن ئالەمدىن ئۆتتى. پەرزەنت كۆرمىگەنلىكتىن، كەينىدىكى ئىنىسى يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئالدى.
26
بىراق، ئۇمۇ پەرزەنت كۆرمەي ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئايالى كەينىدىكى ئىنىسىغا ياتلىق بولدى. بۇ ئىش تاكى يەتتىنچى ئىنىسىغىچە داۋاملاشتى.
27
ئاخىردا، ئۇ ئايالمۇ ئالەمدىن ئۆتتى.
28
ئەمدى سورايدىغىنىمىز شۇكى: قىيامەت كۈنى بۇ ئايال يەتتە ئاكا-ئۇكىدىن قايسىسىنىڭ ئايالى بولۇپ تىرىلىدۇ؟ چۈنكى، ئۇنى ھەممىسى ئەمرىگە ئالغان-دە!
29
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: - سىلەر مۇقەددەس يازمىلارنى ۋە خۇدانىڭ قۇدرىتىنى بىلمىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن خاتالىشىسىلەر.
30
ئۆلۈمدىن تىرىلگەندىن كېيىن، ئىنسانلار ئەرشتىكى پەرىشتىلەرگە ئوخشاش، خوتۇن ئالمايدۇ، ئەرگە تەگمەيدۇ.
31
ئۆلۈمدىن تىرىلىش مەسىلىسى ھەققىدە خۇدانىڭ سىلەرگە دېگەن سۆزىنى ئوقۇمىدىڭلارمۇ؟ ئەجدادلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئاللىبۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، خۇدا ئۇلارنى تىرىك ھېسابلاپ،
32
«مەن ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بولىمەن!» دەيدۇ. دېمەك، خۇدا ئۆلۈكلەرنىڭ ئەمەس، تىرىكلەرنىڭ خۇداسىدۇر.
33
بۇلارنى ئاڭلىغان خەلق ئۇنىڭ تەلىمىدىن داڭ قېتىپ قېلىشتى.
34
پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ سادۇقىيلارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىغانلىقىنى ئاڭلاپ، بىر يەرگە جەم بولۇشتى.
35
ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر تەۋرات ئۇستازى ھەزرىتى ئەيسانى سىناش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن:
36
- ئۇستاز، تەۋرات قانۇنىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەمر قايسى؟ - دەپ سورىدى.
37
ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: - «پەرۋەردىگارىڭ بولغان خۇدانى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ، پۈتۈن زېھنىڭ بىلەن سۆيگىن.»
38
ئالدىنقى ۋە ئەڭ مۇھىم ئەمر مانا شۇ.
39
ئۇنىڭغا ئوخشاش مۇھىم يەنە بىر ئەمر بولسا «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي.»
40
پۈتۈن تەۋرات قانۇنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىماتلىرى بۇ ئىككى ئەمرنى ئاساس قىلغان.
41
پەرىسىيلەر توپلىشىپ تۇرغاندا، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن:
42
- قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ توغرىسىدا نېمە ئويلاۋاتىسىلەر؟ ئۇ كىمنىڭ ئەۋلادى؟ - دەپ سورىدى. - داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادى، - دېيىشتى ئۇلار.
43
ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن داۋۇت پادىشاھ مۇقەددەس روھنىڭ ئىلھامى بىلەن قۇتقۇزغۇچى- مەسىھنى «خوجايىنىم» دەپ ئاتايدۇ؟ داۋۇت زەبۇردا مۇنداق دېگەنغۇ:
44
«پەرۋەردىگار خوجايىنىمغا ئېيتتىكى: ˜مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى ئايىغىڭ ئاستىدا دەسسەتكۈچە، مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن!Œ»
45
قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى بولسىمۇ، لېكىن پادىشاھ داۋۇت مەسىھنى «خوجايىنىم» دېگەن يەردە مەسىھ ئۇنىڭدىن ئۇلۇغ بولمامدۇ؟!
46
ھەزرىتى ئەيساغا ھېچكىم گەپ قايتۇرالمىدى. شۇ كۈندىن ئېتىبارەن، ھېچكىم ئۇنىڭدىن سوئال سوراشقا پېتىنالمىدى.
← Chapter 21
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 23 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28