bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Ezekiel 4
Ezekiel 4
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 3
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 43
Chapter 44
Chapter 45
Chapter 46
Chapter 47
Chapter 48
Chapter 5 →
1
_ ئەي ئادەم بالىسى، بىر دانە كېسەك ئەكېلىپ، ئۇنى ئالدىڭغا قوي ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە يېرۇسالېم شەھىرىنى ئويۇپ چىق.
2
ئاندىن ئويۇلغان شەھەرنىڭ مۇھاسىرىدە قالغانلىقىغا ئىشارە قىلىپ، ئەتراپىغا سېپىلغا چىقىدىغان ئىنشائاتلارنى ياسا، توپا دۆۋىلە، بارگاھ قۇر، قوۋۇقبۇزار ئورۇنلاشتۇر.
3
قولۇڭغا بىر تاۋا ئېلىپ، ئۇنى سەن بىلەن شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا تۆمۈر تام سۈپىتىدە تىكلەپ قوي. ئاندىن شەھەرگە يۈزلەن، شەھەر قورشاۋغا ئېلىنغان ھالەتتە بولسۇن، شەھەرنى سەن قورشاۋغا ئالىسەن. بۇ ئىسرائىل خەلقىگە بېرىلگەن بىر بېشارەت بولىدۇ.
4
ئاندىن سول يېنىڭنى بېسىپ يېتىپ، ئىسرائىل خەلقىنىڭ گۇناھلىرىنى ئۈستۈڭگە ئال. سول يېنىڭنى بېسىپ ياتقان ھەربىر كۈن سەن ئۈستۈڭگە ئالغان ئىسرائىللارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ يىل سانى بولىدۇ.
5
ئۇلار قانچە يىل گۇناھ قىلغان بولسا، سەن شۇنچە كۈن سول يېنىڭچە ياتىسەن. سەن ئىسرائىل خەلقىنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن 390 كۈن سول يېنىڭنى بېسىپ ياتىسەن.
6
ئاندىن سەن 40 كۈن ئوڭ يېنىڭنى بېسىپ يېتىپ، يەھۇدىيە خەلقىنىڭ گۇناھلىرىنى ئۈستۈڭگە ئالىسەن. سەن يېنىڭنى بېسىپ ياتقان كۈنلەرنىڭ سانى ئۇلارنىڭ گۇناھ ئۆتكۈزگەن يىللىرىنىڭ سانىدۇر.
7
ئاندىن قورشاۋ ئاستىدىكى يېرۇسالېمغا يۈزلەن، يېڭىڭنى تۈرۈپ، بۇ شەھەرگە قارشى بېشارەت بەر.
8
شەھەرنى قورشاۋغا ئېلىش مۇددىتى توشمىغۇچە، ئوڭ، سول تەرىپىڭنى ئالماشتۇرۇۋالماسلىقىڭ ئۈچۈن، سېنى ئارغامچا بىلەن باغلاپ قويىمەن.
9
نان قىلىش ئۈچۈن ئارپا، پۇرچاق، ماش، تېرىق ۋە ھەر خىل بۇغدايلارنى كومزەككە قاچىلىۋال، بۇلارنى 390 كۈن يېنىڭچە ياتقان ۋاقتىڭدا ئوزۇق قىلىسەن.
10
ھەر كۈنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا يەيدىغان نەرسەڭنىڭ مىقدارى بىر قاچا تاماق، بىر كاسا سۇ بولىدۇ.
12
باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئوتۇن ئورنىغا ئادەم تېزىكى ئىشلىتىپ، نان پىشۇرىسەن.
13
پەرۋەردىگار يەنە: بۇ مەن ئىسرائىللارنى ياقا يۇرتلارغا سۈرگۈن قىلغاندا، ئۇلارنىڭ ھارام يېمەكلىكلەرنى يەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، _ دېدى.
14
مەن: _ ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، مەن ئەزەلدىن ئۆزۈمنى بۇلغاپ باقمىدىم! مەن بالا ۋاقتىمدىن تاكى ھازىرغىچە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ياكى يىرتقۇچ ھايۋانلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى ۋە باشقا ھارام گۆشلەرنى ئاغزىمغا ئېلىپ باقمىدىم، _ دېدىم.
15
ئۇ ماڭا: _ بولىدۇ، ئادەم تېزىكى ئورنىغا كالا تېزىكى ئىشلىتىشىڭگە رۇخسەت قىلاي، _ دېدى.
16
ئۇ يەنە: _ ئەي ئادەم بالىسى، مەن يېرۇسالېمنىڭ ئاشلىق مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلايمەن. ئۇلار نورمىلىق يېمەكلىكلىرى ۋە سۇلىرىنى تەشۋىش ۋە قورقۇنچ بىلەن يەپ-ئىچىشىدۇ.
17
ئۇلارنىڭ ئاشلىقى ۋە سۈيى كەمچىل بولىدۇ. ئۇلار ۋەھىمە ئىچىدە بىر-بىرىگە قارىشىدۇ، ئاخىرى گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ماغدۇرسىزلىنىپ ھالاك بولۇشىدۇ، _ دېدى.
← Chapter 3
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 43
Chapter 44
Chapter 45
Chapter 46
Chapter 47
Chapter 48
Chapter 5 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48