bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Deuteronomy 14
Deuteronomy 14
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 13
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 15 →
1
_ سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىدۇرسىلەر، شۇڭا ئۆلگەنلەرگە ماتەم تۇتقىنىڭلاردا تېنىڭلارنى تىلماڭلار ياكى چېچىڭلارنىڭ ئالدىنى چۈشۈرمەڭلار.
2
سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاتالغان خەلقدۇرسىلەر. ئۇ سىلەرنى يەر يۈزىدىكى بارلىق خەلقلەر ئارىسىدىن تاللاپ، ئۆزىنىڭ قىممەتلىك خەلقى قىلدى.
3
خۇدا مەنئى قىلغان ھەرقانداق نەرسىلەرنى يېمەڭلار.
4
كالا، قوي، ئۆچكە،
5
بۇغا، جەرەن، كېيىك، تاغ ئۆچكىسى، بۆكەن ۋە ئارقارنى يېسەڭلار بولىدۇ.
6
تۇيىقى ئاچىماق ھەم كۆشەيدىغان ھەرقانداق ھايۋانلارنى يېسەڭلار بولىدۇ.
7
كۆشەيدىغان ياكى تۇيىقى ئاچىماق ھايۋانلاردىن تۆگە، توشقان ۋە سۇغۇرنى يېمەڭلار. چۈنكى ئۇلار كۆشىسىمۇ، لېكىن تۇيىقى ئاچىماق بولمىغاچقا، سىلەر ئۈچۈن ھارامدۇر.
8
چوشقىمۇ سىلەر ئۈچۈن ھارامدۇر، چۈنكى تۇيىقى ئاچىماق بولسىمۇ، ئۇ كۆشىمەستۇر. ئۇنىڭ گۆشىنى يېسەڭلارمۇ، ئۆلۈكىنى تۇتساڭلارمۇ بولمايدۇ.
9
سۇدا ياشايدىغان قاناتلىق ۋە قاسراقلىق جانلىقلارنى يېسەڭلار بولىدۇ.
10
سۇدا ياشايدىغان قاناتسىز ۋە قاسراقسىز جانلىقلار سىلەر ئۈچۈن ھارامدۇر، يېسەڭلار بولمايدۇ.
11
ھالال قۇشلارنى يېسەڭلار بولىدۇ.
12
يېگىلى بولمايدىغان ھارام قۇشلار: بۈركۈت، بارلىق تاپ قۇشلىرى،
13
ھەر خىل سار ۋە لاچىن،
14
قاغا-قۇزغۇنلار،
15
ھەر خىل ھۇۋقۇش، چايكا، شۇڭقار تىپىدىكى قۇشلار، تازقارا، قارونا،
18
لەيلەك، قوتان تىپىدىكى قۇشلار، ھۆپۈپ ۋە شەپەرەڭ.
19
قاناتلىق، توپلىشىپ ئۇچىدىغان ھاشارەتلەر سىلەر ئۈچۈن ھارامدۇر، يېسەڭلار بولمايدۇ.
20
لېكىن بارلىق قاناتلىق ھالال جانلىقلارنى يېسەڭلار بولىدۇ.
21
ئۆلۈك ھايۋاننىڭ گۆشىنى يېمەڭلار، لېكىن ئۇنى شەھەردە سىلەر بىلەن بىرگە ياشايدىغان يات خەلقلەرگە بەرسەڭلار ياكى ساتساڭلار بولىدۇ. چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا مەنسۇپ، پاك خەلقسىلەر. ئوغلاقنى ئانىسىنىڭ سۈتىدە پىشۇرماڭلار.
22
_ ھەر يىلى ھوسۇلۇڭلارنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى
23
پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا خەلقىم بۇ يەردە ماڭا ئىبادەت قىلسۇن دەپ، تاللىغان جايدا تەقدىم قىلىڭلار. تەقدىم قىلىنغان ئوندىن بىر ئۈلۈش ئاشلىق، شاراب، زەيتۇن يېغى، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ تۇنجى تۇغۇلغانلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا يەڭلار، ئىچىڭلار. شۇنداق قىلىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن بىر ئۆمۈر ئەيمىنىشنى ئۆگىنىسىلەر.
24
پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە بەخت ئاتا قىلسا، لېكىن سىلەر تۇرىدىغان يەر بەلگىلەنگەن ئىبادەت قىلىش ئورنىدىن يىراق بولۇپ، مال-مۈلكۈڭلارنىڭ ئوندىن بىرىنى ئاپىرىپ بېرەلمىسەڭلار،
25
ئۇنى كۈمۈشكە ئايلاندۇرۇپ، بەلگىلەنگەن ئىبادەت قىلىش ئورنىغا ئېلىپ بېرىڭلار.
26
سىلەر شۇ يەردە كالا، قوي، مەي ۋە شارابلارنى خالىغانچە سېتىۋېلىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا بىر ئائىلە كىشىلىرى بىرلىكتە يەڭلار، ئىچىڭلار، شادلىنىڭلار.
27
لېكىن يۇرتۇڭلاردىكى لاۋىيلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار، چۈنكى ئۇلارغا يەر تەقسىم قىلىنمىغاندۇر.
28
ھەر ئۈچىنچى يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئالغان بارلىق ھوسۇلۇڭلارنىڭ ئوندىن بىرىنى ئايرىپ، شەھەردە ساقلاڭلار.
29
ئۇنى يۇرتۇڭلاردىكى يات خەلقلەر، يېتىم بالىلار، تۇل ئاياللار ۋە يەر تەقسىم قىلىنمىغان لاۋىيلارغا بېرىڭلار، ئۇلار يەپ تويسۇن. شۇنداق قىلساڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئىشىڭلارنى راۋان قىلىپ، بەختكە ئېرىشتۈرىدۇ.
← Chapter 13
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 15 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34