bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Deuteronomy 19
Deuteronomy 19
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 18
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 20 →
1
_ سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىندىكى ئەللەرنى قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇ يەردىكى شەھەر ۋە ئۆيلەرگە ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىن،
2
ئۇ زېمىننى ئۈچ بۆلەككە بۆلۈپ، ھەر بۆلىكىدە بىردىن شەھەرنى پاناھلىنىدىغان شەھەر قىلىپ بەلگىلەپ چىقىڭلار. بۇ ئۈچ شەھەرگە بارغىلى بولىدىغان يول ياساڭلار. ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلار ئاشۇ شەھەرلەرگە قېچىپ بېرىپ پاناھلانسۇن.
4
پاناھلىنىشنىڭ شەرتلىرى مۇنداق بولىدۇ: ئەگەر بىر ئادەم بىخەستەلىك قىلىپ، ئاداۋىتى بولمىغان بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، پاناھلىنىدىغان شەھەرلەردىن بىرسىگە قېچىپ بېرىپ، پاناھلانسۇن.
5
مەسىلەن، ئىككى ئادەم بىرگە ئورمانغا ياغاچ كەسكىلى بارغاندا، بىرسىنىڭ پالتىسىنىڭ بېشى سېپىدىن چىقىپ كېتىپ، شېرىكىنى ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۆلتۈرۈپ قويغۇچى پاناھلىنىدىغان شەھەرگە قېچىپ بېرىپ، پاناھلانسا بولىدۇ.
6
ناۋادا پاناھلىنىدىغان شەھەردىن پەقەت بىرسى بولۇپ، ئارىلىقى يىراق بولۇپ قالسا، قىساسكار غەزىپىدە ئۇنى قوغلاپ تۇتۇۋېلىپ، ئۆلتۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن. ئەسلىدە ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغۇچى ئۆزى بىلەن قىلچە ئاداۋىتى بولمىغان بىر ئادەمنى بىخەستەلىكتىن ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئۆلمەسلىكى كېرەك.
7
شۇڭا مەن سىلەرنىڭ پاناھلىنىشىڭلار ئۈچۈن ئۈچ شەھەرنى بەلگىلىشىڭلارنى بۇيرۇيمەن.
8
ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى سۆيۈپ، داۋاملىق ئۇنىڭ يولىدا مېڭىپ، مەن بۈگۈن سىلەرگە يەتكۈزگەن ئۇنىڭ بارلىق ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلساڭلار، پەرۋەردىگار زېمىنىڭلارنى كېڭەيتىدۇ ۋە ئەجدادلىرىڭلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنلارنى سىلەرگە تولۇق بېرىدۇ. ئۇ چاغدا سىلەر يەنە پاناھلىنىش ئۈچۈن ئۈچ شەھەرنى بەلگىلەپ چىقىڭلار.
10
پەرۋەردىگار خۇدا سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەن زېمىندا بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ قېنىنىڭ تۆكۈلۈشىدىن ساقلىنىڭلار. بولمىسا سىلەر گۇناھسىز ئادەمنى ئۆلتۈرگەن جىنايەتكار بولۇپ قالىسىلەر.
11
ئەگەر بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمگە ئۆچمەنلىك قىلىپ، پايلاپ تۇرۇپ، ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىپ، ئاندىن پاناھلىنىدىغان شەھەرگە قېچىپ بېرىۋالسا،
12
ئەسلىدىكى قاتىل تۇرۇشلۇق شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرى ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىپ، قىساسكارنىڭ قولىغا تاپشۇرسۇن ۋە قاتىل ئۆلتۈرۈلسۇن.
13
قاتىللارغا رەھىم قىلماڭلار، ئىسرائىللار ئارىسىدىن بىگۇناھ ئادەملەرنى ئۆلتۈرىدىغان گۇناھكارلارنى يوقاتقاندىلا، ئاندىن ئىشىڭلار راۋان بولىدۇ.
14
_ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەن زېمىندا قوشناڭلارنىڭ پاسىل تېشىنى يۆتكىمەڭلار، چۈنكى ئۇنى ئەجدادلىرىڭلار تىكلىگەندۇر.
15
_ بىر ئادەمنىڭ جىنايەت ياكى گۇناھ سادىر قىلغان-قىلمىغانلىقىغا بىر ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەنلا ھۆكۈم قىلماڭلار. ئىككى ياكى ئۈچ ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن ھۆكۈم قىلىڭلار.
16
ئەگەر بىرسى ساختا گۇۋاھلىق بېرىپ، باشقىلارنى قارىلىسا،
17
قارىلىغۇچىمۇ ۋە قارىلانغۇچىمۇ پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىدىغان جايغا بارسۇن. نۆۋەتچى روھانىيلار ۋە سوتچىلار ھۆكۈم چىقارسۇن.
18
سوتچىلار ۋەقەنى تەپسىلىي تەكشۈرگەندىن كېيىن، گۇۋاھلىق بەرگۈچىنىڭ ساختا گۇۋاھلىق بەرگەنلىكى ئېنىقلانسا،
19
ساختا گۇۋاھچىنىڭ يامان نىيىتىنى ئۆزىگە قايتۇرۇڭلار. شۇنداق قىلىپ ئاراڭلاردىكى رەزىللىكنى يوقىتىڭلار.
20
باشقىلار بۇنى ئاڭلىسا، قورقىدۇ ۋە يەنە مۇشۇنداق رەزىل ئىشلارنى قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ.
21
رەزىللەرگە رەھىم قىلماڭلار، جانغا جان، كۆزگە كۆز، چىشقا چىش، قولغا قول، پۇتقا پۇت ئېلىڭلار.
← Chapter 18
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 20 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34